ئۇيغۇرلار تورى
تورداشلارغا ئەسكەرتىش !!!
ئەسسلام تورىمىزنىڭ ھەقىقى ساھىپلىرى،
بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ سەمىمىي تەۋسىيىسىگە بولغان ھۆرمىتىمىز ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەلقارادا بىرلىككە كېلىۋاتقان uyghur دەپ يېزىلىدىغان شەكلىنى تېخىمۇ ياخشى ئومۇملاشتۇرۇشقا ھەسسىمىزنى قوشۇش مەقسىتىدە، ئۇيغۇرلار تورىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تورداشلارغا سۇنىلىدىغان بارلىق خىزمەتلىرى بۇندىن كېيىن www.uyghurlar.tv ئادىرىسىدا داۋام قىلىدۇ. ھازىر سىزلەر زىيارەت قىلىۋاتقان www.uygurlar.org/uygur ئادرىسىدىكى تېمىلار ۋە ئىنكاسلار ئۆچۈرىۋىتىلمەيدۇ، بۇ تېمىلارنىڭ ھەممىسى يېڭى ئادرىسىمىزغىمۇ كۆچۈرۈلدى. بۇندىن كېيىن يوللىنىلىدىغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يېزىقىدىكى بارلىق يېڭى تېمىلار www.uyghurlar.tv ئادرىسىغا يوللىنىدۇ. ئىنكاس قالدۇرغۇچىلارنىڭ بۇ يېڭى ئادرىستا پىكىر – تەلەپ ۋە تەۋسىيىلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇر نامىنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىدە يېزىلىش شەكلى بويچە ئېلىنغان www.uygurlar.org ئادرىسى بۇ تور بەتنىڭ تۆركىيە تۈركچىسىدىكى خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ قەدەر ئىنسانىي خىسلەتلەرگە باي بىر مەدەنىيەتنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىك تۈپەيلىدىن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىدە ئۆزىگە تېگىشلىك يېرىنى ئالالماسلىقى ياكى يىمىرىلىشقا يۈزلىنىشى، باشقىلارنىڭ ئەمەس دەل بىزنىڭ جىنايىتىمىزدۇر. ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگە يەتكۈزۈلگەن خىسلەتلەرنىڭ مۇجەسسىمى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئەۋلاتلىرىمىزغا تېخىمۇ مۇل مەزمۇنلار بىلەن يەتكۈزۈش بىز ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولمىسا ئۇيغۇر مىللىتىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.
تورىمىزنىڭ بىردىنبىر ۋە ئۆزگەرمەس نىشانى ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى جەۋھەرلەرنى توپلاش، خاتىرە قالدۇرۇش ۋە نەسىللىرىمىزگە يەتكۈزۈشتۇر. بۇ جەھەتتە دوستلارنى ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز.
ئالى ئىھتىرام بىلەن،
ئۇيغۇرلار تورى
رەشىت رەھمەت ئەراتى ۋە ئۇيغۇرلار
ماقالە ئاپتورى:يۈسۈپجان ياسىن ( تەرجىمە ئەسەر)
رەشىد رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مەشھۇر تۈركولوگ.
ئۇ 1900- يىلى قازان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. 1906-1910-يىللاردا باشلانغۇچ تەربىيىسىنى ئالغان. 1913- يىلى قىزىليار شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1918- يىلى لىسە(تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ)نى تاماملىغان.
1917-يىلىدىكى بولشىۋېك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار قارمىقىدا ھەر خىل ژورناللار چىقىرىلىشقا باشلىغان. رەشىدى رەھمەتى ئارات دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىرلىك» نامىدىكى بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ، «ياشلىق تېڭى» دېگەن بىر ژورنالنى چىقارغان ۋە دەستلەپكى قەلەم سىناقلىرىنى مۇشۇ ژۇرنالدىن باشلىغان.
رەشىد رەھمەتى ئارات 1918- يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. 1919-يىلى يارلىنىپ سىبىرىيىگە يۆتكىۋىتىلگەن. ئۇ، سىبىرىيىدە قازان تاتارلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىكى مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىجراچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
1922- يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش مەزگىلىدە ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە تۈركولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرس ۋە سېمىنەرلەرگە قاتناشقان. بۇ جەرىياندا يەنە ھەر قايسى يەرلەردىن كەلگەن تۈركلەرنىڭ قۇرغان جەمئىيەت ۋە ئۇيۇشمىلىرىغا قاتنىشىپ، ژورناللاردا تۈرلۈك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.
1927- يىلى سېلىشتۇرما تۈرك تىلى ساھەسىدە يازغان «ئالتايچىدا ياردەمچى پېئىللار ۋە رەۋىش– پېئىللار» ناملىق دوكتورلۇق دېسىرتاتسىيىسىنى ياقلىغان. بۇ ئەسىرى يەنە بىلەن لېكتورلۇق ئۈنۋانىغىمۇ ئېرىشكەن. 1931-يىلى شەرق تىللىرى مەكتىپىدە شىمالىي تۈركلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخى كەسپى بويىچە دوتسېنت بولغان. بۇ جەرىياندا دەستلەپكى ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىغان.
رەشىد رەھمەتى ئارات 1933-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ، ئىستانبۇل ئۇنۋېرسېتىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كۇرسىغا پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن. 1958-يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوردىناريۈس پروفېسسور بولغان.
تۈركىيە تۈركولوگىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىلتىز تارتىشىدا ئاراتنىڭ بۈيۈك بىر ئەجرى بار. ۋ. باڭكاۇپ تەرىپىدىن قۇرۇلغان سېلىشتۇرما تۈرك تىلى تەتقىقاتىنى تۈركىيىگە ئېلىپ كىرىپ ئومۇملاشتۇرغان ۋە تولۇق بىر تەرەققىياتقا ئىرىشتۈرگەن كىشى رەشىد رەھمەتى ئارات ئىدى. ئۇ بۇ ساھەدە شىناسى تېكىن، تالات تېكىن، سائادەت چاغاتاي ۋە نۇرى يۈجە قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىلىم تارمىقى تۈركىيە تۈركولوگىيىسىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرماقتا. تۈرك (تۈركىي) تىلىنىڭ بىر قانچە دەۋرى ۋە ساھەسىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن بىرمۇنچە ئەسەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرك ترانسىكرىپسيون يېزىقىنىمۇ رەشىد رەھمەتى ئارات ئىجاد قىلغان. بولۇپمۇ تۈرك تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ پاسىلىنى سىزىپ بەرگەن ئەسىرى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرىدا ئىزچىل تەتبىقلانماقتا.
رەشىد رەھمەتى ئارات تۈرك تىلىنىڭ ئومۇمىي تارىخىي تەرەققىياتىنى ۋە ئومۇملاشقان شىۋىلىرىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئالىم. ئۇ قەدىمكى تۈركچىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرچىنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان تۈركولوگ. ھەقىقەتەن، تۈركولوگىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ بىر ئىلىم ساھەسىگە ئايلانغان. ئۇ ياۋروپالىق تۈركولوگلارنىڭ ئەڭ بۈيۈكلىرىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، «تۈركولوگىيە سىلەر ئۈچۈن بىر كەسپ ۋە تۈرمۇش ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر ۋاستىسى، لېكىن بىز ئۈچۈن ھەر نەرسىدۇر» دەيتتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى يەڭگىللىك بىلەن قىلغان ھۆكۈملىرىگە ئەسلا يول قويمايتتى.
رەشىد رەھمەتى ئارات داۋراڭسىز، ئەمما ھەقىقىي مەنىدىكى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ، تۈرك(تۈركىي) مىللىتىگە كىشىلەر ئاسانلىقچە قىلالمايدىغان كاتتا ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن خىزمەت قىلغان. ياۋروپا ئىلىم دۇنياسىنىڭ خرىستىانلىق ۋە تۈرك دۈشمەنلىكى پۇراپ تۇرغان تەرەپلىرى بىلەن ئەڭ كەسكىن كۈرەش قىلغان. «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نى مۇشۇنداق بىر سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تۈرك تەپەككۇرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا بىر تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى روھىنى ئاتا قىلغان كىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتتۇر. دېمەك، تۈركچە «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نىڭ مەيدانغا كېلىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتقا تايانغان. ئارات تۈركىيە ئىلىم — پېنىنىڭ غۇرۇرى بولغان بۇ ئەسەرگە روھى جەھەتتىكىگە ئوخشاش، شەكىل جەھەتتىنمۇ ئۆلچەم ۋە مۇكەممەلىكنى بېغىشلىغان ئىدى. ئۇ بۇ كاتتا قامۇسقا ئۆز ئىمزاسى بىلەن بىرمۇنچە ماددىلارنى يازغاندىن باشقا يەنە سانسىزلىغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ كىرگۈزگەن. رەشىد رەھمەتى ئارات تولىمۇ كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن باغلانغان بۇ ئەسەر ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئىدى.
رەشىد رەھمەتى ئارات خۇددى كاتتا ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئادەمدەك چوڭقۇر بىر تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. ئۇ قولغا ئالغا ھەر قانداق بىر مەسىلە ۋە تېمىدا باشقىلار قايتىدىن بىر نەرسە دېيىشكە ئورۇن قالمايتتى. تۈرك ھوقۇق پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئەسىرى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» دەل ئۇنىڭ ئەجرى بىلەن دۇنياغا ئۆزىنى قايتا تۇنۇتقىنىدەك، «قەدىمكى تۈرك شېىرلىرى»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «بابۇرنامە»، «تۇرپان تېكىستلىرى» (6-ۋە7- توملىرى)نى يەنە ئۇ تەييارلاپ ئېلان قىلغان ئىدى.
شەرقتە ساخالىندىن تارتىپ غەربتە ئىستانبۇلغا قەدەر بولغان جايلاردا ياشايدىغان بارلىق تۈركلەرنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى دۇنياغا تۇنۇتۇشنى، بۇ ئارقىلىق تۈرك بىرلىكىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان «تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى»نىڭ پائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئىشتىراك قىلغان رەشىد رەھمەتى ئارات بۇ ئىنىستىتۇتنى ئۆزىنىڭ ئىدىالىدىكى مۇەسسىسە سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جان – دىل بىلەن ياردەم قىلغان. بۇ ئىنستىتۇت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىدارە ئىشلىرى ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلىرىدە پاال ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا داۋاملىق قاتناشقان.
تۈركلەرنىڭ ئىلمى ھاياتى ۋە مىللىي شەرىپى ئۈچۈن بۈيۈك ئەجىر سىڭدۈرگەن رەشىد رەھمىتى ئارات 1964- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ماددىي ھايات دەرىخى 64 يىل ياشاپ قۇرۇغىنى بىلەن مەنىۋى ھايات دەرىخى بولسا تۈرك دۇنياسى ئىچىدە مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدۇ.
ئاراتنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق بۇ ماقالىسى 1933-1934- يىللاردا يېزىلغان. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ تۈرلۈك ۋەسىقىلەر شۇ چاغدا تېخى تولۇق رەتلىنىپ ۋە سىستېمىلىق بىر تەتقىق قىلىدىغان باسقۇچقا كىرمىگەچكە، ئارات بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى پىكىرلەرنى كېيىنكى تەتقىقاتقا قالدۇرغان. ھەقىقەتەن، بۇلاردىن بەزىلىرى كېيىنكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئايدىڭلاشتى. شۇڭا، بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ يېزىلغان ۋاقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى ئۈمىت قىلىمىز. يەنە شۇ بىر مەسىلىنى ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرك دېگەن نام بىزنىڭ مەتبۇاتلىرىمىزدىكى تۈركىي مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، بىز ئاپتورنىڭ پىكرىنى ئەينەن ئىپادە قىلىش مەقسىتىدە بۇنى ئەسلى شەكلى بويىچە ئالدۇق، يەنە بەزى جۇغراپىيىلىك ناملارنىمۇ ئەسلى شەكلى بويىچە ئېلىپ تىرناق ئىچىگە بىزنىڭ مەتبۇاتلىرىمىزدىكى ئاتىلىشىنى ئەسكەرتتۇق. ماقالىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنى نەزەرگە ئېلىپ ماقالىنىڭ بەزى قىسمىنى ۋە ئاخىرىدىكى ئىزاھاتنى قىسقارتىۋىتىشنى لايىق كۆردۇق.
تەرجىماندىن
كىرىش سۆز
دۇنيا خەرىتىسىگە نەزەر تاشلانغان ھامان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ نە قەدەر مۇھىم بىر يەرنى ئىگىلىگەنلىكى دەرھال كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ كەڭ زېمىن ئۈستىدە تۈرك مىللىتىنىڭ ياراتقان تارىخ ۋە كۈلتۈر مەنقۇلاتلىرى كېيىنكى دەۋرلەرگە قەدەر يات ئەللەر تەرىپىدىن بۇ مىللەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە قارشى مەقسەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلدى. بۈگۈنكى دۇنيا خەرىتىسىنىڭ بىز كۆرىۋاتقان مۇشۇ شەكىلنى ئېلىشىدا تۈرك مىللىتىنىڭ ئوينىغان رولى ھازىرغا قەدەر يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنغان ئەمەس. يالغۇز دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئالغان شەكلىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە تارىخىنىڭ يارىتىلىشىدىمۇ تۈرك مىللىتىنىڭ تەسىرى زور بولغان. شەرق بىلەن غەربنى، شىمال بىلەن جەنۇپنى بىر بىرىگە باغلىغان ۋە بۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا دائ ىملىق مۇناسىۋەت بەلۋاغلىرىنى ياراتقان تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنىڭ يالغۇز ماددىي كۈلتۈر ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقى مۇھەققەقتۇر.
ئەپسۇس، يېقىنقى تارىخىمىزمۇ ھېلىغىچە تولۇق دېگىدەك يورۇتىلغان ئەمەس. تۈرك تارىخىنى ۋە تۈرك كۈلتۈرىنى بۇ مىللەتنىڭ پايدىلىنىشى ۋە ئىدىالى(مىللىي ئىدىيىسى- ت) نۇقتىسىدىن ئۆگىنىش پىكرى كېيىنكى ۋاقىتلارغا قەدەر مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. مانا شۇ سەۋەبلىك، تالاي ئەسىرلەر داۋامىدا تۈرك مىللىتىنىڭ ياراتقان كۈلتۈر ئەسەرلىرى ھەمىشە يات ناملار ئاستىدا ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە چىقىرىلدى، كۈلتۈر تارىخىدا داىم باشقىلارنىڭ ھېسابىغا يېزىپ قويۇلدى. جۇڭگو، تىبەت، ھىندىستاندىكى تۈرك مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدىن باشلاپ كېيىنكى ۋاقىتلارغا قەدەر تۈرك كۈلتۈرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن قانداق شەكىلدە تونۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈش بۇ غەيرى تەبىىي ۋەزىيەتنى چۈشۈنىشكە كۇپايە قىلىدۇ. قانداق ئەھۋالدا بىر مىللەتنىڭ ئۆزلۈك (مىللىي خاسلىق) تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭ ياراتقان كۈلتۈر ئەسەرلىرى ئاشۇ مىللەتنىڭ ھاياتلىق كۈرىشىدە پايدىلانغىلى بولمايدىغان بىر ھالغا كېلىپ قالىدۇ؟ بۇنىڭغا تېخى جاۋاپ بېرىلگەن ئەمەس. ئىشىنىشىمىزچە، تۈرك كۈلتۈرى ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار تۈرك ئىشلىرى نۇقتىىنەزىرىدىن يۈرگۈزۈلگەندە ۋە بۇ ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر مىللىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى بىلەن باغلانغان چاغدا، يەنىمۇ بىر ھەسسە قىممەت ۋە ئەھمىيەتكە ئىرىشكەن بولىدۇ.
تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن لازىم بولغان ماتېرىياللار تۈرك تارىخىنىڭ ئايرىم–ئايرىم دەۋرلىرىدىن بىزگە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلەردە مەۋجۇتتۇر. ئاۋۋال بۇلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈرك روھىنىڭ ئىجادىيەت قۇۋۋەتلىرىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش لازىم. تۈرك مىللىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي كۈلتۈرىنىڭ زامانىمىزغا قەدەر يىتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى شۇ قەدەر كۆپ ۋە مولكى، تارىختا مۇشۇنداق بىر مىراسقا ئىگە مىللەتلەر ناھايىتى ئاز. لېكىن، بۇ ئەسەرلەرنى مۇەييەن بىر پىلان ئىچىدە ئۆز ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تەتقىق قىلىشىمىز زۆرۈر. ھەر ۋاقىت ئېچىۋىتىلگەن، كېڭەيگەن ۋە يۈكسەلگەن بۇ كۈلتۈرنى تېپىشىمىز تۈرك مىللىتىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشى بىلەن پارلاق كەلگۈسىنى بىر بىرىگە باغلاشقا ياردەم بىرىدۇ.
جۇمھۇرىيەت تۈركىيىسىنى ياراتقان ئاتاتۈرك ئەينى ۋاقىتتا مىللىتىگە ئۆز مەنلىكىنىمۇ تىكلەپ بەرگەن، تارىخ ۋە كۈلتۈر ساھەلىرىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى تۇنجى قېتىم تۈرك مەسىلىلىرى ئۈستىگە قۇرغانىدى. تۈرك مىللىي مەسىلىسىگە تۈرك مىللىتىنىڭ ھاياتلىق مەسىلىسى شەكلىنى بەرگەن بۈيۈك قوماندان(ئاتاتۈرك- ت)نىڭ ئەسىرلەردىن بېرى سەل قارىلىپ كەلگەن بۇ مۇھىم ساھەگە كۆرسەتكەن مۇھەببىتى ۋە تەۋرەنمەس مەنىۋىي كۈچى بۇ ساھەنىڭ پات ئارىدىكى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا يېتەرلىك بىر دەلىلدۇر. چۈنكى، ئۆز ئىدىئالىغا ئىرىشكەن ۋە دۇنيا كۈلتۈرىگە ئۆز مەنلىكىنىڭ تامغىسىنى ئۇرغان بىر مىللەتنىڭ، ئاڭلىق بىر شەكىلدە كۈرەش قىلغان ۋە ئۆز ئىدىالىغا قاراپ ئاڭلىق ھالدا ئىلگىرىلىگەن مىللەت ئىكەنلىگى سۆبھىسىزدۇر.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىسقىچە بىر نەزەر
(شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئېكىسپېدىتسىيە جەريانىدا تېپىلغان ماتېرىياللارغا كۆرە)
ئەسىرلەر داۋامىدا يەر يۈزىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت رايونلىرىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن ۋە بۇ يەرلەرنىڭ كۈلتۈر ھاياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە سىياسىي تەرەققىياتىدا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغان تۈرك مىللىتىنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتە كۆپىنچە بىر بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغان قىسىملىرىنىڭ تارىختىكى مۇساپىسىنى ئىزدەپ تېپىش ۋە كېلىچەكتىكى تەقدىرىنى كۆرۈپ يېتىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇزۇن دەۋرلەرنى ۋە كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنبەلەرنى بىر يەرگە توپلاش ۋە ئۇلارنى ئوخشاش نۇقتىىنەزەر بىلەن بىر كۈلتۈر ھالىتىدە تەتقىق قىلىش ئىشى، پەقەت مۇشۇ رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈرلۈك ئىزدىنىش — قىدىرىشلارنىڭ تولۇقلىنىشىغا باغلىق بولماقتا.
تۈرك قەۋملىرىنىڭ تۈرلۈك دەۋر ۋە رايونلاردا قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا ئايرىم بىر ئېپىزود ھالىتىدە خاتىرىلەنگەن. بۇلارنى بىر يەرگە توپلاپ، بىر بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش لازىم، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. بۇ شەكىلدە ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى تۈرك مىللىتىنىڭ قولىدا مەۋجۇد تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ھەممىسىنى پەقەت بىرلا نۇقتىىنەزەر بويىچە جىددىي بىر تاسقاشتىن ئۆتكۈزۈش زۆرۈر. پەقەت مۇشۇ شەكىلدىلا تۈرك تارىخىنىڭ تۈرلۈك دەۋرلىرى ھەققىدە ھەقىقىي–توغرا بىر نەتىجىگە ئىرىشىش مۈمكىن بولىدۇ.
تۈرك تارىخى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن شەرقتە جۇڭگو مەنبەلىرى خېلىلا كەڭ ۋە مول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. تارىخىدا يات مىللەتلەرنى داىم ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە كۆزەتكەن جۇڭگو مەنبەلىرى ئىلمىي ۋە جىددىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئاساس بولۇشتىن خېلىلا يىراق بولسىمۇ، بۇلاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى ھەر ۋاقىت مەۋجۇدتۇر. بۇلار خىرونولوگىيىلىك(يىلنامە شەكلىدە –ت) جەھەتتىن رەتلىنىپ، باشقا يېقىن ئىلىم تارماقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇلىشى كېرەك. تۈرك تارىخىغا، بولۇپمۇ قەدىمكى دەۋرلىرىگە ئالاقىدار بولغان بۇ خىل مەنبەلەرنىڭ ھەركىم پايدىلىنالايدىغان بىر شەكىلدە نەشىر قىلىنىشى يالغۇز تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، تۈرك كۈلتۈرىنىڭ باشقا ساھەلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ لازىم ۋە زۆرۈردۇر.
بۇ ساھەدە بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەجىرىبىلەردىن بىر نەرسىنى ئېنىق كۆردۇقكى، ئاسىيادا بۈگۈن تۈرك مەملىكىتى سۈپىتىدە كۆرۈنىۋاتقان يەرلەر قەدىمكى زامانلاردا شەرققە، شىمالغا ۋە جەنۇپقا قاراپ تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە سوزۇلغان بولۇپ، تارىخ قەيد قىلغان دەسلەپكى دەۋرلەردىن ئېتىبارەن ھەر ۋاقىت تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن ۋە بۇ مەملىكەتنىڭ ھەر بىر نۇقتىسى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىختىكى مۇساپىسى ۋە تەرەققىياتىغا شاھىد بولغان.
بىر تەرەپتىن شىمالىي ھىندىستاندىن باشلاپ بۈگۈنكى موڭغولىستان (موڭغولىيە – ت) نىڭ شىمالىغا قەدەر سوزۇلغان، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقتە بۈگۈنكى غەربىي جۇڭگوغا قەدەر بولغان مەملىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زىمىنلار تۈرك قەۋملىرىنىڭ دۆلەت تەشكىلاتلىرىغا تەۋە بولغان. بۇ زېمىننىڭ چېگراغا يېقىن بولغان بەزى قىسىملىرىنىڭ پات – پات سىياسىي ھۆرىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن. لېكىن، بۇ كەڭ رايوننى بىر نوقتىغا ئۇيۇشتۇرغان مەركەزىي زىمىن ھەر ۋاقىت تۈرك مەملىكىتى دېگەن سۈپەت بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن. بۇ مەركەزنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي ھاكىمىيەت زاماننىڭ ئىھتىياجى يۈزىسىدىن تۈرلۈك دەۋرلەردە تۈرلۈك تۈركىي قەۋملىرى ئارىسىدا ئالمىشىپ تۇرغان. تۈرك قەۋملىرى ھاياتلىق كۈرىشىدە باشقا مىللەتلەر بىلەن سوقۇشقىنىدەك، ئۆز ئىچىدىمۇ ئۇرۇشۇپ تۇرغان. بۇ ئۇرۇشلاردا زەپەر قۇشى بۈگۈنى بىر تۈرك قەۋمىنىڭ، ئەتىسى يەنە بىر تۈرك قەۋمىنىڭ بېشىغا قونغان. تۈرك ۋەتىنىدىكى سىياسىي مەركەزنىڭ ئىسمى ۋە ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى ھېچقاچان ئۇ يەردىكى تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەپ بولمىغان. ناھايىتى تەبىىيكى، بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشلەر جەرىيانىدا بەزى تۈرك قەۋملىرىنىڭ بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە كۆچۈشىگە ئوخشاش ۋەقەلەرمۇ كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ بۇلار تۈرك قەۋملىرى ئىچىدە كۆچمەنلىك تەشكىلاتىنى ئەڭ كۆپ مۇھاپىزەت قىلغانلار ئىچىدىن چىققان. تۈرك دولقۇنلىرى (كۆچ ھەرىكەتلىرى – ت) نىڭ قەرەلسىز ھالدا غەرپكە قاراپ ئېقىشىغىمۇ بەلكىم بۇ خىل ۋەقەلەر سەۋەپ بولغان بولسا كىرەك. لېكىن، تۈرك تارىخىدىكى ھەر قانداق بىر ئۆزگىرىشتە يېڭى تەركىپلەر مەيدانغا كەلگەن ھامان، بۇ يېڭىلىقنىڭ ئاساسى دائىم ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. بولۇپمۇ، بۇ ۋەزىيەت شىنجاڭدا مۇشۇنداق ئىدى. بۇ يەردىكى تۈرك دولقۇنىمۇ پات — پات شەرققە، شىمالغا، غەرپكە ۋە جەنۇپقا قاراپ ئاققان. لېكىن، بۇ دولقۇننى ياسىغان تۈرك دېڭىزى بۇ مەملىكەتنىڭ ھېچبىر يېرىدە ۋە ھېچبىر زامان قۇرۇپ قالمىدى. بۇ تۈرك دېڭىزى ئىچىدە تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئەمەسلىكى تامامەن ياكى قىسمەن مەلۇم بولغان ۋە كىچىك – كىچىك ئاراللار ھالىتىدە ياشىغان قەۋملەرنىڭ مەۋجۇدىيىتى پۈتۈنلەي ئايرىم بىر مەسىلىدۇر. بۇ قەۋملەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ياشاپ ۋە ئاخىرى يوقىلىپ كەتكەن، شۇنىڭدەك تۈرك تارىخىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىيەتلىرىدە ئوينىغان رولىغا يارىشا بىرمۇنچە ئىزلارنى قالدۇرغان بولسىمۇ، ئاساسەن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكىدەك بىرەر ئامىلغا ئايلانمىغان.
