NASA دىن ئۇيغۇر ئالىمىغا يەنە بىر كەسپى مۇكاپات

بۈگۈن ئۇيغۇر فىزىكا ئالىمى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىگەيەنە بىر قېتىم ئونىڭ NASA تەتقىقات خىزمىتىگە كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ، ئالاھىدە تەقدىرلەش ئېلىپ بارماقچى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىپتىخارى بولغان سۆيۈملۈك ئۇيغۇر فىزىكا ئالىممىز دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچى زىيالىلار نامىدىن قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئاللاھ دوكتۇر ئەركىن سىدىققا ئوخشاش ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ يىتىشىپ چىقىپ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن شان – شەرەپ ئېلىپ كىلىشىمىزگە، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – تەتقىقات ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بۇلىشىغا مەدەت بەرگەي!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار