ئەسسلام تورىمىزنىڭ ھەقىقى ساھىپلىرى،
بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ سەمىمىي تەۋسىيىسىگە بولغان ھۆرمىتىمىز ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەلقارادا بىرلىككە كېلىۋاتقان uyghur دەپ يېزىلىدىغان شەكلىنى تېخىمۇ ياخشى ئومۇملاشتۇرۇشقا ھەسسىمىزنى قوشۇش مەقسىتىدە، ئۇيغۇرلار تورىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تورداشلارغا سۇنىلىدىغان بارلىق خىزمەتلىرى بۇندىن كېيىن www.uyghurlar.tv ئادىرىسىدا داۋام قىلىدۇ. ھازىر سىزلەر زىيارەت قىلىۋاتقان www.uygurlar.org/uygur ئادرىسىدىكى تېمىلار ۋە ئىنكاسلار ئۆچۈرىۋىتىلمەيدۇ، بۇ تېمىلارنىڭ ھەممىسى يېڭى ئادرىسىمىزغىمۇ كۆچۈرۈلدى. بۇندىن كېيىن يوللىنىلىدىغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يېزىقىدىكى بارلىق يېڭى تېمىلار www.uyghurlar.tv ئادرىسىغا يوللىنىدۇ. ئىنكاس قالدۇرغۇچىلارنىڭ بۇ يېڭى ئادرىستا پىكىر – تەلەپ ۋە تەۋسىيىلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇر نامىنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىدە يېزىلىش شەكلى بويچە ئېلىنغان www.uygurlar.org ئادرىسى بۇ تور بەتنىڭ تۆركىيە تۈركچىسىدىكى خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ قەدەر ئىنسانىي خىسلەتلەرگە باي بىر مەدەنىيەتنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىك تۈپەيلىدىن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىدە ئۆزىگە تېگىشلىك يېرىنى ئالالماسلىقى ياكى يىمىرىلىشقا يۈزلىنىشى، باشقىلارنىڭ ئەمەس دەل بىزنىڭ جىنايىتىمىزدۇر. ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگە يەتكۈزۈلگەن خىسلەتلەرنىڭ مۇجەسسىمى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئەۋلاتلىرىمىزغا تېخىمۇ مۇل مەزمۇنلار بىلەن يەتكۈزۈش بىز ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولمىسا ئۇيغۇر مىللىتىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.
تورىمىزنىڭ بىردىنبىر ۋە ئۆزگەرمەس نىشانى ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى جەۋھەرلەرنى توپلاش، خاتىرە قالدۇرۇش ۋە نەسىللىرىمىزگە يەتكۈزۈشتۇر. بۇ جەھەتتە دوستلارنى ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز.
ئالى ئىھتىرام بىلەن،





بارىكاللا ئەزىزلەر، ئەجرىڭلەر كۆمۈلمەيدۇ، بىرقىسىم نوپۇزلۇق توربەتلەرگە مۇشۇ ھەقتە تەكلىپ پىكىر بەرسەك قوبۇل كۆرمىگەن ئىدى، سىلەر بۇ ھەقتە دادىل قەدەم تاشلاپ باشلامچى بولۇپسىلەر، ئاپىرىن ! ئاللاھ ئەجرىڭلەرنى بەرسۇن.