«ئۇيغۇر» سۆزى باشقا بىر مۇنچە تەڭداش ناملارغا ئوخشاش، ھەم بىر تۈرك قەۋمىنىڭ ھەم بىر تۈرك سىياسىي تەشكىلاتىنىڭ نامىدۇر. ئۇيغۇرلار پەقەت تارىخنىڭ مۇەييەن بىر دەۋرىدە بۇ يەرلەردە ياشىغان تۈرك گۇرۇھلىرىنى ئۆز تەشكىلاتى ئىچىدە توپلىغان ۋە بۇ گۇرۇھلارنى ئىدارە قىلغان بىر توپتۇر. بىز ئۇيغۇر تەشكىلاتى ، ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە باشقا تەرەپلىرىدىن سۆز ئاچقاندا، ھېچقاچان باشقا تۈرك قەۋملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ۋە ئۆز ئالدىغا ياشاپ، مەدەنىيەت ياراتقان بىر قەۋمنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز. ئەكسىچە ئۇيغۇر ۋە كۈلتۈرىنى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەشكىلات ۋە كۈلتۈر يولىدىكى بىر باسقۇچ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمىز. بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقانداق بىر ساھەسىدىكى ئىپادىسى ئۈستىدە ئويلانغاندا، ئۇنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئەسەرنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزىدىن كېيىنكىلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ئاساس تەشكىل قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتىشىمىز لازىم. بۈگۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتى دېگىنىمىزدە، بىز يالغۇز ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمدا ئاتالغان بىر تۈرك قەۋمىنىلا ئەمەس ، بەلكى يەنە ئۇيغۇر قەۋمى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان ئاشۇ دەۋردىكى بارلىق تۈرك توپلىرىنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. بۇ دەۋردە يارىتىلغان ئەسەرلەرنىمۇ بىر قەۋمنىڭ ئەسەرلىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تۈرك مىللىتى تەرىپىدىن مۇەييەن بىر دەۋردە ، مۇەييەن بىر تەرەققىيات سەۋىيىسىگە كإتۈرىلگەن بىر بايلىق سۈپىتىدە تونۇيمىز.
مەلۇم بولغىنىدەك، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى، ئاھالىسى ۋە ئۇ يەرنىڭ كۈلتۈرى ھەققىدە تارىخىي مەلۇماتلار ناھايىتى ئاز. خەنزۇلارنىڭ تارىخ كىتابلىرىنى تېخىچىلا ئىلىمنىڭ ھەر بىر ساھەسى ئۈچۈن گۇمانلانماي ۋە ئىككىلەنمەي تۇرۇپ پايدىلانغىلى بولىدىغان بىر ھالغا كەلتۈرگىلى بولمىدى. بۇ مەملىكەتنىڭ تارىخىدا دائىم ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇشى، خەنزۇلارنىڭ يات مىللەتلەرگە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىكى، خەنزۇ يېزىقىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەپلىك بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇ دەۋرنىڭ تارىخى ئۈچۈن جۇڭگو مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى ئازايتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئاىت بولغان باشقا مەلۇماتلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بىلەن ھەر قانداق بىر مۇناسىۋەتتە بولغان قوشنا ياكى يات مىللەتلەرنىڭ تاسادىپىي يېزىپ قويغان خاتېرىلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تارىخىي ئەھمىيىتى جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن تۈركلەرنىڭ ئۆزىدىن ساقلىنىپ قالغان مەلۇماتلار يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى.
19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە شىنجاڭدا پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەسەرلەر تېپىلدى. مەدەنىي دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئەسىرلەر بويى ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىغان ۋە بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئۆزىنىڭ ئىجادىي كۈچى بىلەنمۇ ئىشتىراك قىلغان بۇ مەملىكەتتىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە كەڭ كۆلەملىك گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن يازما ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. بۇ ئەسەرلەر ئۈستىدىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يەردە ئىنسانلار زادى ئويلاپ باقمىغان بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى نامايەن بولدى. دۇنيادا بارلىققا كەلگەن ھەر قانداق بىر بايقاش بۇ قەدەر كەڭ ئۇپۇق ئېچىپ باقمىغىنىدەك، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە بىر دۆلەتنىڭ تارىخىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان بۇنچىلىك ماتېرىيالنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى كۆرۈلگەن ئەمەس. بۇ يەردە تېپىلغان كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئەھمىيىتى يالغۇز شىنجاڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە پۈتۈن يىراق شەرق تارىخى ئۈچۈنمۇ يېڭى يول ئېچىپ بەردى. شىنجاڭدا تېپىلغان بۇ ئەسەرلەر بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا گۇۋاھلىق بىرىدىغان كىچىك مەشئەللەردۇر. بۇلارنىڭ توپراق ئاستىدا يۇرۇقلىققا چىقىشنى كۈتۈپ ياتقان چەكسىز كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئازلا بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى خاتىرىدىن چىقىرىپ قويماسلىق كىرەك.
شىنجاڭدا باشلانغان، بىراق دۇنيا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر قىلىنغان ئېكىسپېدىتسىيىنى داۋاملاشتۇرۇش كىرەك. يېڭى كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى بىر دەۋرنى ئۆز ماتېرىيالى ئارقىلىق كۆرۈشىمىزگە ۋە ئۈگىنىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ.
شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئېكىسپېدىتسىيە نەتىجىسىدە تېپىلغان ماتېرىياللار ئىلىم دۇنياسىنىڭ ھەر بىر تارمىقىغا ئالاقىدار بولۇشتەك ماھىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇ يەردە كۆپۈنچىسى بۇرخانچىلار (بۇددىستلار)غا ئائىت بولغان تۈرلۈك دىنلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى تېپىلدى. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ مىمارچىلىق شەكىللرىدە قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا خاس خۇسۇسىيەتلەرمۇ بار. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ ۋە راھىپلارنىڭ خاس ھوجرىلىرىنىڭ تاملىرىدا كۆرۈلگەن، كۆپىنچىسى دىنىي رەسىملەردىن ئىبارەت بولغان، نەقىش ۋە باشقا يۈكسەك سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ھىندىستاننىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان، بولۇپمۇ شىمالىي ھىندىستاندا تەرەققىي قىلغان گاندخارا سەنئىتى شەرقىي شىنجاڭدا دەسلەپكى دەۋرلىرىدە مۇھىم بىر ئورۇن ئىگىلىگەن. شىنجاڭ پۈتۈن شەرقىي ئاسىيا سەنئىتى ئۈچۈن بىر ۋاستىچى بولغان. لېكىن، بۇ ساھەدە تېخى بىرمۇنچە سەپلەر تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇلمىدى ۋە ئاخىرىقى يەكۈنمۇ سۆزلەنمىدى.
شىنجاڭدا تېپىلغان بۇ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى بىكىتىش ئۈچۈن خېلى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ ئايرىم – ئايرىم خۇسۇسىيەتلەرنى بىر بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ يەردىكى سەنئەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى ۋە دەۋرلىرىنى ئېنىقلاش تەجىرىبىسى ئېلىپ بېرىلدى. سەنئەت ۋە كۈلتۈر پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق مېلى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر يەردە تېخىمۇ يۈكسەك تەرەققىيات دەرىجىسىگە ئىرىشكەن بىر دەۋرنىڭ يەنە بىرىگە بەلگىلىك تەسىر كإرسىتىشى بەكمۇ تەبىئىدۇر. لېكىن، ھەر بىر ئىرق ۋە ھەر بىر مىللەت بۇ ئىجادىيەت ئىشىگە بىر مەۋجۇتلۇق ياكى بايلىق سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان. بۇ تەرەققىياتتا تۈرك ئىرقى ۋە تۈرك مىللىتىنىڭمۇ بىر ئورنى بارلىقى ۋە ئۇنىڭمۇ بىر تارىخىي بۇرچنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىغانلىقى شۆبھىسىزدۇر. تارىخىمىزدىن قالغان ھەر بىر ۋەسىقە تۈرك مىللىتىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن تارىخىي ۋەزىپىگە زور دەرىجىدە جىددىي مۇامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىگىنى كۆرسەتمەكتە.
لېكىن، شۇ ياكى بۇ ساھەدە تۈرك مىللىتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەسەرلەردە بىزنىڭ ھەسسىمىز قانچىلىك؟ بىز بۇ ياكى شۇ ئەسەرنىڭ ئەسەر ھالىتىگە كىلىشى ئۈچۈن ئۆز ئالاھىدىلىگىمىزدىن ۋە ئۆز مەنلىكىمىزدىن نىمىلەرنى بەردۇق؟ بۇنى ئېنىقلاش دېگەنلىك دۇنيا ئىلىم–پىنىگە يېڭى بىر شەكىل بىرىش بىرىش، دېگەنلىكتۇر. بۇنى ئېنىقلاش دېگەنلىك ئۆز تارىخىمىزنىڭ ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تېخىمۇ ئۇچۇق كإرۈنىشى ئۈچۈن ماتېرىيال تەييارلاش دېگەنلىكتۇر.
تارىختىن قالغان ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى شۆبھىسىزكى يازما ئەسەرلەردۇر. بۇ ئەسەرلەردە ھەر بىر مىللەتنىڭ روھىنىڭ ۋە كۈلتۈرىنىڭ يۈكسەكلىكى نامايەن بولىدۇ. ئۇ ئەسەرلەردە خۇددى مىللەتنىڭ ئۆزى سۆزلەۋەتقاندەك تۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتى، تۇيغۇسى، ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىگە بولغان قارىشى ئاشۇ ئەسەرلەردە ئۇچرايدۇ. ئۇ، بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي دەۋرلىرىنى ۋە باسقۇچلىرىنى بىر بىرىگە باغلاپ، مىللەتنى زامان ۋە ماكان پەرقلىرىنىڭ سىرتىدا بىر پۈتۈن ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ شىنجاڭدا تېپىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بۇ يەردە تېپىلغان ئەسەرلەر ئاشۇ دەۋرلەردە مەلۇم بولغان پۈتكۈل كىتاپ شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھىندىستاندا قوللىنىلغان ياپراق كىتاپ شەكلى، شەرقنىڭ تومار شەكلى، مۇقاۋىلانغان ياكى ئايرىم – ئايرىم سەھىپىلەر ھالىتىدە پەقەت ئوتتۇرىسىدىن باغلانغان ئەسەرلەرنىڭ ھەر خىلى بار. يېزىق ماتېرىياللىرى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلاردىن ياغاچ، قېيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى، پالما ياپرىقى، تېرە، يىپەك رەخت ۋە قەغەز قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى تېپىلدى.شىنجاڭدىن تېپىلغان تىل ۋە يېزىقلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ قىسمىنىڭ تونۇلىشى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئا. ۋ. لېكوكنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە ، بۇ يەردە تۈرلۈك دەۋرلەردىن بۈگۈنگە قەدەر 24 خىل يېزىق ۋە 17 خىل تىل ساقلىنىپ كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر قوللىنىلمايدىغان يېزىقلار بولغىنىدەك، ئاشۇ ۋاقىتقا قەدەر مەۋجۇدلۇقىدىن خەۋىرىمىزمۇ بولمىغان تىل ۋە شىۋىلەرمۇ بار ئىدى.
بۇ ئەسەرلەرنى يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلغان قەغەزلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى 2- ئەسىرگە يىتىپ بارىدۇ. بۇ، دۇنيادا تېپىلغان قەغەزنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كەشپىيات ھېساپلانغان سەيلۇننىڭ كەشپىياتىدىن يىگىرمە – ئوتتۇز يىل كېيىنكى تارىخقا مەنسۇپ ئىدى.
ئۇيغۇرلارمۇ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجغا تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ ئاسان جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ياغاچ قېلىپ ئارقىلىق كىتاب بېسىشتىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنىڭ بېسىلىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان بۇ ئۇسۇل ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئېرىشكەن. مەتبەەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىنى ئاچقان بۇ ئۇسۇل يىراق شەرقتە ھېلىغىچە قوللىنىلماقتا. ياغاچتىن ئايرىم – ئايرىم ياسالغان ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن كىتاب بېسىشمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەجىرىبە قىلىنغان. دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ياغاچتىن ياسالغان ئۇيغۇرچە مەتبەە ھەرپلىرى بۇنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
قىدىرىپ تەكشۈرۈشلەر ئاساسەن ئىبادەتخانىلار ۋە راھىپلارنىڭ ھوجرىلىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، تېپىلغان ئەسەرلەر كۆپۈنچە دىنىي ھۆججەتلەردىن ئىبارەت ئىدى. بولۇپمۇ مانىي دىنىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شىنجاڭدا تېپىلغان ئەسەرلەر ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۈركچە قىسىملار ناھايىتى مۇھىمدۇر. غەرپتە پۈتۈنلەي يوقالغان بۇ دىننىڭ ھەقىقىي ئەسەرلىرى ھازىرغا قەدەر پەقەت مۇشۇ يەردىن تېپىلغان تېكىستلەردىن ئىبارەتتۇر. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىسىردىن تېپىلغان مانى كۇتۇپخانىسىدا قانداق ئەسەرلەرنىڭ بارلىقىنى تېخىچە ياخشى بىلمەيمىز.
ئۇيغۇر ئېلى يۇقىرىدا كۆرۈلگىنىدەك، 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر بۆلىكىگە تەۋە بولدى ۋە كېيىن سىياسىي ھاياتىنى قوغداپ قالالىغۇدەك ۋەزىيەتكە قايتا ئېرىشەلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلدى. موڭغول دۆلىتىنىڭ ئىدارە تەشكىلاتىنى قۇرغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ كۈلتۈر ساھەلىرىدە ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەنلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى يەنە ئۇيغۇلار ئىدى. موڭغۇللار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان مانجۇلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر قىسمەن ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق ئاساسەن ئاشۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ بۇنىڭ بىر دەلىلى ھېساپلىنىدۇ.
13-، 14- ئەسىرلەردىكى شىنجاڭنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش دەۋرى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن يېڭى بىر كۈلتۈر جەرىيانى تۈنجى بولۇپ ئىسلام سۇلالىسى قۇرۇلغان قەشقەر ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىدى. بۇ يەردە ئەسىرلەردىن بېرى بىرگە داۋاملىشىپ كەلگەن بۇرقان (بۇددا-ت) ، مانى ۋە خرىستىئان دىنلىرى ئىتىقادتىن قېلىپ، بۇلارنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئىگىلىدى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئاستا – ئاستا، ئەمما بەزىدە قانلىق شەكىل بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم. ئىسلامىيەتنىڭ نۇپۇزى بىلەن ئەرەپ يېزىقىمۇ كىرىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن دىنىي ساھەدە بۇرقانچىلىقنىڭ مېلىدەك كۆرۈنگەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىلگىرىكى ئورنى تەۋرەنگەن بولسىمۇ، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئورنى پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتمىدى. بۇ يېزىق ئۇزۇن مەزگىل ئىسلامىيەتنى تېخىچىلا قوبۇل قىلمىغان بىر قىسىم ئاھالە ئىچىدە ئورنىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كەلگىنىدەك (مەسىلەن، بۇرقانچىلارنىڭ دىنىي تەلىماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەشھۇر ئەسەر «ئالتۇن يارۇق »نىڭ لېنىنگراد نۇسخىسى 1687 – يىلى مۇشۇ يېزىقتا كۆچۈرۈلگەن)، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋارىسى بولغان تۈرك خانلىقلىرىدىمۇ ئۇزۇن مەزگىل مىللىي ۋە رەسمىي يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كەلدى. بۇ خانلىقلاردىكى يارلىقلار پۈتۈنلەي بۇ يېزىق بىلەن يېزىلدى. تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان پارسچە ئەسەرلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىشى بۇ مىللىي ئەنئەنىنىڭ نە قەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىشكە كۇپايە قىلىدۇ. ئىسلامىي دەۋرگە ئائىت بولغان ۋە تىل ئىتىبارى بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىشى ياكى كېيىن كۆچۈرۈلگەن بولۇشى ئەينى شەكىلدە شەرھىيلىنىدۇ.
«قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن باشلانغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ جۇغراپىۋىي ۋارىسى بولغان ۋە «چاغاتاي ئەدەبىياتى » دېگەن ئىسىم تونۇلغان بىر ئەدەبىي دەۋرگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى. ئىسلامىيەتكە ئائىت ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر ئاز ئۇچرايدۇ. ئىسلامىيەتنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان ئۇسۇل بەلكىم شىنجاڭ مۇھىتىدا يات دىندىكى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشنى لازىم تاپمىغاندۇر. ھەر ھالدا قولىمىزدا ئىسلامىيەتنىڭ بۇرقانچىلىق بىلەن قارمۇ قارشى ھالەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىرمۇ ئەسەر يوق دېسەك خاتا قىلغان بولمايمىز. بۇ ھالەت بۇرقانچىلىق ئۈچۈنمۇ ئەينىدۇر.
پۈتۈن شەرق مەملىكىتىنىڭ تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەنبە تەشكىل قىلغان شىنجاڭ كەشپىياتى(تېپىلمىلىرى – ت) بىزنىڭ تارىخىمىز، تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن نىمىلەرنى بەردى ۋە نىمىلەرنى بىرىدۇ؟ تۈرك نامى بىلەن ئاتالغان بۇ مەملىكەتنىڭ قوينىدا ھەممىدىن بەكرەك تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ماتېرىيال ساقلانغان. بۇ مەملىكەت ئۆزىنىڭ ئىگىسى بولغان تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخى ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تۈركشۇناسلىقتا يېپيېڭى بىر دەۋنى ئاچتى. 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا شىمالىي موڭغۇلىستاندىن تېپىلغان كۆكتۈرك ئابىدىلىرىنىڭ ئوقۇلىشى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە ئېقىپ يۈرگەن ئاساسىز قاراشلارنى مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ كاللىسىدىن چىقىرىپ تاشلىدى. شىنجاڭدا تېپىلغان ئۇيغۇر ئەسەرلىرى تۈرك مەدەنىي ھاياتىنىڭ ئۇپۇقلىرىنى چەكسىز كېڭەيتىش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىشۇناسلىقنىڭ ئايرىم – ئايرىم ساھەلىرىنى بۈگۈنگە قەدەر تەسەۋۋۇر قىلىنمىغان يېڭى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.
”ئۇيغۇر“ دېيىلىدىغان بىر تۈرك قەۋمىنىڭ ياشىغانلىقى، ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇر يېزىقى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بىر يېزىق ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى ۋە بۇ يېزىق بىلەن ئەسەر يازغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بار بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىدى. 1069 – يىلى قەشقەردە يېزىلغان، ئەپسۇس بۈگۈنگە قەدەر ھەر كىشى پايدىلىنالايدىغان بىر ھالەتكە كەلتۈرۈلمىگەن «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەڭ قەدىمكى تۈركچە ئەسەر، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز مىقتاردا بولسىمۇ ئەرەپچە ۋە پارسچە سإزلەرنى قوللانغان ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئىسلام مەدەنىيىتى دائىرىسىگە كىرگەن بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، بولۇپمۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك ئەدەبىياتى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىرىشىشىمىزگە ياردەم بەرمىگەن ئىدى. شىنجاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بىزگە تۈرك كۈلتۈر ھاياتىنىڭ بىر قانچە ئەسىر بۇرۇنقى ھالىتىنى تونۇتتى.
كۈلتۈر پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق مېلىدۇر. بەلگىلىك بىر جۇغراپىىيىلىك بىرلىك ئىچىدە ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە، ئەينى شارائىت ئىچىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ياكى بىر بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن بىرىدىن يەنە بىرىگە ئۆتكەن ئەينى شەكىللەرنى ئۇچرىتالايمىز. بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدا ئايرىم ئورۇن ئىگىلىگەن يېزىق ئۇسۇلىدا ۋە ئەدەبىياتىدا كۆرۈلمەكتە. بۈگۈن مەلۇم بولغان بارلىق يېزىقلار ۋە ئەدەبىيات تۈرلىرى بۇ خىل يۈزمۇ يۈز ئۇچرىشىشنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن. ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە تارىخىي رولى بىلەن مىللەتلەر ئارىسىدا ئالاھىدە بىر ئورۇن ئىگىلىگەن تۈرك توپلىرىدىمۇ بۇ ھالەت يۈز بەرگەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىزگە بىر قانچە خىل يېزىق ئارقىلىق مىراس قالغان. بۇ يېزىقلاردىن بىرىسىدىن باشقىلىرىنىڭ تۈركلەرگە قوشنا بولغان مىللەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ۋە تۈركچىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە كۆرە ئانچە – مۇنچە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئانچە قېينالمايلا ئېنىقلىيالايمىز.
1- تارىختا تۇنجى بولۇپ تۈرك نامىنى بۈگۈنكى تۈرك تىلىدا خاتىرىلىگەن كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ باشقا بىر يېزىق ئاساسىدا يارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر مۇنچە نەزەرىيىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىسپاتلانمىدى. كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى تۈرك يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىپ كىلىنگەنلىكىدە شۆبھە يوق. مەنبەسى ھەققىدىكى قارشى پىكىر ئىسپاتلانغانغا قەدەر، بۇ يېزىقنىڭ تۈرك مىللىتىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي بىر توسقۇنلۇق يوقتۇر. كېيىنكى تەتقىقاتلار بۇنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆز مۈلكى ئىكەنلىگىنى كإرسەتمەكتە. ئورخۇن ئابىدىلىرىدە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بولۇشى كىرەك بولغان يېنىسەي ئابىدىلىرىدە ناھايىتى زور ماھارەت بىلەن قوللىنىلغان ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ بۇ دەۋرلەردە نە قەدەر يۈكسەك بىر كۈلتۈرگە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بۇ يېزىق تۈرك تىلى ئۈچۈن ئەڭ ئەپلىك شەكىلدە ئىشلەنگەن. بۇ مۇكەممەللىكنىڭ ئەسىرلەرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلساق، بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلىشقا باشلىغان دەۋرىنىڭ تارىخىنى خېلى كۆپ ئەسىر ئالدىغا سۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. شەرقشۇناسلارنىڭ بىر قىسمى بۇ يېزىقنىڭ پەقەت تاش ئۈستىگە يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقانىدى. تۇرپان كەشپىياتىدىن كېيىن بۇنىڭ تۇرمۇشتىمۇ قوللىنىلغانلىقى ۋە باشقا يېزىقلارغا ئوخشاش ئىستىمال قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. چۈنكى، شىنجاڭدىن تېپىلغان ۋە بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر قەغەز ئۈستىگە يېزىلغانىدى.
شىنجاڭدىن تېپىلغان ۋە تۈرك كۈلتۈرىنىڭ شاھىتى بولغان ئەسەرلەر ئىچىدە بىر كىچىك قەغەز پارچىسى بار. كىچىكلىكىگە قارىماي، زور بىر مەنانى ئىپادە قىلىدىغان بۇ قەغەز پارچىسى تۇرپان ئەتراپىدا ساقلانغان ۋە قۇرۇلغان ۋاقتى 6-، 7 – ئەسىرلەرگە ئاىت بولۇش ئېھتىمالى بولغان بىر بىنادىن تېپىلغان. بۇ قەغەزنىڭ بىر تەرىپىدە ئۈچ قۇرلۇق بىر تېكىست بار. بۇ قۇرلارنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن بىراز پەرقلىق ھالدا، كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ 16 ھەرپى يېزىلغان. ئاستى تەرىپىدە مانى يېزىقى بىلەن بۇنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى كإرسىتىلگەن. ۋ. تومسېننىڭ ئەقلى ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ سىرىنى يىشىشنىڭ ئاچقۇچىنى تاپمىغان بولسا ، ئۇ چاغدا بۇ تۈرك كۈلتۈر ئابىدىلىرىنىڭ سىرى مۇشۇ شەكىل بىلەن ئېچىلغان بولاتتى. تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىياتىدا مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ قانداق تەۋرەنمەس بىر باغ بىلەن باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ، بۇ ئۈچ قۇرلۇق قوليازما پارچىسىدىن تېخىمۇ چوڭ دەلىل ئىزدەشنىڭ لازىمى يوق.
2 – ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان يېزىق سوغدى يېزىقى ئاساسىدا يارىتىلغان ئۇيغۇر يېزىقىدۇر. ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇرقانچىلارنىڭ رەسمىي يېزىقىدەك چۈشەنچە پەيدا قىلغان. قوللىنىلغان ساھەلىرىنىڭ كەڭلىكى سەۋەبىدىن كېيىنچە خرىستىئانلار ۋە مانىچىلارنىڭ دىنى ئەسەرلىرىمۇ بۇ يېزىق بىلەن يېزىلىشقا باشلىغان. شىنجاڭدىكى ئېكىسپېدىتسىيە داۋامىدا قولىمىزغا چۈشكەن ۋە مەزمۇن جەھەتتىن دىنىي خاراكتېرى بولمىغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان. ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر سەنئەت نوقتىسىدىن بىر قانچە دەۋرگە ئايرىلىدۇ. ئەڭ قەدىمكى دەۋرگە ئائىت بولغان پارچىلار ھەر ۋاقىت گۈزەل يېزىلغان ۋە ئىملاسىمۇ توغرا ئىدى.
تۈرك تىلىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە تەشكىل قىلغان ۋە 1066 – يىلى (ھىجرىيە466- يىلى) ئۆپچۆرىسىدە يېزىلغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۈ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە، ئۇيغۇر يېزىقى ئومۇمىي تۈرك يېزىقى سۈپىتىدە قەيت قىلىنغان ۋە بۇ يېزىقنىڭ بىر ئۆرنىكىمۇ بىرىلگەن. قەشقەرىنىڭ بۇ خاتىرىسى بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ، بولۇپمۇ بۇ ئەسەر يېزىلغان يىللاردا تۈرك توپلىرى ئىچىدە ھۆكۈمران يېزىق ئىكەنلىگىنى كۆرسەتسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن قەشقىرىنىڭ ئاشۇ دەۋردىكى كۈلتۈر ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشىنى كۆرەلمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. قەشقەرى ئاشۇ دەۋرنىڭ پەقەت سۆزلىنىۋاتقان تۈرك شىۋىلىرىگە ئەھمىيەت بىرىپ، تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرىنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلىرى ياكى تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ سىرتىدىكى ئەدەبىياتى بىلەن ئۇچراشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلامىيەت سىرتىدىكى مىللىي بايلىقىمىزنى تىلغا ئېلىشنى لازىم كۆرمىگەن بولسا كىرەك. ھەرھالدا قەشقىرىنىڭ كۆكتۈرك ۋە مانى يېزىقلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەسلىكى دىققەتنى تارتىدۇ.
3- ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مەنبەسى بولغان سوغدى يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر تۈركچە ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ ۋە مەۋجۇت ھۆججەتلەرمۇ تېخىچە نەشىر قىلىنمىدى.
4 – مانى ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسمى مانى يېزىقى بىلەن يېزىلغان. مانىچىلار قوللانغان بۇ يېزىق ئۇلار بىلەن بىرلىكتە غەرپتىن كەلگەن. مانىچىلارنىڭ گۈزەل سەنئەتتە يۈكسەك ماھارەت كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم. شۇ ۋەجىدىن، مەيلى مانى يېزىقى بىلەن بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بولسۇن، مانى دىنىگە ئائىت ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئەسەرلەر سەنئەت نوقتىسىدىن ئەڭ گۈزەل ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
5- سۈرىيە يېزىقى بىلەن تۈركچە يېزىلغان ئەسەرلەر نىسبەتەن ئاز. بۇلار كۆپۈنچە خرىستىئان دىنىگە ئائىت ھإججەتلەر بولۇپ، دىنىي ماھىيىتى بولمىغان ئەسەرلەر ئازلا بىر قىسىمنى تەشكىل قىلىدۇ.
6- براھمى يېزىقى بىلەن يېزىلغان تۈركچە ئەسەرلەر تېخى نەشىر قىلىنمىدى. قولىمىزدىكى بۇ خىل ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى «سانسىكرىتچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت»تىن ئىبارەت، بىرقىسمى بولسا تىبابەتكە ئائىتتۇر.
براھمى ۋە سۈرىيە يېزىقلىرىدا تىبابەتكە ئائىت ھإججەتلەرنىڭ بولۇشى ئېھتىمال بۇ يېزىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى كەڭ بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىچىدە قوللىنىلغانلىقىدىن بولسا كىرەك.
شىنجاڭدىن تېپىلغان ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسى دەۋرىگە ئائىت بولغان ئەسەرلەر كەڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەقەت كىچىككىنە بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ، بۇ مەملىكەتنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق دەۋرلىرى ۋە بۇ دەۋرلەرنىڭ پۈتكۈل سەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. بۈگۈنگە قەدەر قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، بۇ ساھەدە تېخى ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر بولغان تەتقىقاتلار ھەققىدە ياخشى بىر پىكىر بەردى. بۈگۈن بىر مۇنچە مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ يورىتىلىشى كەلگۈسىدە بۇ يولدا قىلىدىغان ئىشلىرىمىزغا باغلىق بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ ئەدەبىي تەرەققىياتى ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىرىمىز بۇ ئەدەبىياتنىڭ تامامىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتىن يىراق بولۇپ، مەۋجۇت ماتېرىياللارمۇ پەقەت نەشىر قىلىنغان قىسىم ئەسەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
1- قولىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى دىنىي ئەسەرلەردۇر. چۈنكى، بۇ ئەسەرلەر بۇرقان ياكى باشقا دىنلارغا ئائىت ئىبادەتخانىلاردىن تېپىلغان. ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ دۇنياۋىي مەسىلىلەر بىلەنمۇ مەشغۇل بولىدىغان ئورگانلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىق. خارابىلەردە پىلانلىق تۈردىكى تەكشۈرۈش داۋاملاشتۇرۇلسا بۇنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى شۆبھىسىزدۇر.
دىنىي ھۆججەتلەر ئىچىدە، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى تەشكىل قىلغان بۇرقان ھەققىدىكى ئەسەرلەر ئارىسىدا، ئەڭ ئىپتىدائىي دىنىي چۈشەنچىلەردىن تارتىپ ئەڭ يۈكسەك پەلسەپىۋىي تەھلىللەرگە قەدەر تۈرلۈك ئەسەرلەر مەۋجۇت. ئۇ دەۋرلەردە ئىلىمنىڭ بىرمۇنچە تارماقلىرىنىڭ دىن چەمبىرىكى ئىچىدە تەتقىق قىلىنغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، بۇ ئەسەرلەردىن چىقىرىلىدىغان نەتىجىلىرىمىزنىڭ مول ۋە كەڭلىكىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. «ئالتۇن يارۇق» ۋە «مائىتىرى سىمىت» قاتارلىق يۈكسەك ئەسەرلەر ئىچىدە بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىنمۇ كۆپرەك دىنىي ۋە پەلسەپىۋىي ئاتالغۇلار بار.
بۇ خىل ئەسەرلەر ياكى خاس ياكى قوشنا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن، تۈرك تىلى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى قوغدىغان. ئەڭ قىيىن بولغان ھىندىچە ۋە خەنزۇچە دىنىي ئاتالغۇلارمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
2- تېپىلغان ھۆججەتلەر ئارىسىدا ئەدەبىي ئەسەرلەر ئانچە – مۇنچە ئۇچرايدۇ. مەۋجۇت ئەدەبىي پارچىلارنىڭمۇ كۆپچىلىكى دىنىي ماھىيەتتە ئىدى. لېكىن، گۈزەل تۈرك شېئىرىيەت سەنئىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان پارچىلارمۇ يوق ئەمەس. كېيىنكى يىللاردا بۇ دەۋردىن قالغان تۈركچە نەزمىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان مەجمۇئەلەرمۇ تېپىلدى. بۇلاردىن ئىككى مىڭ مىسراغا يېقىن بىر قىسمى «قەدىمكى تۈرك شېئىرى» دېگەن نام بىلەن تۈرك تارىخ قۇرۇمى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۈگۈن ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر ساقلىنىۋاتقان كۇتۇپخانا ۋە موزېيلارنىڭ ژورناللىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۇ قىسمىغا مەنسۇپ ماتېرىياللارنىڭ بارلىقى شۆبھىسىزدۇر. ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر پىلانلىق ھالدا تەتقىق قىلىنىپ نەشىر قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارغا تېخىچە نۆۋەت كەلمىدى دەيمىز.
3- قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا تېبابەتچىلىك خېلىلا تەرەققىي قىلغان ئىدى. دەۋرلەرنىڭ تەجىرىبىسى ئارقىلىق ئېنىقلانغان دورا تەركىپلىرىدىكى خام ماددىلار تۈرك ۋەتىنىدە ئۆسىدىغان ۋە تۈركچە ئىسىم بىلەن ئاتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئىدى. بۇ خۇسۇستا بىر پىكىر بىلدۈرۈشكە يارىغۇدەك ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى نەشىر قىلىندى.
4- ئۇيغۇرلار ئاستېرونۇمىيە ئىلمىدىنمۇ خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. قولىمىزدىكى ھۆججەتلەردىن يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئېنىقلىغان بىر ئۇيغۇر ھۆججىتى بېرلىن رەسەتخانىسى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىكى مەلۇماتنىڭ توغرا ئىكەنلىگى ئىسپاتلانغان. ئەپسۇس، قولىمىزدىكى ۋەسىقىلەر بۇ خۇسۇستا كۆپرەك مەلۇمات بەرگىدەك ماھىيەتتە ئەمەس. بۇ خىل پارچىلارغا ئاساسلىنىپ ئۇيغۇرلاردا رەسەتخانىغا ئوخشايدىغان بىر ئورگاننىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. بۇ خۇسۇستا كەسكىن بىر ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتلارنى كۈتۈش لازىم.
5- ئۇيغۇر كالىندارى مەسىلىسىمۇ تېخىچە ھەل بولمىغان، ئەمما ناھايىتى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەڭ مۇھىمى شىنجاڭ كېيىنكى دەۋرلەردە قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار بولغان كالىندار مەسىلىسىدىمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن. لېكىن، بۇ قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم سىستېمىلىرى ئۇيغۇر كالىندارىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ھىندىلار، تىبەتلەر ياكى خەنزۇلاردىن كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. تېخىمۇ قەدىمكى دەۋرلەردىن قالغان ۋەسىقىلەر قولىمىزغا چۈشمىگىچە، بىز بۇ خۇسۇستا قەتئىي قىلىپ بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. لېكىن، بۈگۈنگە قەدەر تۈركلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرىنى باشقىلاردىن ئۈگەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ھەر قانداق بىر ۋەسىقە ھېچكىمنىڭ قولىغا چۈشكىنى يوق.
6- ئاسترولوگىيە (پالچىلىق – ت) ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى ھەر بىر مىللەت مەشغۇل بولۇپ كەلگەن بىر ساھە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇ خىل ئەدەبىياتنى ئۇچرىتىمىز. ئۇيغۇرلار بۇ ساھەدە خېلىلا كۈچ چىقىرىپ بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى ياراتقان. بولۇپمۇ پالنامە شىنجاڭدىكى تۈرلۈك يېزىقلاردا يېزىلغان تۈركچە ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت.
7- ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ قانداق شەكىلدە داۋاملاشقانلىقى ھەققىدە تېخىچىلا ئېنىق بىر پىكىرگە ئىرىشەلمىدۇق. لېكىن، قولىمىزدىكى سودا ۋە مۇئامىلە ھۆججەتلىرىنىڭ يېقىندىن تەتقىق قىلىنىشى بىلەن، بۇ ساھەنىڭمۇ ئايدىڭلاشتۇرىلىدىغانلىقى شۆبھىسىزدۇر. بۇلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەر ھەققىدىمۇ بىر چۈشەنچىگە ئىرىشىشىمىزگە پايدىلىقتۇر.
8 – تارىخ ۋە ساياھەتكە ئائىت ئەسەرلەرگە تېخى ئىرىشەلمىدۇق. ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر تېپىلغان مەھەلىلەر ئاساسەن دىنىي مەزھەپلەرگە ئائىت بولغانلىقتىن ئاشۇ دەۋرنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئەسەرلىرىمۇ مۇشۇ دىنلارغا ئالاقىدار قوليازمىلاردىن ئىبارەت. بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئەسەر بار. جۇڭگودىن ھىندىستانغا ساياھەتكە بارغان ۋە بۇ دەۋرنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر شاھىتى بولغان خەنزۇ سەيياھى شۈەنزاڭنىڭ خەنزۇچە يېزىلغان بىر ساياھەتنامىسى بار. بۇ ساياھەتنامە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى(1930 – يىلى) بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسمى شىنجاڭدىن تېپىلغان. فارىز مىللىي كۇتۇپخانىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسمى بۈگۈن بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. كەمتۈك بولغىنىغا قارىماي، مۇھىم ئەھمىيىتى بولغان بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەسلىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىقتۇر. جۇڭگو يېزىقى يات مىللەتلەرنىڭ سۆزلىرىنى يېزىشقا ماس كەلمىگەنلىكتىن شۈەنزاڭنىڭ ساياھەتنامىسىدىكى قابىلە، مەملىكەت ۋە شەھەر ناملىرىنىڭ بىر قىسمى بۈگۈنگە قەدەر ئېنىقلانمىدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئارقىلىق بۇ كەمچىلىكلەر بىراز بولسىمۇ تولدۇرىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى شەرھىيدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۈر جەھەتتىن ناھايىتى باي ئىدى. بىر مىللەتنىڭ كۈلتۈر ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ساھەلىرىدە بۇ خۇسۇستا بىزگە مەلۇمات بىرەلەيدىغان ئەسەرلەر بار. ئەسەرلەرنىڭ كۆپلۈكى ۋە چېتىلىدىغان ساھەلىرىنىڭ كەڭلىكى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان مىساللارنىمۇ كۆپەيتمەكتە. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كۈندىلىك ھايات بىلەن ئالاقىسى ئازدەك كۆرۈنىدىغان تەرجىمە ئەسەرلەردىمۇ كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ يات كۈلتۈرگە باغلىنىشى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈكسەكتۇر.
بۇ ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئاۋۋال بۇلارنى نەشىر قىلىپ، زۆرۈر بولغان ماتېرىياللار بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا يەتكۈزۈلىشى كىرەك. بۇنىڭدا تۇنجى ۋەزىپە تىلشۇناسلار ئۈستىگە چۈشىدۇ. تۈرك تىلى تەتقىقاتى جەمئىيىتى مەيدانغا كەلگەنگە قەدەر بۇ ساھەنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تەشكىلاتىمىز بولمىغانلىقتىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ نەشرى قىلىنىشى پەقەت ئايرىم كىشىلەرنىڭ سەخسىي ئەمگەكلىرى بىلەن روياپقا چىقتى. شۇ سەۋەپلىك، مەۋجۇت ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ پەقەت ئازلا بىر قىسمى نەشىر قىلىندى.
ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىشتا ئاۋۋال تېكىست توغرا ئوقۇلىشى ۋە مەزمۇنى ياخشى چۈشۈنىلىشى كىرەك. چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇلغان تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي نوقتىسى سۆزلۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادە قىلغان مەنىسىنى ئېنىقلاشقىلا مەركەزلىشىپ قالدى. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تۈرك تىلى تاۋۇشلىرىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن يىتەرسىز ئىكەنلىكى ۋە تىلنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان سادا — ئاۋاز خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىق كۆرسىتەلمىگەنلىكى، بولۇپمۇ كېيىنكى دەۋرلەردە ئىملاسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىگى مەلۇم. بۈگۈنكى تۈرك شىۋىلىرى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتنىڭ ياردىمى بىلەن ھازىر ئۇيغۇرچىنىڭ توغرا ئوقۇلىشى قىسمەن كاپالەتكە ئىرىشتى. بۇ قەدەر قەدىمىي بىر دەۋر ۋە كەڭ بىر ساھەدە بۇ قەدەر كۆپ مىقتاردىكى مەۋجۇت ئەدەبىي ماتېرىياللارنىڭ تىلىمىز ئۈچۈن زور بىر مەنبە تەشكىل قىلىشى شۆبھىسىزدۇر.
ئۇيغۇر تۈركچىسى تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تۈركچىسى ، يەنى ئۇيغۇر دەۋرىگە ئائىت تۈركچە چۇۋاش ۋە ياقۇت لەھچىلىرىدىن باشقا ، بۈگۈنكى بارلىق تۈرك شىۋىلىرى ئۈچۈن بىر ئانا تىل ماھىيىتىدە ئىدى. بۈگۈنكى شىۋىلەر تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى جەھەتتىن ئۇيغۇر دەۋرى تۈركچىسىدىن ئايرىلىپ چىققان. بۈگۈن ئايرىم – ئايرىم شىۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدەك كۆرۈنىدىغان تەرەپلەر ئۇيغۇر تۈركچىسى دەۋرىدە بىر تىل ئىچىدە ۋە شۇ تىلنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى ھالىتىدە مەۋجۇت ئىدى. بۈگۈنكى شىۋىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرچە بىلەن ئىزاھلىنىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغاندەك كۆرىنىدىغان بەزى تەرەپلەرگىمۇ دۇچ كېلىمىز. بىز بۇنى ئۇيغۇر دەۋرى تۈركچىسىگە خاس شىۋە پەرقلىرى ئارقىلىق شەرھىيلەيمىز. بۇنى ئېنىقلاش ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە بۇ تەرەققىياتنىڭ يولى ۋە قانۇنىنى بېكىتىشتە نەقەدەر مۇھىم بىر ئورۇن ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىشكە يىتەرلىكتۇر.
چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن
چىن ۋە ماچىن ئىبارىسى ئۇيغۇر-تۈرك، ئەرەب ۋە پارىس ئالىم-ئەدىبلىرىنىڭ تارىخ ، جۇغراپىيە، تىلشۇناسلىق دەستۇرلىرىدا ، ساياھەتنامىلىرىدە ۋە شېئىر داستانلىرىدا مىڭ يىللاردىن بېرى ئىزچىل يوسۇندا ئىستىمال قىلىنىپ كېلىۋاتقان، ھەممىگە تونۇش نام بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئەسىرگە كەلگەندە ئىبارىنىڭ تارىختىكى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسىنى چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاشتا يول قويغىلى بولمايدىغان خاتالىق كۆرۈلىۋاتىدۇ.
مەلۇمكى، چىن ۋە ماچىن ئىبارىسى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ” تۈركىي تىللار دىۋانى” ناملىق كىتابىدا، مۇتەپپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ “قۇتادغۇبىلىك “داستانىدا ، مەشھۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائىينىڭ داستانلىرىدا ، لۇتفى ۋە زېلىلى قاتارلىق شائىر_ئەدىپلەرنىڭ غەزەللىرىدە؛ نىزامى ، فىردەۋسى، خىسراۋ دېھلىۋى، ھاجۇ گىلمان قاتارلىق پارىس كلاسسىكلىرىنىڭ داستانلىرىدا؛ ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب سەيياھلىرى ۋە تارىخچىلىرىنىڭ كىتابلىرىدا؛ ئارىيان ۋە بۇددىزم دەستۇرلىرىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان.
بىزنى چىن ۋە ماچىندىن ئىبارەت بۇ قوشكېزەك ئىبارىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى ھەققىدە جىددىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا ئۈندەۋاتقان سەۋەپ يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ياكى چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن ياكى ئىلىمگە يات غەرىزىنىڭ نەتىجىسىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ھەم كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان خاتا قاراشلىرىدۇر. ئەنىقىنى ئېيتقاندا چىن ۋە ماچىن ئىبارىسى توغرىسىدا تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا مۇنداق ئىككى خىل قاراش ساقلانماقتا.
بىرىنچى خىل قاراش: چىن ۋە ماچىن چەتئەللىكلەرنىڭ “چاينا” (چىنا) دېگەن سۆزى بولۇپ، توغرىدىن توغرا پۈتۈن تەرجىمىسى “جۇڭگو” دېگەندىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇ ئەسلىدە مىلادىيەدىن ئىلگىركى چىنشىخۇئاڭنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرىشىدىن كېيىن قۇرۇلغان چىن سۇلالىسىنىڭ نامىنى ئۆزىگە مەنبە قىلىدۇ، دېگەن كۆز قاراش. بۇ قاراشتا “چاينا” ئاتالغۇسىنىڭ ھازىرقى تەرجىمىسى “جۇڭگو” دېگەن چ! ل؛! شەنچە بىلەن چىن سۇلالىسى ۋە چىن ،ماچىن ئاتالمىلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
ئىككىنچى خىل قاراش: “چاينا” ئىبارىسى چىنشىخۇئاڭ بىلەن ئەمەس، بەلكى چىڭ(مانجۇ)سۇلالىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەم ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ۋە بۈيۈك برىتانىيىنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى رايون ھىندى-چىنى ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە كېلىشىملەر بىلەن باغلانغان ھالدا خەلقارا ئىستېمالغا كىرىپ كەلدى دېگەن قاراش. ب. لەئۇفەر ئۆزىنىڭ “چاينا ئاتالغۇسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش” ناملىق ماقالىسىدا تۇنجى قېتىم بۇ ئاتالغۇنى چىنشىخۇئاڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىزاھلاشقا ئېتىراز بىلدۈرگەن فرانسىيىلىك شەرقشۇناس پىللىئوت “چىنا ئىدارىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى” دېگەن ماقالىسىدىمۇ چىن ، تاۋغاچ ، خىتاي ئىبارىلىرىنىڭ مەنبەلىرى ھەققىدە توختالغان.
مېنىڭچە ھازىرقى ئىنگلىز تەلەپپۇزىدىكى “چاينا” ئىبارىسى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى جۇڭگونى ئىپادىلەيدىغان ئىبارە بولۇپ، ئۇ مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ نامى ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن ھەر قايسى دۆلەتلەر ياكى سۇلالىلەر ئۆزلىرىگە خاس ۋە بىر دەۋر ئىچىدە قوللىنىلغان نامى بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو ھەرگىزمۇ ئىزچىل يوسۇندا بىر سۇلالە نامىدا ئاتالغان ئەمەس!
ھىندىستاننىڭ “مانۇ قانۇنى”، “ماخاپخاراتا”، “قەدىمكى ھادىسىلەر” قاتارلىق قانۇنشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات دەستۇرلىرىدا “چىن” ئىبارىسى تىلغا ئېلىنغان. “قەدىمكى ھادىسىلەر” ناملىق رىۋايەت كىتابىدا “مانۇنىڭ توققۇز ئوغلى ۋە بىر قىزى بولۇپ ، بۇ قىز ئاي ئىرۇنىڭ ئوغلى بۇدۇ بىلەن نىكاھلىق بولىدۇ. ئۇلاردىن بولغۇسى تۇغىلىدۇ. مانۇنىڭ دېگەن ئوغلى مانۇنىڭ ياردىمىدە يېرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگەللەپ قەلەسىنى سالىدۇ. بۇ ئاي خانلىقنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ”(ئا. ئوسپوفنىڭ “10-ئەسرگىچە ھىندىستان تارىخىنىڭ ئوچېركى” خەنزۇچە نەشرى) دېيىگەن.
ئەنگلىيىلىك ستەيىن ئۆزىنىڭ “سېرىندىيا” ناملىق كىتابىدا (بۇ كىتاب خەنزۇچىغا غەربىي يۇرت دەپ تەرجىمە قىلىنغان)، پەڭچەڭجۈن ئەپەندى “لولەن ۋە پىشامشان مەسىلىسى”ناملىق ماقالىسىدا لوپچىن ( نوپ-چىن) ئىبارىسىنى تىلغا ئالغان. ئۇلارنىڭ پەرىزىچە، لوپ- كونا لولان شەھىرىنىڭ لوپنۇر كۆلى ساھىلىدىكىنى، چىن سۆزى بولسا، شەھەر قەلە مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز قەدىمكى مىنوسنسىك ۋادىسىدىكى تۇران، تۇرانچىن ۋە قارا شەھەرنى! ڭ! ئاراچىن دېگەن نامى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، كىشىنى تېخىمۇ ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ئارىيانلارنىڭ دىنىي دەستۇرى بولمىش مەشھۇر كىتاب “ئاۋېستا” دا “چىن” ئىبارىسى ئىپادىلەنگەنلىكى مەلۇم. ئەبۇلقاسىم فىردەۋسنىڭ “شاھنامە” داستانىدا قەيت قىلىنىشىچە، مىلادىيدىن ئىلگىركى 11-ئەسىرلەرگە ئائىت موسا پەيغەمبەرنىڭ يەھۇدىي دىنى دەستۇرى “تەۋرات” تا چىن ”گوك”، ماچىن ­”ماگوك” ئىبارىسى بىلەن ئىپادىلەڭەندىن تاشقىرى، چىن-ياپەسنىڭ نەۋرىسى دېيىلگەن. تارىخچى مىر خاند “رەۋزەتۇسسافا” ناملىق ئەسىرىدە، موللا مۇسا سايرامى “تارىخى ھەمىدى” ناملىق ئەسىرىدە! ت! ئۈرك ياپەسنىڭ ئوغلى، نوھنىڭ نەۋرىسى، چىن ۋە ماچىن بولسا تۈركنىڭ ئوغۇللىرى دەپ بايان قىلغان. مەھمۇد قەشقىرىمۇ “تۈركلەر ئەسلىدە يىگىرمە قەبىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭرى ئەزىز كۆرگەن نوھ پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ياپس ۋە ياپەسنىڭ ئوغلى تۈرككە بېرىپ تاقىلىدۇ”(“تۈركىي تىللار دىۋانى”1-توم، 37-بەت) دەپ كۆرسەتكەن.
پەڭ چەڭجۈن ئەپەندى “غەربىي يۇرت ۋە جەنۇبىي دېڭىز تارىخ جۇغراپىيىسىگە دائىر تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمى” ناملىق كىتابىدا قەشقەر ھەققىدە :قەشقەر خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى بىر دۆلەت ئىدى. چىن ئاتالغۇسىنىڭ مەپھۇمى مۇشۇ دۆلەتنى كۆرسەتسە كېرەك، ئۇنىڭ چېگرىسى كۇشان بىلەن تۇتاشقان بولىشى مۈمكىن ، مۇنداق دۆلەت پەقەت قەشقەر بولىشى ئەقىلغا! م! ئۇۋاپىق، دەپ يازغان. لۈئى جىن ئەپەندى “بۇددىزم مەزھەپلىرىنىڭ مەنبەرىلى” ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە “كۇشان خاقانلىرىدىن بولغان كانسىكى چىنتەنلىك (؟؟)ئىدى” دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
رىم ئىمپېرىيىسى زامانىدىكى ئەسەرلەردىن مىلادىيدىن ئىلگىركى رىم شائىرى گوراس(ھوراسە)نىڭ داستانىدا، مىلادىيە 2-ئەسىردە ياشىغان رىم شائىرى پلىنو (پلىني) نىڭ ” تەبىئەت تارىخى” ناملىق ئەسىرى بىلەن پېتولومى (پتولومەس)نىڭ “جۇغراپىيە” ناملىق كىتابىدا چىن ئېلى ۋە يىپەك مەملىكىتى تىلغا ئېلىنغان. پەڭ چەڭجۈن: پەتولومىنىڭ يىپەك مەملىكىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرى قەدىمكى تۇران (مەركىزى ئاسىيا )دىكى سۇلې)قەشقەر)بىلەن ئالاقىسىز دەپ قارىغىلى بولمايدۇ، دېگەن.(يوقۇرقى كىتاپ 99-بەت). پەتولومىنىڭ ئەسىرىگە مەنبە بولغان مارىنوسنىڭ (مارۇنۇس)ساياھەت نامىسىدا چىن(چەنى) ۋە يىپەك مەملىكىتى(سەرەس) دېگەن ئىبارىلەر تولىمۇ روشەن تىلغا ئېلىنغان.
مىلادىيە 3-ئەسىردە ياشىغان ئەبۇدەلىف ئىسىملىك ساياھەتچى ئۆزىنىڭ ساياھەتنامىسىدە “بۇخارادىن چىنگىچە” كەلگەنلىكىنى يازغان. سامانىيلار سۇلالىسى شاھى سۇلتان ناسىر بىننى ئەھمەد ۋاقتىدىكى ئابدۇللا ھىسسار بىننى ئەل مەھەلھىل ئۆزىنىڭ “ساياھەتنامە” سىدە چىنگە بارغانلىقىنى يازغان. مەلۇمكى، ئابدۇللا ھىسسار بىننى مەھەلھىلنى سامانىلار شاھى سۇلتان ناسىرى بىننى ئەھمەد قەشقەردىكى قاراخانىيلار ھۇزۇرىغ! ئا ! 943-يىلى نىكاھ ئەلچىلىرى قاتارىدا ئەۋەتكەن ئىدى.
مەھمۇد قەشقىرى “تۈركىي تىللار دىۋانى” ناملىق كىتابىدا چىن ۋە ماچىنغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى قىرىققا يېقىن ئورۇندا تىلغا ئالىدۇ ۋە ئىزاھلايدۇ. 1-توم، 38-بەتتە “مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە، شەرقتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم” دەپ يېزىپ ئالتاي تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى يىنسەي (ئاناساي) دەريا ۋادىسىدىكى قىرغىزلارنى “قىرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان” دەپ كۆرسەتكەن. ئاندىن تۈرك قەبىلىلىرى بولغان خىتاي، تاۋغاچ توغرۇلۇق “خىتاي-چىن دېمەكتۇ”، “تاۋغاچ-ماچىن دېمەكتۇر” دەپ كۆرسىتىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى 1-توم، 592-بە! تت! ئە “تاۋغاچ” ئىبارىسىگە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئىزاھات بەرگەن. (1) تاۋغاچ- ماچىن ئېلىنىڭ نامى،(2) تاۋغاچ ­تۈركلەرنىڭ بىر بۆلىكى،(3) تاۋغاچ-بۆيۈك ۋە قەدىمىي نەرسە دېگەن مەنىدە.
ئورخۇن ئابىدىلىرى بىلەن كۆك تۈرك خانلىقى زامانىدا توقباتلار تاۋغاچ. تاڭلار ­تاڭجازى، كىدانلار خىتاي دېيىلگەن بۇ مىللەتلەر شۇ دەۋردە ھاكىمىيەت يۈرگىزىۋاتقان مىللەتلەر ئىدى.
مەھمۇد قەشقىرى “چىن” نى ئۈچكە كۆرسەتكەن . يەنى يوقىرى چىن-تاۋغاچ، ئوتتۇرا چىن-خىتاي، تۆۋەن چىن قەشقەر،(1-توم ، 592-بەت).
مەھمۇد قەشقىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتلەرنى “ئارىدا چوڭ سېپىل ۋە چىن يېنىدىكى تاغ-دېڭىزلار بولغىنى ئۈچۈن يەجۈج ۋە مەجۈجلەرنىڭ تىللىرىمۇ بىزگە مەلۇم ئەمەس” (1-توم، 39-بەت)دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. كىتابىغا كىرگۈزگەن خەرىتىدىمۇ بۇنى پەرقلەندۈرگەن. “تات تاۋغاچ” ئىبارىسىنى “بۇ ئۇيغۇر ۋە چىنلىق دېگەن بولىدۇ”(2-توم،409-بەت) دەپ كۆرسەتكەن. “چىگىل، ياغما، توخسى، ئارغۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق يوقىرى چىنغا قەدەر جايلاشقان قەبىلىلەر” دېگەن بايانلارنى 2-تومنىڭ 64-، 78- ۋە 88- بەتلىرىدە تەكرار-تەكرار تىلغ! ئا ! ئالغان. 1-توم، 151-بېتىدە “ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن” دەپ يازغان بولسا، 3-توم، 567-بەتتە “تۈركمەن” ئىبارىسىگە ئىزاھ بەرگەندە “خاقان چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ، زۇلقەرنەين ئۇنىڭ كەينىگە چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلارغا يېقىن بىر يەردە خاقان زۇلقەرنەيڭە بىر قىسىم چارلىغۇچى قوشۇن ئېۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەينمۇ شۇنداق قوشۇن ئېۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەين ئەۋەتكەن قوشۇن مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ توقۇنۇش دېگەن يەردە بولغانىكەن. بۇ تاغ ھازىرقى كۈندە دەپ ئاتىلىدۇ. زۇلقەرنەين ئەنە شۇ يەردە خاقان بىلەن سۈلىھ تۈزىدۇ” دەپ يازغان. دېمەك مەھمۇد قەشقىرى بۇ ئىككى بايانىدا “ئۇيغۇر ئەلى” بىلەن “چىن” نى يانداشتۇرۇپ تىلغا ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىز يەنە ئۇنىڭ تۈرك يېزىقى توغرىسىدا توختالغاندا “قەدىمدىن بېرى قەشقەردىن يوقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ يارلىق ۋە خەت ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن”(1-توم، 11-بەت) دەپ يازغانلىقىنى كۆرۈپ، ” چىن ” ئىبارىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز. چۈنكى “ھۇدۇدۇل ئالەم” ناملىق مەشھۇر كىتابتا تۇرپاننى “چىنجىكەنت” دەپ ئاتىغانلىقى ھەممىگە ئايان. مەھمۇد قەشقىرى “دىۋان” نىڭ 1-توم، 517-بەتتىكى “كەرەم” سۆزىنى ئىزاھلىغاندا “يوقۇرى ۋە تۆۋەن چىنلىقلار! ت! ئىلىدا” دەپ قوشۇپ قويغانلىقىنى كۆرىمىز. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۆۋەن چىن دېگەندە قەشقەرنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى كىتابىنىڭ ئۈچ يېرىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
مۇتەپپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ “قۇتادغۇبىلىك” داستانىغا كېيىنكى كىشىلەر تەرىپىدىن قوشۇپ كىرگۈزۈلگەن نەسرىي ۋە كېيىنچە يەنە نەزمىي مۇقەددىمىدە چىن ۋە ماچىن ئىبارىلىرى مۇنداق چېلىقىدۇ:
بۇ بەك ئېزىز بىر كىتابتۇر، ئۇ چىن ھۆكىملىرىنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن بېزەلگەن، ماچىن ئالىملىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ياسالغانكى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان ۋە بېيىتلارنى باشقىلارغا بىلدۈگەن كىشى بۇ كىتابتىنمۇ ئەزىزراقتۇر. چىن-ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى بىر قارارغا كەلدىكى، مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتۈن تۈركىستان ئەللىرىدە، تۇركەي سۆز بىلەن بۇغراخان تىلىدا ھىچكىم بۇن! ئىن! گدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق. بۇ كىتاب قايسى پادىشاھلىققا ياكى قايسى ئىقلىمغا يەتسە، غيەت ئۇزلىقى ۋە پەۋقۇللادە گۈزەللىكىدىن، ئۇ ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى ئالىملىرى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر بىرى بىر تۈرلۈك ئات ۋە لەقەم بەردى. چىنلىقلار (شاھلارنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى) دەپ ئاتىدى؛ ماچىن مۈلكىنىڭ ھېكىملىرى (مەملىكەتنىڭ دەستۇرى) دېسە، مەشرىقلىقلار (ئەمىرلەر زىننىتى) دېدى؛ ئىرانلىقلار دەپ ئات قويدى؛ بەزىلەر (پادىشاھلارغا! نەسىھەت)دەپ ئاتىدى؛ تۇرانلىقلار دەپ ئات قويدى.”
بۇ باياندىكى “چىن ۋە ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى بىر قارارغا كەلدىكى مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتكۈل تۈركىستان ئەللىرىدە ، تۈركىي سۆز بىلەن بۇغراخان تىلىدا ھېچكىم بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى ھەرگىز يازغىنى يوق “دېگەن جۈملىدىكى “چىن-ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى” دېگەن بۆلەك بىلەن “مەشرىق ۋىلايىتىدە ، پۈتكۈل تۈركىستان ئەللىرىدە، تۈركىي سۆز بىلەن بۇغراخان تىلىدا “دېگەن بۆلەكنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، “چىن ۋە ماچىن” ئىبارىسىنىڭ “قىدان” ئىبارىسىدىن پەرقلىق تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، “چىن ۋە ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى” ھېچقاچان “قۇتادغۇبىلىك” نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى كۆرۈپ بۇ ھەقتە باھا يۈرگۈزۈۋات! قا! ن لىئاۋ ياكى سوڭ سۇلالىسى ئالىم ھېكىملىرى ئەمەسلىكىنى تەبىي ھېس قىلىمىز.
ستەين ئۆزىنىڭ خوتەن لوپ ۋادىسىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك ساياھىتىدە مىلادىينىڭ بېشىدىكى كاڭىيە يېزىقىدا يېزىلغان بىر ھۆججەتتە “چىنستان” (چىناستان چينستان) دېگەن ئىبارىنى ئۇچراتقان. بۇ ئىبارە “چىنىستانى ئىلىك بىگ” (چاشتانى ئىلىك بەگ) داستانىنىڭ نامى بىلەن سېلىشتۇرغاندا قىزىقارلىق تېما كېلىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەكۈن ئەمەس.
ستەين “قەدىمكى خوتەن”ناملىق كىتابىنىڭ خەنزۇچە نەشرى 173-بېتىدە سۈي-تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خوتەن خانلىرى ۋە چاڭئەندە ياشىغان خوتەنلىكلەرنىڭ ئىسمى ئالدىغا قويغان ۋىي چى (؟؟)ئىروگىلىفىنىڭ تۇبۇتلۇقلاردا رىجايا دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشىغا ئاساسلىنىپ، ئەسلى خوتەنلىكلەر “ۋىي چىن”(ۋەئىچىن) دەپ ئىشلەتكەن بولىشى مۇمكىن، دەيدۇ. “ماھا” چوڭ دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەينى زاماندا رىم “دا چىڭ” دەپ ئىشلىتىلەتتى ھەم بۇ چىن ئىبارىلىرى ! ئوخ! شىمىغان پاراللەل ئىبارىلەر بولۇپ، خەنزۇ يېزىقىدا پەرقلەندۈرگىلى بولاتتى. بۇنىڭدىن باشقا ۋىي چى (ھازىر ۋىجايا، ۋايسارا دەپ ئۆزىمىز ياسىۋالغان ئىبارە) تاكى خوتەننىڭ ئاخىرقى بۇددا پادىشاھىغىچە قوللىنىلغان. قاراخانىلار ئۇنى ماچىن نامى بىلەن ئاتىغان. ۋىي چى ئىبارىسىنىڭ ماچىن ئىبارىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ۋىي چىشېڭ (؟؟؟) “غالىپ غالىبى”مەنىسىدە ئەمەس “غالىپ ماچىنى”مەنىسىدە بولىشى مۇمكىن. دەرۋەقە تاڭ سۇلالىسىغا زامان جەھەتتە يېقىن تۇرىدىغان قاراخانىيلارنىڭ ئالدى-كەينىدە خوتەندە “ۋىي چى” سۆزى ئەمەس، بەلكى “ماچىن”دېگەن ئىبارە قوللىنىلغانلىقى ! رو! شەن. ئى. بىرتىشىندىرنىڭ ئەرەب تارىخچىلىرىغا ئاساسلىنىپ يېزىشىچە، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان قەشقەر خوتەن ئارىسىدىكى (1017-يىلى) ئۇرۇش چىن-ماچىن ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. ستەين فرانسوز ئالىمى گرېنارد (م.گرەنارد)نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ ئەينى چاغدىكى خوتەن بۇددىستلىرىنىڭ پادىشاھىنى “جاگال- كھالكالۇ ئوف ماچىن”- ماچىن شاھى ياغلۇ قالقالۇ دەپ يازغان. بۇ خەلق ئىچىدە “قالقالۇ ماچىن”دەپ ئاتىلاتتى. بۇ دەل “ۋىجايا” ، “ۋايسارا” دەپ خاتا قوللىنىۋاتقان ماچىندۇر.
ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك ئەدىبىياتىدا “چىن”، “ماچىن” ئىبارىلىرى كۆپ ئىستېمال قىلىندى. بۇ لۇتفى، سەككاكى، ناۋائى، زەلىلى قاتارلىق ئۇيغۇر نەسەبىگە تەۋە كلاسسىك شائىرلار تەرىپىدىنلا ئەمەس ھەتتا ئەزەربەيجان شائىرى نىزامى گەنجىۋى، فۇزۇلى، ھەتتا “يولۋاس تېرىسىنى يېپىنىۋالغان باتۇر” داستانىنىڭ ئاپتورى گىروزىن شائىرى رۇستاۋىلى شۇتانىڭ ئەسەرلىرىدە تۇران نامى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. لۇتفى “گۈل ۋە نەۋرۇز” داستانىدا چىن ۋە ماچىن ئارىسىدىكى قېرىنداشلار ئۇرۇشىدىن پەرياد چېكىپ مۇنداق مىسرالارنى يازغان:
نى يالغۇز چىنۇ ماچىن تەڭسۇقىدىن،
كى بارچە دۇنيانىڭ تەڭسۇقلىقىدىن.
قارا تاغلىق ۋە ئاق تاغلىق دەپ گۇرۇھ بولۇشۇپ ، تۈگىمەس تەپرىقىچىلىق قۇيۇنلىرىنى قوزغىغان خوجا ئىشانلارنىڭ يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنى خانىۋەيران قىلىشىپ پەيدا قىلغان جاھالەتلىك يىللىرىدا ياشىغان مەشھۇر شائىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ئۆزىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىدە ئۆتكەن سەرسان ­سەرگەردانلىق ھاياتىنى:
چىندا مۇساپىردۇرمەن ماچىن ئىچىدە غېرىپ،
يار يۈزىن كۆرمەدىم مۇنچەكى مەن سارغىيىپ.
دەپ ئىپادىلىگەن.(، مىللەتلەر نەشرىياتى، 300- بەتكە قاراڭ).19-ئەسىردە ئىلى ۋادىسىدا ياشىغان تالانتلىق شائىر موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ تارىخى داستانى “غازات دەرمۈلۈكىل چىن”(چىن يېرىدىكى مۇقەددەس ئۇرۇش)دە ئىلى ۋادىسىنى “مۈلكىي چىن” دەپ ئاتىغان. بۇ “مۈلكىي ئەجەم”، “مۈلكىي خوتەن” دېگەندەك ئادەت خاراكتېرلىك ئاتاش، ئەلۋەتتە.
ئ ۇلۇغ شائىر ناۋائىينىڭ “پەرھاد -شېرىن” داستانىدا يارىتىلغان چىن شاھزادىسى پەرھاتنىڭ ئوبرازى بىزگە ھەرگىزمۇ ھازىرقى ئەرەب، پارىس، ۋە تۈرك تىللىرىدا “جۇڭگو” نى “چىن” دەيدىغان پاكىت تۈپەيلى “جۇڭگو شاھزادىسى” بولۇپ تۇيۇلمايدۇ. “چىن” ۋە “ماچىن” دىن ئىبارەت بۇ توپىنومىيىلىك نام تارىختا ئۇيغۇر-تۈرك خەلقلىرى ياشىغان غەربىي يۇرتنى كۆرسىتىدۇ. جاڭ خۇڭنىئەن ئەپەندىمۇ “شاھنامە” نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسىدا “چىن” ئاتالمىسى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى تارىختا تۈركىي خەلقلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايوننى كۆرسىتىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىنى كۆرسەتمەيدۇ”، دەپ ئەسكەرتكەن.
يوقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن مۇنداق مۇھاكىمىگە كېلىش مۇمكىن. ئىسكەندەر زۇلقەرنەين مەركىزى ئاسىياغا بېسىپ كىرگەندە “چىن” قەبىلىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئەمما ئۇرۇش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەشەببۇسكارلىقى تۈپەيلى سۈلھى بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ “چىن” قەبىلىلىرى ئەفراسىياپنىڭ “تۇران” قەبىلىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
“چىن” ۋە “ماچىن” ئىبارىلىرى قەدىمكى “غەربىي يۇرت شەھەر-قەلە دۆلەتلىرى” گە باغلىنىشلىق ئاتالغۇ بولۇپ، قەدىمدىن مەۋجۈت ئىدى. بۇ ئاتالغۇ بىلەن چىنشىخۇئاڭ بىرلىككە كەلتۈرۈپ قۇرغان سۇلالىنىڭ نامىنى ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە ئاساس يوق. چۈنكى بۇ ئاتالما چىن سۇلالىسى زامانىسىدىن تولىمۇ قەدىمىي بولغان دەستۇرلاردا تىلغا ئېلىنغان. روشەنكى ، كېيىنكى كۈنلەردە ئاغدۇرۇلغان ۋە ئەينى زامان سىياسىي مۇھىتىدا نامىنى نىشانە قىلغىلى بولمايدىغان چىن سۇلالىسىنىڭ نامى “چىن” ۋە “ماچىن” ئىبارىلىرىگە ئاساس بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇ سۇلالىسى زامانىسىدىلا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى چۈنچيۇ دەۋرىدىلا شىمالدىكى مىللەتلەر “؟؟” (چىنلار) دېيىلگەن. چىن سۇلالىسىگىچە سوقۇلغان سەددىچىن نىئەنشۈي ۋادىسىغا يەتمەي ئاخىرلاشقان بولۇپ، سېپىل سىرتى “چىن”دەپ ئاتالغان. بۇ ئومۇمەن مەركىزى ئاسىيانى كۆرسىتىدىغان تۇران زېمىنى چىن ، خوتەن دىيارى ئۇلۇغ چىن-ماچىن دېيىلىدىغانلىقىنى ، “ئوتتۇرا چىن” ئىبارىسى “ماچىن” ئىبارىسىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
1990-يىلى. ئۇرۈمچى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرى
ئابدۇلئەزىز ئىسمائىل قومۇلى
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرى مەزمۇن جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرىدۇ .
« غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ ، ئادەتتە مىللەتلەر تىلى ، ئورۇنداش سەنئىتى ، تۇرمۇش ئادەتلىرى ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ، خەلق مۇزىكىلىرى ، مۇراسىملار ، ئەنئەنىۋى بايراملار ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك ماھارىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مىللىي ئەدەبىيات – سەنئەت ، مىللىي روھ ، بىر ئەلنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىلەش شەكلىدۇر . ئەگەر بىر مىللەتتە بۇ نەرسىلەر بولمىسا ، دۇنيادا ئۇنىڭ ئورنى ۋە تەسىر كۈچىمۇ بولمايدۇ ، ھەتتا ئۇ مىللىي تىل ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالىدۇ … ھازىرقى دۇنيا بارغانسىرى ماددىلاشماقتا . لېكىن ئىنساننىڭ ماھىيىتى غەيرى ماددى بولىدۇ .ماددىي تەرەققىيات سەۋىيىسى يوقىرلىغانسىرى ، ماددىي مەدەنىيەت قاتلىمىغا شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ . يەنى ماددىي تەرەققىيات مەدەنىيەت قاتلىمىغا تەۋە بولغان نەرسىلەرنى شۇنچە گەۋدىلەندۇرىدۇ . » ( « مىراس ژۇرنىلى » 2007-يىلى 3- سانىدىن ) .
2003-يىلى 10-ئايدا ماقۇللانغان « غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى » دا « شەخسلەر تەرىپىدىن مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تەركىبى قىسمى دەپ قارالغان ھەر خىل ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ، ئېتىقات قارىشىنى شەرھىلەش شەكلى ، بىلىم ، ئىقتىدار ۋە مۇناسىۋەتلىك قورال – سايمانلار ، ماددىي نەرسىلەر ، قول ھۇنەر بۇيۈملىرى ۋە مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى » غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرىدۇ دەپ تەبىر بەرگەن . « ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرى » ناملىق بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنلىرى « ئەھدىنامە » تەبىر بەرگەن بەزى مەزمۇنلىرى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ .
بىرىنچى باب ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرى توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار تارىختا يالغۇز بىر خىل ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان . ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئىھتىياجىغا ماس ھالدا باشقا ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرى بىلەنمۇ شوغۇللانغان . قەبىلىلەر دەۋرىدە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كەسىپگە يانداشتۇرۇپ دېھقانچىلىق ، ئوۋچىلىق ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تىجارەت كەسىپلىرى بىلەن شوغۇللانغان . دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلىپ جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادى گەۋدىسىگە ئايلانغاندىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا – تىجارەت بىلەنمۇ كەڭ شوغۇللىنىپ ھەر خىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغان .
ئۇيغۇرلار مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىنكى كەسىپ تۈرلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن . بىزگە مەلۇمكى ئۇيغۇرلار جۇڭگودىكى جۈملىدىن ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، تارىختا بىر قانچە قېتىم خانىدانلىق دۆلەت قۇرۇپ ، سىياسىي ھاكىمىيەت ئىشلىرى ، ئىشلەپچىقىرىش – مالىيە ئىقتىساد ، سودا ، خارجى ۋە ھەربىي ئىشلار بىلەن ئەتراپلىق شوغۇللىنىپ گۈللەنگەن مەدەنىيەتلىك مىللەت ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئېيتىمىزكى ئۇيغۇرلارنى نوقۇل ھالدا دېھقان مىللەت ياكى چارۋىچى مىللەت ۋە ياكى ھۈنەرۋەن مىللەت دېيىشكە بولمايدۇ .
ئۇيغۇرلاردىكى دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، سودا – تىجارەت ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق بىر قانچە چوڭ-يىرىك كەسىپلەر ئۇيغۇرچە مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، ئۇيغۇرچە جەمئىيىتىدە ئومومىلىققا ، تارىخى ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ تەرەققى قىلغان ، 21-ئەسىرگىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ ۋە تەرەققى قىلىپ كەلگەن نەچچە يۈز خىل كەسىپ تۈرلىرىدىن بىر قانچىسىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ : مەسىلەن : دېھقانچىلىق ( ئومومەن تېرىقچىلىق )； ئورمانچىلىق ； باغۋەنچىلىك ； چارۋىچىلىق； سودىگەرچىلىك ； ئۇششاق تىجارەتچىلىك； ئاشپەزلىك； قاسساپچىلىق； باقمىچىلىق ؛ تۈگمەنچىلىك ؛ كاۋاپچىلىق ؛باقالچىلىق؛ لەنپۇڭ ؛ زاسۈيچىلىك ؛ سۈتچىلىك ؛ ماروژنا ؛ قەندالەتچىلىك ؛ مۇسەللەس ؛ مۇراببا ؛ھەسەلچىلىك ؛ تىبابەتچىلىك ؛ دورىگەرلىك ؛ ياغاچچىلىق ؛ تۆمۈرچىلىك ؛ نەقىشلىق پىچاقچىلىق ؛ تامچىلىق ؛ مىمارچىلىق ؛ نەقىشلىق ؛ خۇمدانچىلىق ؛ ساپال – كۇلالچىلىق ؛ كىگىزچىلىك ؛ گىلەمچىلىك ؛ يىپەكچىلىك ؛ كەشتىچىلىك ؛ بابكارچىلىق ( شايى ئەتلەس ؛ بەقەسسەم ، كىمخاپ – ئەتۇللا ، ماتا – چەكمەن ، شاتاۋا ( توقۇش ) ؛ چاچمىلىق ؛ تىكۈچىلىك ؛ موزدۇزچىلىق ؛ ياماقچىلىق ؛ كۆنچىلىك ؛ زەگەرچىلىك ؛ سائەتچىلىك ؛ سىرچىلىق ؛ بوياقچىلىق ؛ تېرىچىلىك ؛ جۇۋا – تۇماقچىلىق ؛ دۇپپا ، شەپكە ، دەلپەكچىلىك ؛ رىمونتچىلىق ؛ مىسكەرچىلىك ؛ ( چۆگۈن ، چەينەك ، ئاپتۇنە ، چىلاپچە ، قازان ، پەتنۇس قاتارلىق مىس جابدۇقلار ) . تۆنىكە – قاڭالتىرچىلىك ؛ قۇيمىچىلىق ؛ ( ھەرخىل چويۇن جاپدۇق – سايمانلار ) . ياغ بېسىش دۇكىنى (باسماق ، قىسماق ، يۇفاڭ ) خاراز –جۇۋازچىلىق ؛ ساتراچچىلىق ؛ پەردازچىلىق ؛ سەرراپچىلىق ؛ سوپۇنچىلىق ؛ دۇغاپچىلىق ؛ مېھمان سارايۋەنلىك ؛ كارۋانچىلىق ( تۆگە ، قېچىر ئىشەك ، ئاراپە بىلەن سودا – مال ، يۈك توشۇش ) كىراكەچلىك ؛ ( مەپە ، ئارابە ئۇلاق بىلەن ) ، ئوتۇنچىلىق ؛ چىۋىق ، قومۇش سىۋەت توقۇمچىلىق قاتارلىق 200 تۈرلۈككە يېقىن كەسىپلەر داۋاملىشىپ كەلگەن .
يوقۇرقى كەسىپ تۈرلىرى ئۇيغۇر دېھقانچىلىق جەمئىيىتىدە بارلىققا كېلىپ ، دېھقانچىلىق كەسپىدىن ئايرىلمىغان ھالدا تەرەققىي قىلغان يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادى بولۇپ ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى شەھەرلەشكەندىن كېيىن شەھەر ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان . شەھەردە ئولتۇراقلاشقان سودا ۋە باشقا ھۈنەر كەسىپ ئىگىلىرى دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ كەسىپلىرىدىن ئايرىلىپ چىققان ياكى يېرىم مۇستەقىل بولۇپ شەھەر ( بازار ) ئىگىلىكىگە مەنسۇپ بولغان . يېزىلاردا ، داۋاملىق ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەر خىل كەسىپ ئىگىلىرى دېھقانچىلىقنى ئاساس ، مەلۇم كەسىپنى قوشۇمچە قىلىپ ، ياكى يېرىم دېھقان ، يېرىم ھۈنەرۋەن – تىجارەتچى بولۇپ ياشاپ كەلگەن . شەھەرلەشكەندىن كېيىنكى دەۋرلەردە ، سودا – ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقتىن ، مەخسۇس كەسىپلەر ئۆز ئالدىغا راۋاجلىنىپ ، يېزىلاردىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە باشقا ئۇششاق – مەيدە تىجارەتچىلەر ئىگىلىكى ئانچە تەرەققى قىلالمىغان . ( بۇ ھەقتە ماقالىمىز تېما دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ ) .
ھەممىگە مەلۇمكى دىنىي ئىتىقاد ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ كەلدى . ئىنسانلار ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردە ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن . ئىنسانلار روھىيەت جەھەتتىن پۈتكۈل ھاياتىنى ، ماددىي ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭرىنىڭ ھىمايە قىلىشقا ئىلتىجا قىلىپ كەلگەن . شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ئىككى ئالەم قارىشى ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ، ھايات – مامات ئېڭى ، پۈتكۈل تۇرمۇش ئۆرپ – ئادىتى ، ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرى ۋە باشقىلىرى دىننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ دىنىي تۈس ئالماي قالمىغان .بىخەتەرلىكىنى ، باي – گاداي بولۇشنى ، تەلىيىنى ،تەقدىرىنى ، پايدا – مەنپەئەتىنى ، بەخت – سائادىتىنى ، ئىشلەپچىقىرىشتىن ، سودا – تىجارەتتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىلاھلاردىن تىلىگەن . بەزى دىنلاردا دۇنيادىكى چوڭ شەيئىلەرنىڭ ئىلاھىسى ، مالائىكى – مۇئەككىلى بار دېيىلىدۇ . مەسىلەن ئاسمان ئىلاھى ، قۇياش ئىلاھى ، يورۇقلۇق ئىلاھى ، قاراڭغۇلۇق ئىلاھى ، چاقماق ئىلاھى ، سۇ ئىلاھى ، ئوت ئىلاھى ، يامغۇر ئىلاھى ۋاھاكازالار . شۇنىڭدەك ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلەرنىڭمۇ ئەۋلىياسى ، پىرى – ئۇستازلىرى بولغان . ئۇلارغا ئاتاپ مەخسۇس بۇتخانە ، تاۋاپخانە ، سەيلىگاھلار ياساپ چوقۇنغان . يەر تەۋرەش ، تاغ گۈمۇرلۈش ، يانار تاغ پارتلاش ، كۈن – ئاي تۇتۇلۇش قاتارلىق تەبىئەت ھادىسلىرى يۈز بەرگەندە ۋە قۇرغاقچىلىق ، قەھەتچىلىك ، كەلكۈن بولغاندا تاۋاپخانىلارغا بېرىپ ئىبادەت قىلغان . مۇشۇنداق دىنىي قاراشلار ئاساسىدا ، ھەرخىل كەسىپلەرگە قائىدە – يوسۇن ، ئەخلاقى – نىزام ، رىسالىلەر پەيدا بولۇپ ، بۇ رىسالە – قوللانمىلارغا ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرىنىڭ قائىدە – يوسۇن ، ئۇسۇل – تەرتىپلىرى يېزىلغان . ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئەنە شۇ رىسالە – قوللانمىلارغا ئەمەل قىلىپ ئىشلەش ئەمەلگە قويۇلغان .
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى مانى ، شامان ، بۇددا دىنى قاتارلىق بىر نەچچە دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان . ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋرلەردە ئىشلەپچىقىرىش ، ھۈنەر كەسىپ تىجارەتلىرىدە يوقۇرقىدەك دىنىي قائىدە –يوسۇن ، قوللانمىلارغا ئەمەل قىلغان .
ئىككىنجى باب ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ كەسپى قائىدە – نىزاملىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان . كېيىن بۇ ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرىنىڭ قائىدە – نىزاملىرى جەمئىيەتنىڭ ، دۆلەتنىڭ ھەر خىل قانۇن – تۈزۈم ، نىزام – نەلگۈلىمە ، سىياسەتلىرىنى تۈزەشتە مۇئەييەن ئاساس ۋە رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان . مەسىلەن ھازىرقى ئىدارە ، جەمئىيەت ، مەكتەپ ،كارخانا ، سودا – تىجارەتچىلەرنىڭ خىزمەت ، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپ قائىدىلىرى ئىلگىركى كونا قائىدىلەرنىڭ داۋامىدۇ .
ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش كەسپى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا كەسپىي ھۈنەر – سەنئەت تەرجىمە ، تېخنىكىسىنى ، ئىش تۈرىنى ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇل تەرتىپنى ، مەھسۇلات تۈرلىرىنى پەرزەنتلىرىگە ، ئەۋلادلىرىغا قالدۇرغان ، ئۇنىڭ بەزىلىرى يازما خاتىرە ۋە رىۋايەتلىك تارىخلار كېيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ رەتلىنىپ ھۈنەر كەسىپ ئىگىلىرى رىئايە قىلىدىغان كەسىپ قوللانمىسى – رىسالىسى بولۇپ قالغان . كېيىن بۇ كەسپى قوللانما – دەستۇرلار دېھقانچىلىق قاتارلىق ئىلىم – پەنلەرنىڭ ئىپتىدائىي كىتاپلىرى بولۇپ قالغان . ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن قۇرئان كەرىم ۋە ئەرەپچە باشقا كىتاپلار كۆپلەپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كىرىش ۋە سودا ، دىنىي ئالاقىلار نەتىجىسىدە ، ئەرەپ مەدەنىيىتى يەنى ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش ئادەتلىرى ، ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە تەسىر قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىركى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى رىسالە – دەستۇرلىرىنىڭ مەزمۇن تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن . شۇنىڭ بىلەن تەردرىجىي ھالدا ، تېخىمۇ ئۇلۇغ دىنى نوپۇزغا ئىگە رىسالە دەستۇرلار مەيدانغا كەلگەن . دەستۇرى بار ، پىر – ئۇستازى بار كەسىپلەر تېخىمۇ مۇھىم ، ئۇلۇغ كەسىپلەر دەپ قارالغان. ئۇ رىسالىلارغا : – دېھقانچىلىقنىڭ پىرى ئادەم ئەلەيسالام ، بۇغداي ئۇلۇغ ، بۇغداينى ھاۋا ئانام بىھىشتىن ئېلىپ چۈشكەن ؛ چارۋىچىلىقنىڭ پىرى موسا ئەلەيسالام ، مۇزىكاچىلىكىنىڭ پىرى ، داۋۇت ئەلەيسالام قاتارلىق رىۋايەتلەر يېزىلغان .
ئۇيغۇر ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ رىسالىلىرىدا قويۇق دىنىي تۈسنىڭ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ، ئۇنىڭدا ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ مۇقەددەسلىكى ، ھۈنەر كەسىپ ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ،ھۈنەر ۋە كەسىپلەرنىڭ ئۆزلىرىدە ھازىرلاشقا تىگىشىلىك كەسپى ئەخلاق ئۆلچەملىرى ، ساقلىنىشقا تىگىشلىك بولغان يامان ئىللەت ۋە ئادەتلەر كۆپ نۇقتىلار بويىچە كۆرسىتىپ بېرىلگەن . ئۇيغۇرلار ھەرقايسى كەسىپ رىسالە – دەستۇرلىرىغا چىڭ ئەمەل قىلىپ ، ئۆز كەسىپلىرىنى رىسالە قائىدە –نىزاملىرى بويىچە ئېلىپ بارىدىغان بولغان ، ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرىنىڭ روناق تاپقانلىقىنى ، رىسالىلارغا رىئايە قىلغانلىقىدىن بولغان دەپ ئىشەنگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللى ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇن مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان .
مەسىلەن : ھۈنەر كەسىپ رىسالىسىدە : مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ « ئەلكەسبۇھەبىبۇللاھ » ( ھۈنەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئاللاھنىڭ دوستىدۇر ) دېگەن سۆزى ئارقىلىق ھۈنەر كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىپ ياشاشنىڭ ، جەمئىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن . ھۈنەر كەسىپ ئۆگىنىش ، كەسىپنى سۆيۈش ، كەسىپلەرگە ئىخلاس قىلىش ، شاگىرىت تەربىيلەش يولى ئارقىلىق كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇش ، رىسالىنى ساقلاپ ئوقۇپ تۇرۇش ۋە شاگىرىتلارغا ئۆگىتىش تەكىتلەنگەن . رىسالىلەرنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۈنەر كەسىپ تەرەققىي قىلغان . ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىكى ، « بىلىم – يېنىپ تۇرغان چىراق ، ھۈنەر – كەسىپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق » ، « ھۈنەر بولسا قولۇڭدا ، نان تېپىلار يولۇڭدا » ، « ھۈنەر ئۆلمەس ، ھۈنەرسىز كۈن كۆرەلمەس » . « بىر ئەرگە 72خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ » دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر كەسىپ سۆيەر مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ ، « كەتمەننىڭ ساپىقىنى چىڭ تۇت » ، « ساپاننىڭ قۇلىقىنى چىڭ تۇت » ، « قامچاڭنى چىڭ تۇت » ، « مولامنىڭ پىشىگە ئېسىل » ، « بازغاننىڭ ساپىقىنى چىڭ تۇت » دېگەن تەمسىللارمۇ كەسىپنى چىڭ تۇت دېگەنلىك بولىدۇ . ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا بالىلىرىنى ئوقۇشقا بېرىدۇ ، ھۈنەر ئۆگىنىشكە بېرىدۇ ، بولۇمسىز ، ھورۇن ئادەم بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ . ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نەچچە ئەۋلات ئاتا كەسىپكە ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرىۋاتقانلار بار .
قول ھۈنەرۋەنچىلىك رىسالىلىرىدە كەسپى قائىدە –يوسۇنلار كۆپ تەكىتلەنگەن مەسىلەن « ناۋايلىق رىسالىسى » دەپ مۇنداق دېيىلگەن : « ناۋايلىق كەسپىدە بەش خىل ئىشنىقىلىش سۈننەتتۇر : بىرىنجى ئۆزىنى ھەر خىل ئىشلەردىن پاك تۇتۇش ؛ ئىككىنجى ، ئۇستازلار ئالدىدا ئەدەپ – ئەخلاق بىلەن تۇرۇش ؛ ئۇچىنجى ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش باشقىلارنى يوقۇرى بىلىش ؛ تۆتىنجى ھاۋايى – ھەۋەستىن ئۆزىنى ساقلاش ؛ بەشىنجى ، تونۇر بېشىدا پىر – ئۇستازلىرىنى ياد قىلىپ ئاللاھتىن ياردەم سوراش » .
« كىگىزچىلىك رىسالىسى » دەپ : « رىسالە ساقلاش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ھەم پەرز ھەم ۋاجىپتۇر . كەسىپلەر توغرا نىيەت بىلەن ھۈنىرىگە سادىق بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلماي ، ساپ دىل ، سەمىمىي ھەم پاكىزلىك بىلەن ھۈنەر قىلسا ئىككى ئالەمدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ قىيامەت كۈنى يۈزى بورۇق بولىدۇ ، بارلىق پىر –ئۇستازلىرى رازى بولىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق قىلماي ساختىپەزلىك بىلەن ھۈنەر قىلسا ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ » دېيىلگەن .
« ساتىراشلىق رىسالىسى » دە يەتتە خىل ئىشنى ھارام دەپ بەلگىلىگەن : دۇكان ئىچىدە ناپاك يۈرۈش ، ئاللاھنى ئۇنتۇش ؛ ئاتا – ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلماسلىق ۋە ئۇرۇق تۇغقان ، قولۇم – خوشنىلىرىنى قاقشىتىش ؛ ھاراق – شاراپ ئىچىش ؛ نەشە – تاماكا چىكىش ؛ زىنا خورلۇق قىلىش ؛ لىۋاتەر ( ئەر –ئەر بىلەن زىنا قىلىش ) ؛
«ياغاچچىلىق رىسالىسى » دە شۇنداق دېيىلگەن ؛ « شاگىرتلار ھۈنەردە كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئالتە خىل يامان ئەخلاقتىن خالى بولۇش لازىم ؛ بىرىنجى شاگىرت ئۇستازىنى چاقىرىشتا ئىسمىنى ئاتىماسلىق ؛ ئىككىنجى شاگىرت ئۇستازى ئۈستىدىن شىكايەت قىلماسلىق ؛ ئۈچىنجى ، شاگىرت ئۇستازىغا قوپال مۇئامىلە قىلماسلىق ؛ تۆتىنجى شاگىرت ئۇستاز ئورنىدا تۇرۇپ بۇيرۇقۋازلىق قىلماسلىق ؛ بەشىنجى ، شاگىرت ئۇستازىنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىش ؛ ئالتىنجى ، شاگىرت ئۇستاز ۋە باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى ئاچماسلىق » . بۇ رىسالىدە ئاساسەن ئۇستاز بىلەن شاگىرت ئۇتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە رىئايە قىلىدىغان ئەخلاقى پىرىنسىپلار يېزىلغان .
« بوياقچىلىق رىسالىسى » دە : ئۇستازى شاگىرتىغا ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىتىش ؛ شاگىرتى ئۇستازىغا ئىخلاس بىلەن خىزمەت قىلىش …. قاتارلىق ئون تۈرلۈك قائىدە –تەرتىپلەر كۆرسىتىلگەن .
مەن « ئۇيغۇر مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قائىدە –يوسۇنلىرى » ناملىق بۇ ماقالەمنى يېزىش داۋامىدا ، بۇ تېمىنىڭ دائىرى ناھايىتى كەڭ – چوڭلۇقىنى ھېس قىلدىم . ھەممە كەسىپلەرنى بايان قىلىپ كېتىشكە قۇربېتىم يەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ . چۈنكى ئىگلىگەن ماتېرىيال چەكلىك ، شۇنىڭدەك سەھىپە چەكلىك ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت سودىگەرچىلىك كەسپى ۋە دېھقانچىلىق كەسپىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كەسپ ئۈستىدىلا توختالماقچىمەن . بۇ ئىككى كەسىپنىڭ باشقا كەسىپلەر بىلەن چېتىشلىقى ۋە مەلۇم ئورتاقلىقى بارلىقىنى يوقۇرقى بايانلىرىمىزدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
بىرىنجى سودىگەرچىلىك كەسپىي قائىدىلىرى
« سودىگەرچىلىك رىسالىسى » دە : ئون ئىككى خىل ۋاجىپ ( زۆرۈر ئەمەل ) ئون ئىككى سۈننەت : توققۇز ھارام ( چەكلەنگەن – مەنئىي قىلىنغان ئىش ياكى نەرسە ) ؛ ئون خىل مەكروھ (يامان ئېلىندىغان قىلىق ) ؛ يەتتە خىل يامان ئىش ۋە بىجا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك يىگىرمە ئىككى ئىشلار بېكىتىلگەن .
« ئۇيغۇرلار تارىختا سودا – تىجارەتكە ئىزچىل ئېتىبار بېرىپ كەلگەن ھەمدە يىپەك يولى سودا ئالاقىسىدا تىجارەتكە ماھىرلىقى بىلەن مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن خەلقتۇر . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىچكى سودىغا ئېتىبار بېرىپ قالماستىن ، بەلكى تاشقى سودىغىمۇ ئېتىبار بەرگەن . ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستىك تەركىبى شەكىللەندۇرۈشكە قانناشقان سوغدىلار يىپەك يولى سودىسىدا ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئوينىغان قوم بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سودىغا ماھىرلىتەك ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇدۇم تەرزىدە مىراس بولۇپ قالغان . تارىخمىزدىكى ھەرقايسى خانلىقلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلڭلىك خانلىقلىرى ۋە غەربتىكى ھەر قايسى خانلىقلار بىلەن قىلغان چارۋا مال ، ئاشلىق ، يىپەك ، گەزمال ، مەتبە بۇيۇملىرى ، دورا –دەرمەك ، پار –فۇر بۇيۇملار ، قاشتېشى ….. ( چارۋا مەھسۇلاتلىرى – ئاپتور ) سودىسى ئىنتايىن جانلانغان . ئۇيغۇرلارنىڭ سودا – تىجارەت شەكلى يۇرت ئاتلاپ تىجارەت قىلىش ( كۆچمە تىجارەت ) قىلىش ۋە مۇقىم ئولتۇرۇپ دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىشتەك ئىككى خىل شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇيغۇرلار سودا – تىجارەتنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە تۇتىدىغان مۇھىم ئورنىغا ئاساسەن سودا تىجارەتنى ئۇلۇغ بىلىپ ئۆزىگە خاس تىجارەت ئەخلاقى ، تىجارەت مىزانى ، تىجارەت ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » ئەنە شۇ مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن دەستۇردۇر » « ئۇيغۇرلاردا سودا – تىجارەت مۇھىم كەسىپلەر قاتارىدا تونۇلىدۇ . شۇ سەۋەپتىن سودا –تىجارەتنىڭ پۈتۈن قائىدىلىرىنى شەرھىلەيدىغان « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » بارلىققا كەلگەن . « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » ئىسلامى تەركىپلەرنى ئۆزىگە سىڭدۇرگەنلىكىگە قارىماي ، ئۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت ئەخلاقىنىڭ نىسبەتەن مۇكەممەل قوللانمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . »
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سودا – تىجارەت ئەخلاقىدا ئىسلام ئەخلاقىنىڭ جۈملىدىن ئىسلام دىنىدىكى سودا – تىجارەتكە ئائىت مىزانلار ، پەرھىزلەرنىڭ تەسىرى ۋە تۈسى بەكرەك قويۇق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىللىق ، ياخشىلىق ، مەردلىك … ( سەخلىق – ئاپتور ) تەك تۈپ ئەخلاقى ئېڭىنىڭ سودا – تىجارەتتىكى ئىزناسى بەك چوڭقۇردۇر . » ( « بۇلاق » ژۇرنىلى 2005-يىلى 2-سان 94-95 بەتلىرىدە )
ئۇيغۇر سودا – تىجارەتچىلىرى ئېسىل كەسپىي ئەخلاقى پەزىلەتلەرگە ئىگە :
1) خېرىدارلارغا ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدۇ ، ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » دە بايان قىلىنغان ئون ئىككى سۈننەتنىڭ بىرى – خۇشخۇي بولۇش ، بىجا كەلتۈرۈشكە تىگىشلىك ئىشنىڭ توققۇزىنچىسى خېرىدارغا چىرايلىق سۆز قىلىش ، مۇلايىم بولۇشتۇر ». خەلق ماقال – تەمسىللىرى: « سودىگەر تىلى بىلەن بازار تاپىدۇ ، گىلەم قىلى بىلەن بازار تاپىدۇ . » دېيىلگەن .ئۇيغۇر سودا – تىجارەتچىلىرى خېرىدارلارغا ئوچۇق چىراي ، خۇشخۇيلۇق ، قىزغىن تەكەللۇپ ۋە تەۋەززۇ بىلەن ماللىرىنى ساتىدۇ . خېرىدارنى رازى قىلىدۇ .
2. جاپاغا چىداپ تىرىشىپ تىجارەت قىلىدۇ . مەلۇمكى ئۇزۇن سەپەر سودىگەرلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرى قەدىرلىك ھەم شەرەپلىك ، ئۆتمۈش كونا جەمئىيەتتە قاتناش ۋاستىلىرى قالاق ، يوللار خەتەرلىك قىيىن شارائىتلاردىمۇ ئۇيغۇر سودىگەرلىرى يىراق مەملىكەت ، ئۆلكە ، شەھەرلەرگە سەپەر قىلىپ ، جاپا – مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ مەملىكەت ،ئۆلكە ، شەھەرلەرگە سەپەر قىلىپ ، جاپا – مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ سودا – تىجارەت ئىشلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ، بازارلارنى ئاۋات قىلىپ ئەل – يۇرتنى گۈللەندۈرگەن . ئەلشىر ناۋائى « مەھبۇبۇل قۇلۇپ » ناملىق ئەسىرىنىڭ « تىجارەتچى – سودىگەرلەر ھەققىدە » دىگەن بابىدا مۇنداق يازغان : « بۇنداق كىشى ( يەنە سودىگەر – تىجارەتچى ) نىڭ ئالدى بىلەن مەقسىتى توغرا بولۇشى ، مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق مۇشەققەت تارتىشى ، سودا ئۈچۈن دەريا- دېڭىزغا كىمە سېلىشى ، گۆھەر ئۈچۈن لەھەڭنىڭ ئاغزىغا ئۆزىنى ئۇرۇشى ، پول – مالىنىڭ ھەشەمىتىگە سەۋەپ قىلىشى ، … ئېسىل ، نەپىس كىيىملىرىنى ئاياپ ، كونا ( ئاددى ) كىيىملەرنى كىيىشى ، لەزىز غىزالار ئورنىغا قۇرۇق ( قاتتىق ) نانلارنى يېيىشى لازىم . » دەرۋەقە ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئەلشىر ناۋائى يازغاندەك پەزىلەتلىك تەبىقەدۇر .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتاتقۇبىلىك » داستانىدا شۇنداق يازغان :
بۇنىڭدىن كېيىنكى تىجارەتچىدۇر ،
قىلىپ ئال – سات ئۇ تىنماي پايدا ئالۇر 4419
جاھاننى كېزەرلەر تىرىكلىك تىلەپ ،
ئەقىل ، كۆڭۈلنى بىر خۇداغا باغلاپ .
شەرقتىن غەربكە يۈرۈپ ئايلىنۇر ،
تىلەگىڭ نەرئەرسە ساڭا كەلتۈرۈر .
بىز بۇ نەزمىلەردىن ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىلا بۇ ئۇلۇغ كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىپ ، ئائىلىسى ، يۇرتى ۋە مىللەتنىڭ ماددى ، مەنىۋى ئىھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن كۆپ جاپا چەككەن ، زور ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇپ يېتىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز .
دەر ھەقىقەت ئۇيغۇر سودىگەرلىرى كارۋان بىلەن جاھان كىزىپ ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ، سودا ئالماشتۇرۇش تىخنىكا – تەجرىبىلىرىنى ، ئۇچۇر خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىلىگە ، ئۆز مىللىتىگە يەتكۈزۈپ ، مىللىي سودا – تىجارەت ، ھۈنەر سەنئەتنى گۈللەندۈرگۈچىلەردۇر . ئۇلار شەرقتىن چىنى ( جۇڭگو ) قەشقەر ، خوتەن ، ئەنجان ، ھىندىستان ، ئىران تاۋارلىرىنى غەربكە ،غەربتىن رىم ، يونان ، فرەڭ تاۋارلىرىنى شەرققە ئالماشتۇرغۇچىلار ، ئىقتىسادى ئالاقە قىلغۇچىلار بولۇپلا قالماستىن يەنە مەدەنىيەت ئالماشتۇرغۇچىلاردۇر .
3) ئۇيغۇر سودىگەرلەر سودىنى ئادىل قىلىپ ، بىر – بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ . ئىسلام دىنىدا تىجارەت قىلغاندا جىڭ – تارازا ۋە باشقا ئۆلچەم سايمانلىرىنى توغرا – ئادىل ئىشلەتمەي ساختىلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ھارام دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ . قۇرئاندا « ئۆلچەمنى تولدۇرۇپ بىرىڭلار ، كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار ( نەرسىلەرنى ) توغرا تارازىدا تارتىڭلار ، كىشىلەرگە نەرسىلەرنى ( يەنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن ، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى كەم بەرمەڭلەر . يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ، پىتنە – پاسات تېرماڭلار . » دېيىلگەن . ئۇيغۇر سودىگەرلىرى « سودىگەرلەر رىسالىسى » غا ئەمەل قىلىدۇ . ئېلىم – سېتىمدا خېرىدارلارغا باھادا توغرا مۇئامىلە قىلىدۇ ، باي – گاداي ، مەيلى ھوقۇقدار ، ئەمەلدار بولسۇن ئوخشاش باھادا سېتىشقا ئېرىشىدۇ . ئالدامچىلىق ،ساختىلىق ، كاززاپلىق قىلمايدۇ . لەۋزىدە چىڭ تۇرۇپ ئىناۋەتكە ئېتىبار بىرىدۇ .
4) ئۇيغۇر سودىگەرلىرى جازانىخورلۇققا قارشى تۇرىدۇ . جازانىخورلۇق ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە يامان ئىش دەپ قارىلىپ ئەيىپلىنىدۇ . جازانىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇيغۇر خەلقى ئورتاق ئېتراپ قىلىدىغان گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەت بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن . ئۇيغۇرلار ئۆز ئارا ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن قەرز ئېلىش – بىرىش قىلغاندا ئۆسۈم – جازانە ئالمايدۇ .
5) ئۇيغۇر سودىگەرلەر خەيرى – ساخاۋەت بىلەن شوغۇللىنىدۇ . ئۇيغۇرلار خەير – ساخاۋەتچى مىللەت . ئۇيغۇر دېھقان – چارۋىچىلىرى ، سودىگەر ، ھۈنەرۋەنلىرى ئۇزاق تارىخى ئۆتمۈشتىن بۇيان خەير – ساخاۋەت بىلەن شوغۇللىنىپ ، ئۆز ئارا غەمغۇرلۇق ۋە ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت مىللىي قائىدە – يوسۇننى شەكىللەندۇرگەن . ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن بۇ قائىدە –يوسۇن مىللىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقايسى كەسىپ رىسالىلىرىدە قارار تاپقان . « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » دە ، ئاجىز – مىسكىنلەرگە نەپىقە بىرىش ، ھەر يىلدىكى ئىككى ھېيت نامىزىدا خەير ساخاۋەت قىلىش ؛ يىتىم – يىسىرلارغا خەير – ساخاۋەت قىلىش ؛ تىلەمچى – دىۋانىلەرگە سەخى بولۇش ، ئۇلارنى قۇرۇق قول – نائۈمىد ياندۇرماسلىق قاتارلىق قائىدە – نىزام سۈننەتلەر يېزىلغان . ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سودىگەر – تىجارەتچىلەر قاتلىمى ئومۇمەن مال – دۇنياغا ئىگە پۇلدار باي قاتلام بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ساخاۋەتچىلەر كۆپ ، ئۇلار رىسالىگە ئەمەل قىلىپ ھەر يىلى مال – دۇنياسىدىن ئوشرە – زاكات ئاجىرىتىپ ، كەمبەغەل – نامراتلەرغا تارقىتىپ بىرىدۇ ، ئۇلارنى يۆلەيدۇ ؛ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇرۇزۇشقا ئاكتىپ ئىئانە قىلىدۇ ؛ ئىلىم – مەرىپەت ئىشلىرىغا مەبلەغ توپلاپ ، مەكتەپ ، مەدرىسە ، خانىقا ، دوختۇرخانىلارنى بەرپا قىلغان ؛ ئاممىۋى چوڭ يوللارنى ، كۆۋرۈكلەرنى ياساتقان ؛ شەھەرلەردە مېھمان – ساراي ، ئۆرتەڭلەردە راۋات سالغان . تۈشكۈن ( دەن ) خوجايىنلىرى مىھمانخانىلىرىدە غېرىپ –مۇساپىرلارنى ھەقسىز قوندۇرۇپ ، خالىس تاماق بىرىپ ۋە يول راسخورى بىرىپ يۇرتىغا يولغا سالغان . تارىختا جەمئىيەتنىڭ ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ، ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ، تارىخ – تەزكىرىلەرگە نامى يېزىلىپ خاتىرىلەنگەن مەشھۇر ساخاۋەتچىلەر ، خەلقپەرۋەر ، مىللەت پەرۋەرلەر ئۆتكەن . ئۇلارنىڭ نام ئاتاقلىرى ئۆزلىرى بەرپا قىلغان مەكتەپ ، مەسچىد ، مەدرىسە ، كۆۋرۈكلىرى بىلەن ئاكتىپ ۋە يادلىنىپ كەلمەكتە . يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدا ئامىرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ ، چاۋشيەنگە ياردەم بىرىپ ۋەتەننى قوغداش چاقىرىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ، ئۇيغۇر سودىگەر ، چارۋىچى ، تىجارەتچىلەر ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ناھايىتى نۇرغۇن ئىئانە توپلاپ قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايان قىلغان . ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خەير – ساخاۋەتچىلىك ئەنئەنىسى يېڭى دەۋرىمىزگىچە داۋام قىلىپ ، ھاللىق ، ئىناق ، مۇقىم جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پائالىيىتىدە ئەڭ ئاكتىپ رول ئوينىماقتا . ئۇيغۇر سودا – سانائەتچىلەر ئىچىدىن ۋە ھەرساھىدىن نۇرغۇنلىغان خەير –ساخاۋەتچىلەر مەيدانغا كەلمەكتە . ئۇلار تارىختىكى كونا ساخاۋەتچىلەرنىڭ ۋارىسىلىرى سۈپىتىدە مەكتەپ ، دوختۇرخانا سالماقتا . نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىۋاتىدۇ . نامىراتلارنى يۆلەۋاتىدۇ . ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشقا قانتىشىدۇ ، ئىشسىز ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ ۋە باشقىلار .
6) « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » دە يەنە ، سودا – تىجارەت قىلغۇچىلار جىسمانى ۋە روھى – نىيەت مەقسەت جەھەتلەردىن پاك بولۇش ؛ كىيىم – كىچەك ، بەدەن بېشى ، تىجارەت دۇكانلىرىنىڭ ئىچى – تېشى ، پاكىز ، رەتلىك بولۇشى ، يامان ئىللەتلەردىن ساقلىنىشى ، زىناخورلۇق ، ئوغرىلىق قىلماسلىقى ، خىيانەت قىلماسلىقى ، قىمار ئوينىماسلىقى ، ھاراق – تاماكا ، نەشە چەكمەسلىكى ؛ ھارام نەرسىلەرنى ساتماسلىقى قاتارلىقلار بەلگۈلەنگەن . سودا – تىجارەت رىسالىلىرىدىكى بەلگىلىلەر ئۇيغۇر مىللىي سودا – نىجارەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان . بۇ ئەنئەنىلەر بۈگۈنكى يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مىللىي سودا تىجارەتچىلىكىنىڭ گۈللىنىشىدىمۇ مەنىۋى تۈرۈكلۈك رول ئوينىماقتا .
ئۈچىنچى باب ئۇيغۇر دېھقانچىلىق كەسپى قائىدىلىرى
دېھقانچىلىق رىسالىسىدە « دېھقانچىلىقنىڭ پىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامدۇر ، بارلىق دېھقانچىلىق قوراللىرىنى پەرىشتە جىبىرىئىل ئادەم ئەلەيھىسسالامغا دېھقانچىلىقنى ئۆگىتىدىغان چاغدا ، جەننەتتىن ئېلىپ چىققان » دەپ يېزىلغان .
ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللانغان تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ، تارىخى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا ، ئىنسانلار چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىق دەۋرىگە كۆچكەندىن كېيىنلا باشلانغان . قومۇلدا بۇنىڭدىن « 7000،8000يىل ئىلگىرىلا ئىنسانلار چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللانغان » ، « 4000يىل ئىلگىرى قومۇلدا تېرىقچىلىق قىلغان ئاساسلىقى بۇغداي ، ئارپا ، تېرىق تېرىغان » ، « 2000يىل ئىلگىرىلا ئاققۇناق ، كۆممە قوناق تېرىغان » ، « خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا بۇغداي تېرىش قومۇل قاتارلىق جايلارنى ئاساس قىلغان » ، « 3000يىللىق تارىخقا ئىگە قارادۆۋە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن ئارپا دېنى پوستى بايقالدى » ، « قومۇل قوغۇننىڭ تېرىپ ئۆستۈرۈلۈشى تەخمىنەن 2000يىللىق تارىخقا ئىگە » ( « قومۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى » 410-414-415-416-435-بەتلەردىن ) . بۇ ئۇزۇن دېھقانچىلىق تارىخى پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار بولماي مۇمكىن ئەمەس . ئۇيغۇرلارنىڭ %70 دىن ئارتۇق نوپۇسى دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن . دېھقانچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي چارۋىچىلىقتىن كېيىنكى ئاساسى ئانا كەسپى . ئۇيغۇرلار تېرىقچىلىقنى ئاساس ، چارۋىچىلىقنى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ۋە سودا – تىجارەتنى قوشۇمچە كەسىپ قىلغان نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا ، نەچچە يۈز خىل كەسىپنى ئىجاد قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغان . ئەنە شۇ ھەر خىل ھۈنەر كەسىپلەر كەڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بەرپا بولغان . موشۇ جەھەتتىن ئالغاندا ، دېھقانچىلىققا يانداش ھالدا بەرپا قىلىنغان باشقا كەسىپلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت كەشىپىياتىدۇر . دېھقانلار ئۇلۇغ خەلق ، دېھقانچىلىق ئۇلۇغ كەسىپ ، دېھقانلار جەمئىيەتنىڭ ئۇلى . دېھقانچلىق جەمئىيەتنىڭ ماددىي ئاساسى . پۈتكۈل جەمئىيەت ، پۈتكۈل ھايات دېھقانلارنى ، دېھقانچىلىقنى ئۇلۇغلايدۇ ، قەدىرلەيدۇ . ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ كەسىپ – دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ئەمگەكچان ، چىداملىق ، ئەقىل – پاراسەتلىك ، ئەخلاقى پەزىلەتلىك مىللەت قىلىپ تاۋلاپ چىققان . ئىسلام دىنى كىتاپلىرىدا ، ئۇيغۇر خەلق ئەل ئەدەبىياتىدا ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى – « تۈركى تىللار دىۋانى » ، « قۇتادقۇبىلىك » ، « ئەتە بوتۇلھاقايىق » ، ۋە ئەلشىر ناۋائى ئەسەرلىرىدە دېھقانلارنى ، دېھقانچىلىق كەسىپنى ئۇلۇغلاپ يېزىلغان بايابلار داستانلار ناھايىتى كۆپ ، مەرمۇم روزى سايىت زامانىمىزنىڭ دېھقانلىرى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ شېئىر يازغان شائىردۇر .
ئەلشىر ناۋائى « مەھبوبۇلقۇلۇپ » ناملىق ئەسىرىنىڭ « دېھقانلار ھەققىدە » دېگەن قىسمىدا دېھقانلارنى مۇنداق تەرىپلىگەن : «… بۇنداق دېھقانلار ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ ۋارىسىدۇر ، بەلكى رىزقلانغۇچىلار دېھقانلارنىڭ پەررەنتلىرى بولۇپ ، دېھقاننىڭ ئۆزى ئادەم سەفىيوللادۇر ، كىمكى دېھقان بولىدىكەن ، باشقىلارغا نان بىرىش ئۇنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى . دېھقان ئالى مەرتىۋىسى بىلەن ئاەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالدى » . ناۋائى يەنە دېھقانلاردىكى باشقا ئەخلاقى سۈپەتلەرنى ئەڭ گۈزەل جۈملىلەر بىلەن ئىزاھلاپ ئۆتكەن .
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئېسىل كەسپى ئەخلاقى پەزىلىيەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن پەقەت بىر نەچچە نۇقتىلار ئۈستىدىلا توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمەن .
1) ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى دېھقانچىلىقنى مۇقەددەس كەسىپ دەپ بىلىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىقنى ئۇلۇغلاش كۆز قارىشى قەدىمدىن بۇيان تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئەقىدىسىدۇر .
ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق كەسىپنى باشقا كەسىپلەردىن ئەلا ، ئۇلۇغ كەسىپ دەپ قارايدۇ . دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تۇرمۇشنىڭ ، ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى ، بايلىق يارىتىشنىڭ ئاساسلىق ۋاستىسى دەپ بىلىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىقنى ئۇلۇغلاش ، مۇقەددەس كەسىپ دەپ بىلىش ، قەدىرلەش ئېڭى ئىپتىدائي دېھقانچىلىقتىن باشلاپ ئۇزاق تارىخى ،ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتلەر جەريانىدا يىتىلگەن . ئۇيغۇرلار پەقەت دېھقانچىلىق ئارقىلىقلا ئېغىر تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاچارچىلىق ، قەھەتچىلىكنى يېڭىپ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالغان . دېھقانچىلىقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ئىدىيىسى ئەينى دەۋرلەرگە نىسبەتەن ئىلغار ئىدىيە بولۇپلا قالماستىن ، ھازىرقى دەۋرىدىمۇ ئىلغار ئىدىيە . ئومۇمەن ئالغاندا ھەر قايسى ئەللەردە يېزا ئىگىلىكى ئومۇمىي خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي بولۇپ كەلدى . دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھەر قايسى ئەللەردە %70-%80يېزا ئاھالىسىنىڭ يىمەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن بۈگۈن شەھەر خەلقى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئارمىيەنى يىمەك بىلەن تەمىن ئېتىدۇ . ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش خەلقنىڭ ھايات – ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىشتۇر .
2) ئۇيغۇر دېھقانلار تېرىلغۇ يەرنى مۇقەددەس دەپ بىلىدۇ . ئۇيغۇر دېھقانلىرى قەدىمدىن تارتىپ تېرىلغۇ يەرنى ئۇلۇغلاپ ، قەدىرلەپ كەلگەن . ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدە « يەر ئالتۇن قوزۇق ، يېسەڭ تۈگمەس ئوزۇق » ، « يېرى بار ئاچ قالماس » ، « يەر تويدۇرار ، ئوت كۆيدۈرەر » ، « يەر تويمىغىچە ، ئەر تويماس » ، « سۇ دېھقاننىڭ قېنى ، يەر دېھقاننىڭ جېنى » ، « يەر ھوسۇلنىڭ ئانىسى ، ئەمگەك ھوسۇلنىڭ ئاتىسى » ، « يەرگە ئىشلەشتە ئايانما ، يوق ئاماتەتكە تايانما » … دىگەنگە ئوخشاش ھېكمەتلىك سۆزلەر كۆپ يېزىلغان . دەر ھەقىقەت بۇ كەڭ تارىلىپ كەلگەن ماقال – تەمسىللەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرگە بولغان تەشنالىقىنى ، يەرگە بولغان ئىخلاسمەنلىكىنى ، يەرنى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ، ئاساسلىق خۇسۇسىي مۇلۈك دەپ قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ . ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەرگە باغلىغان ئەقىدىسى بويىچە ئېرىق – ئۆستەڭ ، كارىز ، بولاقلارنى چېپىپ ، چۆل – دالارغا سۇ باشلاپ بوز يەرلەرنى ئېچىپ مۇنبەت تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرغان . ھەر خىل زىرائەتلەرنى تېپىپ ، دەل – دەرخ تىكىپ ، مىۋىلىك باغلارنى ، ئورمانلارنى ئەھيا قلىپ قۇملۇق – چۆللەردە بوستانلىقلارنى ، كەڭ مىللىي مەھەللە ، يېزا – كەنىتلەرنى بەرپا قىلغان . لېكىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تەقدىر – قىسمەتلىرى تەڭ بەرابەر بولمىغانلىقتىن كۆپچۈلۈك دېھقان يەرگە ئىگە بولالمىغان . كونا جەمئىيەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېرىلغۇ يېرىنىڭ بار – يوقلىقى ، يېرىنىڭ ئاز – كۆپلىكىگە قاراپ سىنىي تەركىبلەرگە بۆلۈنۇپ ياشىغان . تېرىلغۇ يېرى يوق ئىجارىكەش دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن . شۇ تارىخى ئەمەلىيەتلەر ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان تەشنالىقىنى يەرگە ئىگە بولۇشقا ئىنتىلىشنى كۈچەيتكەن . يېرى يوقلار تىرىشىپ يەر سېتىۋالىدىغان ، يېرى بارلار مۇمكىن قەدەر يېرىنى سېتىۋەتمەيدىغان ئادەتلەر تىكلىگەن . ئەۋلاتلىرىغا يەر – زىمىن قالدۇرۇشنى مۇھىم بىلىش ، پەرزەنتلەرمۇ ئاتا – ئانىسىدىن مىراس قالغان يەر – زىمىنگە ۋارىسلىق قىلىشنى مۇھىم بىلىش قاتارلىق قائىدە – يوسۇنلار ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەنئەنىلىك ، پىسخىك ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن .
ئۇيغۇردېھقانلار تېرىلغۇ يەرگە ئىگىدارلىق قىلىش قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداپ كەلگەن . كونا جەمئىيەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مىراس يەرلىرىنىڭ دىنى ھاكىمىيەت ياكى مەمۇرى ھۆكۈمەت .. . تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىپ تىزىمغا ئېلىپ يېزىپ بەرگەن « يەر خېتى » بارئىدى . يەر خېتىگە يەرنىڭ موسانى ، ھودۇدى ( پاسلى ) غەربى ، شەرقىي ، شىمالى ، جەنۇبى تەرەپلىرى كىملەرنىڭ يەرلىرىگە چېتىلىدۇ چىگىرداش ، يەر خوشىنىلىرىنىڭ ئىسمى كىم ؛ مەزكۇر يەرگە قانداق ئىگە بولغان ؛ ئاتىسىدىن مىراس قالغان يەرمۇ ؛ مىراس قالدۇرۇلغان خېتى بارمۇ ؛ ياكى باشقىلاردىن سېتىۋالغانمۇ ، ئىسپاتلىق يەر خېتى بارمۇ ، گۇۋاھ شاھىتلار كىملەر ، ۋاقتى ( مىلادى ياكى ھىجىرىيىنىڭ ئاي ، كۈنى ) تەپسىلىي ، تولۇق يېزىلىدۇ ، شۇ زاماننىڭ يەر خەتلىرى مەھكىمە شەرىئەتنىڭ مەخسۇس خەتتاتلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئۆلچەملىك نۇسخە قىلىپ خوتەن قەغىزى ياكى ئاق خەسىگە ۋە ياكى ئاق يىپەك خاسىۋالغا يېزىلاتتى . مەھكىمە شەرىئەتنىڭ مال – مۈلۈك ، يەر زىمىن ئىشلىرىغا مەسئول ئەمەلدار يېزىلغان يەر خېتىنى ئوقۇپ تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن مۆھۈردار ئاخونۇم شەرىئەتنىڭ مۆھۈرىنى يەر خېتىغا بېسىپ بىرەتتى. بىزگە مەلۇم بولغان يەر خەت نۇسخىلىرىغا قارىغاندا ، مۆھۈر ( تامغا ) يەر خېتىنىڭ ئوڭ سول كانارىسىغا ھەم ئاياق قىسمىغا 2،3 يەرگە بېسىلغان . مەنە مۇنداق يەر خېتى يەرگە ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ يەر ھوقۇق ئىسپاتنامىسى بولۇپ ، بۇ ئىسپات خەت بىلەن مىراس يېرىنى قوغداپ قالاتتى . يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ يەر ئىسلاھاتىدا يەر ئىگىلىرىنىڭ يەر خەتلىرى كۆيدۇرۇلۇپ ، يەرلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ ، يەرسىز دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بىرىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن يەرگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە قانۇنلار تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدىغان بولدى .
3) ئۇيغۇر دېھقانلىرى سەخى – ساخاۋەتچى ، خالىس –توغرى نىيەت ، ئاقكۆڭۈل ، راستچىل ، مەرد ئادىل ئەخلاقى پەزىلىيەتلەرگە ئىگە .
دېھقانچىلىق رىسالىسىدە :دېھقانلار ئۆزىنىڭ رىزقى ئۈچۈنلا تېرىقچىلىق قىلىپ قالماستىن ، جەمى جان – جانىۋار ، ھايۋانات – ئۇچار قاناتلارنىمۇ رىزقلاندۇرۇش ، سەخى بولۇش ، بىخىل بولماستىن ؛ ئالغان ھوسۇلدىن ئوشرە – زاكات بىرىش ، غېرىپ – غۇربا ، ئاجىز مىسكەنلەرگە سەدىقە بىرىش ،نەزىر بىرىش ، خەيرى – ساخاۋەتچى بولۇش ؛ ساۋاپلىق ئىشلارنى ئادا قىلىش قاتارلىق كۆپ مەزمۇنلۇق تەلىم ۋە تەشەببۇسلار يېزىلغان . ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن مىڭ يىللاردىن بۇيان رىسالىنىڭ قائىدىلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلگەن .
ئۇيغۇر دېھقانلار ھەر يىلى ئەتىيازدا تېرىقچىلىقنى باشلىغاندا ، بەزى قائىدە – يوسۇنلارنى قىلىدۇ ؛ ياخشى كۈننى تاللاشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ .
دېقانلارنىڭ ئادىتى بويىچە يامان كۈن ، نەس كۈن بولارمىش ، ياخشى كۈننى تاللاپ ، ئاتا – بوۋرىلىرىنى ياد ئېتىپ جامائەتنى چىللاپ نەزىر قىلىپ ، بىر يىللىق تېرىقچىلىقنى باشلايدۇ . بۇغداي تېرىشنى باشلىغان كۈنى قوشنى ھەيداشتىن ئىلگىرى ساپاننى قىبلىگە قارىتىپ يەرگە سانجىپ قويۇپ ، تېرىشقا تەييارلىغان بۇغداي ئۇرۇققا قاراپ دۇئا قىلىدۇ . تەخمىنەن مەنىسى : ئەي خۇدا ۋەندە كېرەم ئۇشبۇ ئۇرۇقنى جەمئىي ئادىمزات – ھايۋانات ، جان – جانىۋار ئۇچار قانات ، قۇرۇت – قوڭغۇزلارنىڭ رىزقى ئۈچۈن ئاتاپ تېرىدىم . تېرىغان ئاشلىققا بەرىكەت بەرگەيسەن دېگەندەك مەزمۇنلاردا دۇئا قىلغاندىن كېيىن يەرگە ئۈرەننى چاچىدۇ . دېمەك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەر يىلى باش ئەتىيازدا تېرىقچىلىقنى شۇنداق قائىدە – يوسۇنلار بىلەن باشلىشى ئۇلارنىڭ ئومۇميەتچىل ، سەخى ، خالىس ، مەردانە ، توغرا نىيەت –مەقسەتلىرىنى نامايان قىلىشىدۇر . ئۇنىڭدىن باشقا نورۇز ،مەۋلۈد ، سارەخەتمە ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىمۇ دەل بۇغداي تېرىلغۇسى كۈنلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ پائالىيەتلەرنىڭ نىيەت – مەقسەتلىرى ، مەزمۇن شەكىللىرىمۇ قويۇق مىللىي – دىنىي تۈس ئالغان بولۇپ ئاللادىن يۇرتىنىڭ ئامانلىقىنى تىلەش ، ئىش – ئوقەت ، مەئىشەتلەرگە بەرىكەت ، ئاسايىشلىق تىلەشتىن ئىبارەت . ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئېتىقاد ، ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ ، نىيەت –مەقسەتلىرىنى ئشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ ، ئالغان ھوسۇلىدىن ئوشرە – زاكات ئايرىپ ئاجىز –مېيىپ ، تۇل خوتۇن – يىتىم ئوغۇللارغا ، كەمبەغەل –يوقسۇل تۇغقانلىرىغا بىرىدۇ . مەسچىت ، مەدرىسلەرگە ئىئانە قىلىدۇ . كونا جەمئىيەتتە نۇرغۇن مەكتەپ ، مەسچىت ، مەدرىسە خانىقالار ، كۆبرۈك ، يوللار دېھقانلارنىڭ كۈچى بىلەن سېلىنغان ، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ خالىس ئەمگەك كۈچى قانتاشقۇرۇلغان . ھەتتا بەزى دېھقانلار مىراسخورى يوق ئاياللار دىنى مەرىپەت ئۈچۈن مەسچىت ، مەدرىسلەرگە ئۆزىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ۋەخپى قىلىپ بەرگەن . يەر ئىسلاھاتىدا ھۆكۈمەت يىغىۋالغان مىڭ – ئون مىڭ مو ۋەخپى يەرلەرنىڭ مۆھۈر بېسىلغان بەزى يەر خەتلىرىدىن شۇنى كۆرۈپ ئالالايمىزكى ، مەسچىت ، مەدرىسە ، خانىقا ، كۆبرۈكلەرنىڭ ۋەخپى يەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئەزەلدە دېھقانلار تەرىپىدىن ئىمامچىلىققا ،مەزىىنچىلىككە ئاتاپ بىرىلگەن يەرلەر ئىكەن . قالغان قىسمى چوڭ يەر ئىگلىرى ، ۋاڭ ، بەگ ۋە تەقۋادار بەزى ئەمەلدارلار ئاتىغان يەرلەر ئىكەن . دېمەك ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆزىنىڭ ئازغىنە يەرلىرىدىن بىر قىسمىنى بالىلىرىغا مىراس قالدۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ ، مەرىپەت ئىشلىرىغا ئاتاپ ساۋاپ تاپقان .
دېھقانلار تىلەمچى – ھاجەتمەنلەرنى نائۈمىد قالدۇرمايدۇ . ئۆيىگە كەلگەن تىلەمچىلەرگە نان بىرىدۇ . خارمانغا كەلاگەنلىرىگە ئاشلىق بىرىدۇ ۋە قوغۇنلۇق ياكى باغقا كەلگەنلىرىگە قوغۇن ،مىۋە بىرىدۇ . كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە كەمبەغەل –يوقسۇل تۇغقانلىرىنىڭ ئېڭىزدىن باشاق تېرىۋىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ . كۆكتات ، ئوت – سامان بىرىدۇ . ئومۇمەن رىسالىدە ئېيتىلغاندەك جەمئىي ئادىمزات ، خىش –ئەقرىبا ،ئۇچار قانات ، قۇرۇت –قوڭغۇزلارنىڭ ھەممىسى دېھقانلارنىڭ ھەر خىل زىرائەتلىرىنى يەپ رىزقلىنىدۇ .
4) ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېرىلغۇ يەرگە ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ .زىرائەتنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ ، مول ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىدۇ . ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىكى : « سەن يەرنى ئالدىساڭ ، يەر سېنى ئالدايدۇ » ، « ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن » ، « قۇلدەك ئىشلەپ ، بەگدەك يەپ – ئىچ » . « بىر كۈننىڭ ئىشى ئەتىگەندىن باشلىتار ، بىر يىلنىڭ ئىشى ەئەتىيازدىن » دېگەنگە ئوخشاش ھىكمەتلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىدۇر . دېھقانلار كۈز پەسلىدە يەرلىرىنى ياخشى ئاغدۇرۇپ توڭ سالىدۇ . قىش پەسلىدە ئوغۇت توپلايدۇ . ئەتيازدا يەرنى ئوغۇتلاپ تېرىيدۇ . ئېرىق – قىرلىرىنى ياخشى چاپىدۇ ، زىرائەتلىرىنى ۋاقتىدا سۇغىرىپ پەرۋىش قىلىدۇ . زىيانداشتىن ، ئاپەتتىن ساقلىنىپ مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ . مەلۇمكى دېھقانلار تەبىئەت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت قىلغۇچى ئەمگەكچىلەر بولۇپ ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قانۇنىيەت – تەرتىپلىرىنى بىلىدۇ ۋە شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ ، خىلاپلىق قىلسا زىيان تارتىدۇ . « ماڭلايدىن ئاقسىما تارام – تارام تەر ، كۆكەرمەس ھېچقانداق باھاردىمۇ يەر » ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر )
5) ئۇيغۇر دېھقانلار شاپائەتچان ، رەھىمدىل ، ۋاپادار كېلىدۇ .
ئاتا- ئانا ، خوتۇن بالىلىرىغا ۋاپادارلىق ، مېھرىبانلىق بۇرچىنى ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە يەتكۈزىدۇ ، قەدىرلەيدۇ ، ھۆرمەتلەيدۇ ، ئىززەتلەيدۇ ، ياخشى يېپىندۇرۇپ ، كەيدۇرۈشكە تىرىشىدۇ ، كىسىلىنى داۋالاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكەن سەۋەپ قىلىدۇ . تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ رازىلىقىنى دۇئاسىنى ئالىدۇ . ۋاپات بولسا ئۆلۈمىنى ئۇزۇتىدۇ . نەزىر قىلىپ قەبرىسىنى يوقلاپ خاتىرىلەيدۇ . ئاتا – ئانىسىدىن كېيىن قېلىپ ياخشى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەنلەرنى ، ئەل ئارىسىدا ، ئاتا –ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغانلار دېيىشىدۇ .
ئۇيغۇر دېھقانلار ئىشلەپچىقىرش ھايۋانلىرىغا ، ئۆي ھايۋانلىرىغىمۇ رەھىمدىللىق قىلىدۇ . ھايۋانلىرىغا ، ئۆي قۇشلىرىغا دېھقانچىلىق ئاشلىقىدىن ئاشلىق ، دان ئايرىپ بوغۇز ، يەم – خەشەك قىلىپ ياخشى باقىدۇ ، ئۇلاقلىرىنى ئاسرايدۇ . قاتتىق ئۇرۇپ جازالاشنى « يامان بولىدۇ » دەيدۇ ، نورمىدىن ئارتۇق ئېغىر ئىشلەيمەيدۇ . ئارابىنىڭ يۈكى ئېغىر بولۇپ كەتسە ئارايىكەش ئارابىنى تارتىشىپ ياردەم قىلىدۇ . چاق يېتىپ قالسا ، چاققا مۈرۈ قويۇپ ئىتتىرىپ چىقىرىدۇ . ھايۋانلىرىنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتىدۇ . دېھقانلارنىڭ رەھىم شەپقەتچانلىق روھى ئەۋلاتتىن – ئەۋلاتقا مىراس بولۇپ كەلدى .
6) ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆز ئارا ئىتتىپاق ، ئىناق ، ئۆم ياشاپ كەلگەن خەلق . ئىنسانشوناسلار ، مىللەتشوناس ئالىملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇر دېگەننىڭ مەنىسى « ئۇيۇشقاق » ، « يېپىشقاق » ، « بىرلىشىش » « ئىتتىپاقلىشىش » ، « ئۇيۇش » دېمەكتۇر دەپ تەبىر بىرىدۇ . مەھمۇد قەشقىرى « تۈركىي تىللار دىۋانى » دا ، ئىسكەندەر زۇلقەرىيىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ « ئۇيغۇر » دېگەن سۆز « ئۆز ئۇرۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار » دېگەن مەنىگە ئىگە دەپ يازغان . بۇ تەبىرلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسىرلەردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرىدە ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ .
ئۇيغۇر دېھقانلار ھەمكارلىق روھىغا باي . دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش – جىددىي پەسىللەردە ئۆز ئارا لاپقۇتلىشىدۇ . ئورما قىلىشىدۇ ، ھوسۇل يىغىشىدۇ ، ئەمگەك كۈچى يوق ، ئۇلاق – جابدۇقلىرى يوق ئائىلىلەرگە ، خوشنىلارغا ، تۇغقانلارغا ياردەملىشىپ تېرىشىپ بىرىدۇ ، ئاشلىقىقىنى يىغىپ بىرىدۇ ؛ ئاشلىق ياردەم قىلىدۇ ؛ ئۆي – ئىمارەت سالغاندا ،ئەمگەك كۈچى ، ياغاچ ، خىش – كېسەك ياردەم قىلىدۇ ؛ توي – تۆكۈن ، ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرىدا ئورتاق ھېسسىياتتا بولۇپ ، قىزغىن ياردەملىشىپ ، خوشاللىقىتا بىللە ، ماتەم – قايغۇنى تەڭ تارتىشىدۇ؛ بالا – قازا ، ھالىم – ھادىسلارغا ئۇچرىغاندا ، پىداكارلىق قىلىشىدۇ ؛ ئۆز – ئارا مېھمانغا چىللىشىدۇ ، توي – مەرىكىلەرگە قىزغىن قاتنىشىدۇ ، سوغا – سالام قىلىشىدۇ ؛ ئاغرىقلارنى ، تۇغقانلارنى ، دوس – يارەنلىرىنى يوقلىشىدۇ ؛ ئۇيغۇر ئاياللىرى خوشنىلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتىشىدۇ ، تاماق – غىزا سۇنىشىدۇ ، يىمەك – ئىچەك ، ئۇن – نان ، تۈز كەم – ئۆكسۈت قىلىشىدۇ ؛ ھەمكارمىلىشىپ نان يېقىشىدۇ ؛ تۈگمەنگە ئۇگۈت تەييارلىشىدۇ ، ئۇن ئەگلىشىدۇ ؛ تونۇر بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئىسسىق نان يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ ؛ ناننى ئۇلۇغ بىلىدۇ ، يالغۇزلۇققا يولداش ، سەپەرگە ئوزۇق ۋە ھەمرا قىلىدۇ ، تىلەمچىلەرگە نان سەدىقە بىرىدۇ ؛ رامزاندا ، رەمزان ئېيتىپ كەلگەنلەرگە نان ياكى زورلۇق ئاشتىن بىرىدۇ ، ھېيت – ئايەمدە تۇپراق بېشى يوقلاشقا نان – چەلپەك تەييارلايدۇ .
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاق پەزىلىيەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى پەزىلىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .
قوشۇمچە
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خارمان ئەمگەك ئىشلىرىدە پەرھىز قىلىدىغان قائىدە – يوسۇنلار بار : خارمان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھوسۇلنى يىغىپ – توپلاپ ئالىدىغان ئەمگەك ئورنى . خارمان ئەمگەك تەرتىپى ئېتىز – قىر ئەمگەكلىرىگە ئوخشىمايدۇ .خارمانغا زىرائەت يىغىلىپ – توپلانغاندىن كېيىن ، دېھقانچىلىق ئاشلىقنى تەييارلىق باسقۇچىغا كىرىدۇ ، دېھقانلار مول – ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ئاللادىن بەرىكەت تىلەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھوسۇل ئىگىسى دىني ھىسسىيات ئىچىدە ئەمگەك قىلىدۇ . خارماندا ناماز ئوقۇيدۇ ، پاك- پاكىزلىكقا رىئايە قىلىدۇ . خارماندا ئىشلىگۈچى ئەر – خوتۇنلار بىللە ياتماسلىق ؛ غۇسلە قىلمىغانلار خارماندا ئەمگەك قىلماسلىق ؛ ئەركەك – چىشى ھايۋانلارنى خارماندا جۈپلەشتۇرمەسلىك ؛ خارماندا ئىشلىگۈچىلەر خارماننى ئوڭ ئايلىنىپ مېڭىش ، بۇغداي يانچىغاندا ( تەپكەندە ) تېپننى ئوڭدىن سولغا ئايلاندۇرۇپ ھەيدەش ؛ تېپىنگە قوشۇلغان ئۇلاقلار سىيىپ – تىزەكلەپ قويغاندا تىزىكىنى دەرھال ئېلىۋىتىش ، ياكى كېيىن شەك سەدىقە ئاشلىق ئارقىلىق ئاشلىقنىڭ پاكلىق شەرتىنى ئادا قىلىش ؛ بۇغداينى شامالغا سورىغاندا ،شەرقتىن چىققان شامالغا سورۇن ئۇسۇشقا تەييارلانغان ئاشلىقنى ئالدىن – ئالا كۆڭۈلدە مىقدار سان بەلگۈلەشكە بولمايدۇ ،بەركىتى ئازلاپ كېتىدۇ ؛ ( چۈنكى قانچلىك ھوسۇل چىقىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللا بىلەرمىش ) .
تاش تۇلۇق ، چاپچا ( ئادا ) گۈرجەك، سۈپۈرگە قاتارلىق خارمان جابدۇق – سايمانلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشكە ،دەپسەشكە ، ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ؛ ( باشقا كەتمەن ،گۈرجەك ، ئورغاق قاتارلىق دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىمۇ شۇنداق ) ئۇنىڭدىن باشقا خارمان ئىلىشتىن بۇرۇنقى كۈنلەردە خارمانغا كەلگەن ياشانغان تىلەمچى كىشىلەرنى ياكى يات كىشىلەرنى ۋە ياكى ئىت- مۈشۈكلەرنىمۇ « خىزىر » ، «ئەۋلىيا » بولۇشى مۇمكىن دەپ ئۇيلاپ ئۇلارغا ئەدەپ – ھۈرمەت بىلەن قارايدۇ ؛ ساماندىن ئايرىلىپ تازىلانغان چەشلەنگەن بۇغداينى « قىزىل » ئاتايدۇ « خامان قىزىرىپ قالدى » « ئىدەرلىك ۋاقىت » دەيدۇ . چەشلەنگەن بۇغداي ئايلانمىسى – دىئامېترى تەكشى ئاي – تۆرۈك شەكىلىدە توپلىنىپ ياغاچ چاپچا – ئادا ، گۈرجەك ، تارتقا قاتارلىق خارمان جابدۇقلىرى يۈز تەرىپى قىبلىگە قارىتىپ ساپلىرى چەشكە سانچىپ قويۇلىدۇ . كىگىزى بار دېھقانلار قىزىلغا كىگىز يېپىپ قويىدۇ . كونا جەمئىيەتتە قومۇل ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىر يىلدا بىر قېتىم خارمان ئېلىشى ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئىقتىسادى تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشى ئىدى . شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى خۇدادىن مول ھوسۇل تىلەپ ، ياغ پۇرۇتۇدۇ ، يەر خوشنىلىرىنى چاقىرىپ نەزىر قىلىدۇ . تاماق ، قوغۇن ، تاۋۇز يېيلىپ بولغاندىن كېيىن ، ھوسۇلغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ بولۇپ خارمان ئېلىشنى باشلايدۇ . قومۇلغا ئاشلىق چىڭ – تارازا بىلەن ئۆلچەملەنمەيتتى .كۈرە (تۆت بۈرجەكلىك ياغاچ پەن قاچا ) بىلەن كەملىنەتتى . بىر كۈرە بۇغداينىڭ ئېغىرلىقى 44جىڭ چىقاتتى . خارماندا چەشلەنگەن بۇغداينى كۈرە بىلەن تاغارغا ئۇسۇشقا باشلىغاندا ، ئەڭ ئالدى بىلەن ئوشىرە ئايرىلىدۇ . خارمان ئىگىسىنىڭ ئىختىيارى بىلەن تاغارغا ئۇسۇشقا باشلىغاندا ،ئەڭ ئالدى بىلەن ئوشىرە ئايرىلىدۇ . خارمان ئىگىسىنىڭ ئىختىيارى بىلەن 5 ياكى 10 كۈرە بۇغداي ئوشرە ئۈچۈن خارماننىڭ ئايرىم تەرىپىگە بۆلۈپ قويىلىدۇ. ئاندىن كېيىن « شەك سەدىقە » ئايرىلىدۇ . ( خارماندا بۇغداي تەپكەندە ( يانچىغاندا ) ئۇلاقلار سىيىپ ، تىزەكلەپ پاسكىنا قىلىپ قويغان بىر قىسىم ئاشلىق ئومۇمىي ئاشلىقنىڭ پاكلىقىغا شەك كەلتۈرۈپ قويغانلىقتىن ، دېھقانچىلىق رىسالىسىغا بىنائەن ، چەشلەنگەن ئاشلىقتىن ئاز مىقداردا سەدىقە ئايرىۋېتىش شەرتى بىلەن ئومۇمىي ئاشلىقنىڭ پاكلىقى ئادا قىلىنىدۇ . قومۇل دېھقانلىرى بۇ ئاشلىقنى ( شەك سەدىقە ) دەپ يوقسۇللارغا بېرىدۇ . ئاندىن كېيىن ئىككى دېھقان چەشنىڭ قىبلە تەرىپىگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ بىسمىللانى ئوقۇپ كۈرە بىلەن ئاشلىقنى ئۇسۇشقا باشلايدۇ ،يەنە ئىككى دېھقان نۆۋەت بىلەن كۈرىدىكى ئاشلىقنى كۆتۈرۈپ چەشنى ئوڭ ئايلىنىپ تاغارغا ياكى سۈپۈرۈلگەن خارمانغا قۇيىدۇ . ھەربىر كۈرە ئاشلىقنى « غوجام بەرىكەت ! » دېگەن ئاۋاز بىلەن ئۇسۇدۇ . چوڭلاردىن بىرەيلەن كۈرە سانىنى ساناپ 10 كۈرە بولغاندا،بىر تاغار دەپ توۋلايدۇ . ھەر بىر تاغار ئۇسۇپ بولغاندىن كېيىن چەش ئۇسقۇچىلار چەشنىڭ ئوڭ تەرەپكە يۆتكىلىپ دەۋر قىلىدۇ . ئاشلىق ئۇسۇلۇپ بولغاندا ، كۆپچۈلۈك دۇئا قىلىپ خارمان ئىگسىنى مۇبارەكلەيدۇ . « خۇدا بەركەت بەردى » ، « ئوبدان چىقىش قىلدى » ، « يىگىلى نىسىپ بولسۇن » …. دىيىشىپ تارقىلىدۇ . ئاشلىقنى كۆپ تېرىغان . ياخشى ئەشلىگەن ،ئاشلىقى ئوخشىغان دېھقانلار مول ھوسۇلغا ئىگە بولۇپ خوشاللىققا چۆمىدۇ ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالغان دېھقانلار خوشال بولالمايدۇ ، غەمگە چۆمىدۇ ، چۈنكى ئالغان ھوسۇلى چىقىملىرىغا ، قەرزلىرىگە يەتمەيدۇ .
يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى كوپىراتىپ – گۇڭشېلىشىش ، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش يىللىرىدا « دېھقانچىلىق قائىدە – يوسۇنلىرى » يوقۇلۇشقا يۈزلەندى . تېرىلغۇ يەرلەر ھۆددىگە بېرىلگەندىن كېيىن بۇ يوقۇلۇپ كەتكەن قائىدە يوسۇن ، ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ بىر قىسمى يەنە پەيدا بولۇشقا باشلىدى .
ئۇيغۇر دېھقانچىلىق تارىخى ئۇزۇن ، كۆپ خىل ئىگىلىك كەسىپلىرىنى ئۆز قوينىدا تەۋەللىت قىلىپ ، كۆپ كەسىپلىك ، ئەقىل – پاراسەتلىك ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئانا كەسىپ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىك ھەرخىل ھۈنەر كەسىپلىرى ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلغان ، يەنى ماشىنلاشقان – ئاپتوماتلاشقان ، ئېلىكترلەشكەن ، كومپىيوتىرلاشقان ، ئۇچۇرلاشقان 21-ئەسىردىكى كەسكىن رىقابەت ، رەھىمسىز خىرىسلار ئىچىدىمۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ ، تېخىمۇ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلماقتا.
تۆتىنجى باب
خاتىمە ئورنىدا
ئىسلاھات – ئىچىۋېتىش يولىغا قويۇلغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ تۈرلىرى تېخىمۇ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، زامانىۋىلىشىۋتىدۇ ، ئۇيغۇرلار يىرىك – چوڭ ئىگىلىكلەرنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ ؛ سودا –تىجارەت مىسلىسىز تەرەققىي قىلىپ كەتتى . ئەنئەنىلىك قالاق دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنىپ ،تېخنىكلىشىپ ، ماشىنلىشىپ ،ئىلىكترلىشىپ ، كۆلەملىشىپ كەتتى . كىشىلەر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە يېشىل مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ كەتتى ، ھەر تۈرلۈك مىللى شىركەتلەر ، پۇقراۋى مىللى كارخانىلار ، گۇرۇھلار ، زاۋۇتلار ، سودا سارايلار ، رېستۇرانلار ، ئاشخانىلار ، قۇشخانىلار ، پىرمىلار ، تىبابەتخانىلار ، دوراخانىلار ، خۇسۇسىي يەسىلى – مەكتەپلەر ، تىخنىك تەربىيلەش مەكتەپلىرى ، قاتناش –ترانسىپورت مۇلازىمىتى ، پوچتا – تىلىفون مۇلازىمىتى ، ئۆي –ئىمارەت مۇلازىمىتى ، تراكتور – كومبايىن مۇلازىمىتى ، يېزىلاردا ۋاكالىتەن سېتىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك يېڭى زامانىۋى ۋە مەھەللىۋى كەسىپلەر بەريا قىلىندى ؛ مىللى ئىگىلىك گۈللەندى . ناھايىتى چوڭ بايلار ، مەبلەغ سالغۇچىلار ، زىمىندارلار ، بىنا ئۆي خوجايىنلىرى ، مۈلۈكدارلار ، مىللىئونىلار ، دۆلەت ئىچى – سىرتىغا مەشھۇر باي سودىگەرلەر مەيدانغا كېلىپ ، دۆلەتكە ، جەمئىيەتكە ، خەلققە ، مىللەتكە مەنپەئەت يەتكۈزمەكتە . بىز شۇنداق قەيت قىلىپ ئېيتالايمىزدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئىشلەپچىقىرىش تارىخىدا زامانىمىزدىكىدەك زور تەرەققىيات بولغان ئەمەس . ئۇيغۇر مىللى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بۈگۈندىكىدەك مىسلىسىز تەرەققىياتىنى پارتىيەنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ بولۇپمۇ بازار ئىگىلىكى سىياسىتىنىڭ مىللى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا بەرگەن مەدەت كۈچىدىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىسىدىكى ئەنئەنىلىك كەسىپچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بۇنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە .
لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزدىكى ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن بولۇپمۇ ئىقتىساد سودا يەرشارىلاشقاندىن كېيىن ، جاھان ئۇچۇرلاشقاندىن كېيىن ، ھەر خىل دۇنياۋى مەدەنىيەتلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ كىرىپ كەلدى ، بۇمەدەنىيەتلەرنىڭ ئىلغار تۈرلىرى ئىجابى رول ئوينىغان بولسا ، ناچار ، يامان تۈرلىرى سەلبىي رول ئوينىدى . بۇيامان ئىللەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشىغا ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا ، ياشاش ئۇسۇللىرىغا ( نىكاھ ، مۇھەببەت، قىممەت ، ئىستىمال قاراشلىرىغا ) ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىغا ، مىللىي مەدەنىيەت ، ئەدەبىيات – سەنئەتكە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى . نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىك ، ئىجىتىمائىي ئەخلاقى ۋە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش كەسىپى ئەخلاقى جىددى سىناققا دۇچ كەلدى ، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ئەخلاقى جىددى سىناققا دۇچ كەلدى ، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش خېرىسقا ئۇچىرىدى . ئەقىلغا مۇۋاپىق ئەنئەنىلىك مىللىي ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە – مىزانلار ئۆزگىرىشكە باشلىدى ياكى نەزەردىن قېلىۋاتىدۇ . ئۇيغۇرلار ئىچىدە دۆلەتنىڭ قانۇن – ئىنتىزام ، سىياسەت بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆپۈيۈپ قالدى . يەنى قانۇنسىزلار ، ئەتكەسچىلەر ، زەھەر چەككۈچىلەر ، زەھەر سانقۇچىلار ، بالا ساتقۇچىلار ، ئىپپەت ساتقۇچى ئەخلاقسىزلار ، ئوغرى – يانچۇقچىلار ، قىمارۋاز ، بىكار تەلەپ ھورۇن ئەبگالار ، دىۋانە – تىلەمچىلار ؛ ئۇندىن باشقا ئەسەبى مۇتەئەسسىپ روھانىلار كۆپۈيۈپ قالدى . بۇ قانۇنسىز ، ناتوغرى كەسىپلەر بىلەن شوغۇللانغۇچىلار ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە پەيدا بولغان ئىجتىمائىي توپ بولۇپ قالدى ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىتى بۇ ئىجتىمائىي رىئاللىققا دىققەت قىلدى ۋە ئەھمىيەت بەردى . يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئاخبارات ، مەتبۇئات ، ئەدەبىيات ، سەنئەت ، نەشىرىيات ۋاستىلىرى بۇ ناچار ئىللەتلەرگە نىسبەتەن جىددىي ۋە ئىلمى پوزىتسىيە تۇتۇپ ، ئاكتىۋال تەھلىل ۋە تەشۇببۇسلارنى ئېلان قىلدى ، ئەدەبى سەنئەت ، گىزىت ، رادىئو – تىلىۋىزىيە ئارقىلىق كەڭ ، توغرا جامائەت پىكرى قوزغىدى . بۇ پائالىيەت ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غەيرى ماددى مەدەنىيىتى قوغداش يولىدا كۆتۈرۈلگەن بىرقېتىملىق كۈچلۈك چۇقان بولدى .
« غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە دۇنيا ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى » دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان : « 1980-يىللىرىدىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋە ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ،مائارىپ ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قارىغاندا ، تېخىمۇ ئاجىز بولىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ تەبىئى ياكى سۈنئى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش خەۋپىنىڭ تېخىمۇ زور بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى . ئەگەر مۇناسىپ قوغداش تەدبىرى قوللىنىلمىسا زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولاتتى … دېمەك غەيرى ماددى مەدەنىيەت ئوقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنى قوغداش بىر تارىخى مۇقەررەلىك . شۇنىڭدىن كېيىن 1989-يىلى 11-ئايدا « ئەنئەنىۋى ۋە خەلق مەدەنىيىتى قوغداش توغرىسىدا تەكلىپ » نى ماقۇللىدى » ( « مىراس » ژۇرنىلى 2007-يىلى 3-سان ) دىمەك مىللى مەدەنىيەتنى يەنى غەيرى ماددىي مەدەنىيەتنى قوغداش بىرتارىخى مۇقەررەرلىك بولۇپ قالدى .
تارىختا 9-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بىر نەچچە قېتىم ئېغىر كرىزىسلارغا ئۇچىرىغان . ئۇيغۇر مىللىتى جىددى سىياسى داۋالغۇچ ۋە ئىجتىمائىي چايقىلىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن . شۇنداق بولسىمۇ كۆپ خىل ئىگىلىكىنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچلىرىغا كۆتۈرۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ مىللى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى قوغداپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان . دېمەك ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالغان .
بۇ ماقالىمىزدا « ئۇيغۇر مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە – يوسۇنلىرى » نىڭ ئۇيغۇر غەيرى ماددى مەدەنىيەت قاتارىغا كىرىغانلىقىنى ؛ ئۇنىڭ ئۆتمۈش تارىخى دەۋلەردە ئۇيغۇر مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىنى گۈللەندۇرۈش ؛ مىللى ئالاھىدىلىكنى قوغداش ؛ ئىجتىمائىي ئەخلاقنى ئىرادە قىلىش ؛ ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ تىنىچ –ئىناق ، مۇقىم – باياشات بولۇشىغا مۇئەييەن تۆھپە قوشقان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئىجابى جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈردۇق . لېكىن ئۇيغۇر مىللى ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرىنىڭ تەركىبىدە ناچار ، قالاق ، پاسسىۋ ئامىللەرنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلىشمىز كېرەك ئەلۋەتتە . ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە –يوسۇنلارنىڭ ئىلغار ، ئاكتىپ ئەقىلغا مۇۋاپىق تەركىبلىرى مۇتلەق ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىن ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ ؛ قالاق ، پاسسىپ ، مۇتەئەسسىپ ھەتتا ئەسەبى چىرىك تەركىبلىر ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا – مىللەتنىڭ پەن – مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق ھەتتا بۇزغۇنچىلىق رول ئوينايدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادەت ، قائىدە – يوسۇنلىرىنىڭ مۇرەككەپ تەركىپلىرىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخنىڭ مۇرەككەپ جەريانى شەكىللەندۈرگەن . قىبدىكى ئۇيغۇرلار جۇغراپىيەلىك تىرىتۇرىيە جەھەتتىن نۇرغۇن باشقا قەبىلە ، مىللەتلەر بىلەن ئۇزاق ئارىلىشىپ ياشىغان . ئۆز ئارا قوشۇلۇپ بىر- بىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن ۋە يەنە ئايرىلىپ كەتكەن دەۋرلەرنىمۇ بېشىدىن كۆچۈرگەن . بۇ ئۇزاق مۇرەككەپ تارىخى جەريانىدا ، ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق ، دېھقانچىلىق ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، سودا – تىجارەت ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە يوسۇنلىرىنى ئۆز ئارا ئۆگەنگەن ، ئورتاقدىنلارغىمۇ ئېتىقاد قىلغان ، ئۇيغۇرلارغا قوشۇلغان ، ئاسمىلاتسىيە بولغان غەربىي قەبىلە ياكى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ دىنى ، مىللى ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۇيغۇرلار ئىچىگە بىللە ئىلىپ كىرىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەت قائىدە – يوسۇنلىرىنىڭ قوشۇلۇپ كەتكەن . ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ، ئىسلام دىنى بىلەن بىللە ئىسلام مىللەتلەرنىڭ دىنى ۋە مىللى تۇرمۇش ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە – يوسۇنلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كىرىپ ئۆزلەشكەن . ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلغان ياكى ئۇيغۇرلار ئىچىگە تارقالغان بۇ غەيرى مىللەت دىنى ، مىللى ئۆرپ – ئادەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى مىللى ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ تەركىبىنى مۇرەككەشتۈرىۋەتكەن . بولۇپمۇ چەت مىللەرنىڭ قالاق ، پاسسىپ ، خۇراپى ، چىرىك ئۆرپ – ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ داۋام قىلىپ كەلگەن . سەھىپىمىزنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بايانمىزنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولىمىز . پەقەت ئىككى مەسىلىنى مىسال كەلتۈرەيلى :
(1) ئىسلام دىنىنىڭ تەركىبى دۇنياچىلىق ئىدىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرىئالوگىسىيگە چوڭقۇر سىڭگەن ۋە يىلتىز تارتقان . تەركىبى دۇنياچىلىق ، ئوقەت قىلماسلىقنى ؛ نامراتلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ . مال – دۇنيانى ھارام ، بايلىقنى دۈشمەن دەپ قارايدۇ . تارىختا ئەسەبى جاھالەت پىرلىرى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە ، سوپى ئىشانلار مەزھەبى ئۇيغۇرچە جەمئىيىتىدە تەركى دۇنيالىق ئىدىيىسىنى زوراۋانلىق بىلەن تەرغىپ قىلىپ ، بىكار تەلەپ ، ھورۇنلار قاتلىمىنى پەيدا قىلىپ ، جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇشقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەكچان – ئوقەتچان ، كەسىپچانلىق ئادەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان . بۇ قالاق مۇتەئەسىپ ، چىرىك ئىدىيىنىڭ تەسىرى ، سوتسىيالىزىم دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن . ئۇيغۇرچە جەمئىيىتىدە ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ ئېقىپ يۈرگەن تەركى دۇنياچىلار ، كونا تەركى دۇنياچىلارنىڭ ۋارىسلىرى سۈپىتىدە تەركى دۇنياچىلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ . ئىناق ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ .
(2) ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ نىكاھ تۈزۈمىنى قوبۇل قىلغان . ئىسلام نىكاھ تۈزۈمىدە نۇرغۇن دىنى خۇراپىي ، ناچار ، قالاق ئىللەتلەر بار . مەسىلەن : ئىسلام دىنىدا ئەر –ئاياللار باراۋەر ئەمەس ، « ئەرلەر ئېزىز ، ئاياللار پەس » ، ئەرلەر خوجايىن ، ئاياللار قۇل ؛ ئەرلەر كۆپ خوتۇن ئېلىشقا رۇخسەت ؛ « ئەرلەر تۆت خوتۇن ئېلىش سۈننەت » ؛ ئاياللار ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن . نىكاھ ئەركىنلىكى يوق . نىكاھ قىزنىڭ ئاتىسى تەرىپىدىن تىزگىنلىدۇ ؛ ئايال ئەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بوي سۇنۇشى شەرت ؛ ئاياللار ئەرلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش مەنئىي قىلىنىدۇ ؛ ئاياللار پۈتۈن ئەزالىرىنى پۈركىگەن كىيىم كىيىشى كېرەك بولمىسا « نامەھرەم » بولىدۇ ؛ قىزلار 12ياشتا توي قىلىشى كېرەك بولمىسا گۇناھكار بولىدۇ ؛ ئەرلەر گۇناھسىز ئايالىغا گۇنا ئارىتىپ نىكاھدىن ئاجرىشىش خېتىنى بىرەلەيدۇ ؛ ھەتتا « ئۈچ تالاق » قىلىۋىتەلەيدۇ ؛ مىراس تەقسىم قىلىشتا قىز پەرزەنتىلەرگە يېرىم ھەسسە ، ئوغۇل پەرزەنتىگە پۈتۈن ھەسسە مۈلۈك تەقسىم قىلىنىدۇ ۋە باشقىلار
كونا جەمئىيەتتە ئىسلام دىنى شەرىئەت مەھكىمىسى يوقۇرقى قائىدە – ئادەتلەرنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ ، ئىسلام دىنى نىكاھ تۈزۈمىنى قوغداپ كەلگەن . كونا دىنى نىكاھ قانۇنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تىكلىگەن خۇراپى ، ناچار قالاق ئۆرپ – ئادەتلەر ئېغىر – يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يېڭى نىكاھ قانۇنى ئەمەلگە قويۇلۇپ ، كونا نىكاھ قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . كونا نىكاھ قائىدە – ئۆرپ – ئادەتلەر مەنئىي قىلىنغان بولسىمۇ ، كونا نىكاھ تۈزۈمنىڭ قالدۇق – ساقىندە تەسىرلىرى ئەل ئىچىدە ساقلىنىپ قالغانلىقتىن ، يېڭى نىكاھ قانۇنىغا خىلاپ قانۇنسىز قىلمىشلار داۋام قىلىپ كەلدى . نىكاھ قانۇنىغا بوي سۇنمايدىغان ؛ نىكاھ رەسمىيىتى ئۆتمەستىن توي قىلىۋالىدىغان ؛ نىكاھدىن ئاجرىشىدىغان ؛ يوشۇرۇن – مەخپىي نىكاھ ئوقۇتىدىغان ؛ ئاجرىماستىن تۇرۇپ باشقا توي قىلىۋالىدىغان ئەھۋاللار ھازىرمۇ مەۋجۇت .
قالاق ، چىرىك مىللى ، دىنى ئۆرپ – ئادەتلەر ئۇيغۇرجەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادى پەن – مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق رول ئوينايدۇ . ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئىچكى –تاشقى دۈشمەن كۈچلەر ، توپىلاڭچى ، تەپرىقىچى ، بۆلگۈنچى دىنى ئەسەبى كۈچلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ناچار ، قالاق دىنى ، مىللى ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسى مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغان ، مىللىتىمىز بۇ سەلبىي تارىخى ساۋاقلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك . بىز ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ ، ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىپ ، ئىلغار ، ئەنئەنىلىك مىللى مەدەنىيىتىمىزنى قوغدىشىمىز ؛ قالاق ، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئىسلاھ قىلىپ ئۆزگەرتىشىمىز ؛ چىرىك ، مۇتەئەسىپ ، سەلبىي يامان ئىللەتلەرگە قەتئىي قارىشى تۇرۇشىمىز ، ئۇنى يوقىتىشىمىز كېرەك .
2008-يىلى ئاپرىل قومۇل
پايدىلانغان ئاساسلىق ماتىرىياللار :
1) « بۇلاق » ژۇرنىلى 2005-يىلى 2-سان
2) « مىراس » ژۇرنىلى 2007-يىلى 3-سان
3) « قۇتادغۇبىلىك »
4) « قومۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى »
5) « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى » 2003-يىل 3-سان 18-بەت .
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئاپتۇرى:  ئىبراھىم نىياز
ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەنھ كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ.
جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا چېلىنىدىغان ناغرا، سۇناي ئاۋازى كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇنداق جەلپ قىلىدۇكى، بۇ قىزىقارلىق مەنزىرىدىن كۆز ئۈزۈپ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ناغرا سۇنايچىلارنىڭ تەرەننۇم قىلىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېگۈدەك ئاۋام خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۆز زامانىسىدىكى ئەخمەت ئاكا سۇنايچى، روزى ئاكا (باشى) لار ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتى بىلەن بارلىق ھېيت ئىشتراكچىلىرىنىڭ رەھمىتىنى ئالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ھەربىر قېتىملىق ھېيتتا ئالاھىدە ئالقىشقا ئىگە بۇلاتتى. گىزى كەلگەندە بۇ ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئوينىلىدىغان ساما ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ ئازراق سۆز قىلىپ ئۆتسەك يامان كەتمەس؛ قەشقەر خەلقى، ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ خۇشتار، روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتىكى ئالتە كۈنلۈك ئارام ۋە خۇشاللىق ۋاقتىنى ئاشۇ ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ھېيت كۈنلىرى ئۇمۇم كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ساما سېلىش بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغان ئەنئەنىۋى پائالىيىتىدۇر. «ساما» بىر خىل سەنئەتلىك ئۇيۇن بۇلۇپ، ئۇ ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىشتا ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئادەتتە يالغۇز كىشى، ئىككى كىشى ياكى بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئۇرۇنلانسا، «ساما» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئۇرۇنلىنىدۇ. يۈزلىگەن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ھەربىر كىشى ئۆز دائىرسىدە بىر خىل رەتلىك ئايلىنىدۇ. تاماشىبىن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىر خىل رەتلىك ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندە گويا بىرلا كىشى ھەركەتلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. «ساما» دا پەقەت ناغرا، سۇناينىڭ ئاھاڭ يۆتكىشى بىلەن رېتىم ئالمىشىدۇ. مەيدانغا چۈشۈپ «ساما» سالغانلارمۇ ناغرا- سۇناينىڭ مۇڭلۇق، يارقىن، يېقىملىق ئاۋازىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. بۇ مەيدانغا يىغىلىپ ھېيت تەنتەنىسى قىلىۋاتقان جامائەتمۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ.
بۇ ئىككى ھېيت مەزگىلدە ھېيتگاھ مەيدانىدا ھېيت تەنتەنىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلار يالغۇز قەشقەر شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلۇپ قالماستىن، قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىن ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردىنمۇ كىشىلەر كېلىپ ھوزۇرلىنىدۇ. مانا مۇشۇ مەزگىللەردە قەشقەر شەھىرى خۇددى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق ھېس قىلىشىدۇ.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
تارىخىي خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئورنى بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىچكىرىكى شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى. مىلادى 1442- يىلى قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان ھاكىم بەگ- ساقىت مىرزا ئۆزىنىڭ ۋاپات بولغان ئۇرۇق- جەمەتلىرىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ھازىرقى ئىچكىرىكى مەسچىت ئورنىدا بىر كىچىك مەسچىت سالدۇرغان. تۇنجى مەسچىت ياسىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ئۇبۇل ھادى بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى دېگەن كىشى ۋاپات بۇلۇپ مۇشۇ ئۇرۇنغا دەپنە قىلىنغان. ھىجىرىيىنىڭ 944- يىلى (مىلادى 1558- يىلى) ئۇبۇل ھادى بەگ مەسچىتنى كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياساتقان ھەمدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مىلادى 1787- يىلى (ھىجىرىيە 1201- يىلى) يىڭى شەھەر ناھىيە خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلنى سەرپ قىلىپ ھېيتگاھ جامەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياسىغان.
XIX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ھايات تۇرۇپ ئۆزىگە، ھىجىرىيىنىڭ 1224- يىلى (مىلاد 1809- يىلى) شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى پايناپ يېزىسىغا ھەشەمەتلىك گۈمبەز ياساتقان. بۇ گۈمبەزنى خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ سېلىپ ياساتقانلىقتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى غەزەپكە ئايلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىسكەندەر ۋاڭ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھېيتگاھ جامەسىنى رېمونت قىلىپ كۆل چاپتۇرغان، ئېرىق ئېلىپ، سۇ باشلاپ كىرىپ ئورمان بىنا قىلغان. ھىجىرىيىنىڭ 1235- يىلى (مىلادىنىڭ 1820- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ جامەنىڭ تورۇس- تاملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، نىدىر خوجا ئەبرىشىمكا دېگەن كىشى ئۇمۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان. ھىجىرىيىنىڭ 1255- يىلى (مىلادىنىڭ 1839- يىلى) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى زوھورىدىن بەگ قەشقەرنىڭ تاشقىرىقى شەھەر دەپ ئاتالغان قىسمىغا سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەرنى كېڭەيتكەن. شۇ چاغدا جامەنى سۈپەتلىك قىلىپ رېمونت قىلدۇرغان.
XIX ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىملىرىدا شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) خەلقنىڭ ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپلىگەن مەسچىت، مەدرىس، مازارلارنى ياساتقان. شۇ جۈملىدىن ھىجىرىيىنىڭ 1290- يىلى (مىلادىنىڭ 1872- يىلى) ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ باشقىدىن قەمىر قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇ جامەنىڭ غەربىي تەرىپىنى مەسچىت، شەرق تەرپىنى مەدرىس قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 24 قاتار 72 ئېغىزلىق ھۇجرا، شەرقىي شىمال تەرىپىگە 100 دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان مۇنچا، مۇنار، گۈمبەز، پەشتاق، دەۋازا قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن ھېيتگاھ جامەنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن.
ھىجىرىيىنىڭ 1320- يىلى (مىلادىنىڭ 1903- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يەر تەۋرەش ① زىلزىلىسى يۈز بېرىپ، جامەنىڭ تاشقىرىقى مەسچىت قىسمىغا خېلى دەرىجىدە زەخىم يېتىپ بەزى تاملىرى ئۆرۈلگەن، مۇنار زەخىملەنگەن ئىدى. لېكىن ھىجىرىيە 1322- يىلى (مىلادىيە 1905- يىلى) قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىدىن «ئاخۇن باي» دەپ ئاتالغان تۇردى باي ھاجىم بىلەن كىرىم ئاخۇن بايۋەچچىلەر تەرىپىدىن قايتا رېمونت قىلىنغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1352- يىلى (مىلادى 1934- يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئابدۇكېرىم خان مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ، دەرەخلەر تۇلۇقلاپ قويۇلغان، كۆللەر قايتا چېپىلغان. كۆللەرنىڭ ئەتراپىغا رىشاتكىلار ئورنىتىلغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1354- يىلى (مىلادى 1936- يىلى) قەشقەردە «ئىسلامى مەدرسى»- مەسچىت ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرۇلغان. جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ئېچىلىپ، كىرىپ- چىقىش راۋانلاشتۇرۇلغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1355- يىلى (مىلادى 1937- يىلى) شەھەر كوچىلىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىدە جامەنىڭ شەرق تەرپىدىكى 24 ئېغىزلىق ھۇجرا بىلەن مۇنچا چېقىۋېتىلگەن. تام ئورنىغا سالاسۇنلۇق رىشاتكا بېكىتىلگەن.
ئازادلىقتىن كېيىن جامەنىڭ يېڭى باھارى باشلاندى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ جامەنى «ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۇرۇن» قىلىپ بىكىتىپ بىر قانچە قېتىم چوڭ- كىچىك رېمونت قىلدۇردى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى قۇرۇلغاندا كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىپ سىرلاپ، ئاقارتىپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. 1983- يىلى 100 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ جامەنى چوڭ رېمونت قىلدى. جامەگە تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىپ، ئىگىدارچىلىقنى كۈچەيتتى.
ھازىر ھېيتگاھ جامەسى ۋە مەيدانى يالغۇز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەرنىڭ دىنىي- مەدەنىي پائالىيەت مەركىزى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئېكىسكۇرىسىيە ۋە زىيارەت سورۇنىغا ئايلاندى.
قەشقەر شەھىرى ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق شەھەر قىلىپ ئېلان قىلىنغاندىن بىرى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دوستلار ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ئالدىن زىيارەت قىلىدىغان ئورنى ھېيتگاھ جامەسى بولماقتا، بۇ جامەنىڭ ئورنى، ئابرويى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەكتە.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى.
ھېيتگاھ جامەسى، شىنجاڭ بويىچە، شۇنداقلا مەملىكىتىمىز بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىت ۋە مەدرىسىدۇر. بۇ جامە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنىي ساھەدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە، ھەمدە قەشقەرنىڭ ئىلىم- مەرىپەت، ھۈنەر- سەنئەت ماكانى بۇلۇشتەك ئېسىل خىسلىتىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلق بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى- 140 مېتىر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 120 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر مەيدانى، 25.22 مو كېلىدۇ. بۇ جامە : دەرۋازا، ھويلا، مەسچىت، مەدرىس، ھۇجرىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. دەرۋازا قىسمىدىن ئالغاندا مۇنار، دەرۋازا، گۈمبەز قاتارلىق ئۈچ قىسىم بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ.
جامە چوڭ دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى 4.30 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.70 مېتىر كېلىدۇ. چوڭ دەرۋازا ئورنىتىلغان تامغا مېھراب شەكىللىك نەقىشلەنگەن تەكچىلەر چىقىرىلغان. دەرۋازىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تامغا رەڭدار زىننەتلەنگەن تۆت مېتىر كەڭلىكتە، يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى مېھراب، ئەگمە شەكىللىك ناۋا ئاستىغا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر نەچچە ئايەتلىرى يېزىلغان ئىككى مېتىر كەڭلىكتە، بىر مېتىر ئېگىزلىكتە رەڭدار نەقىشلىك بىر چاسا تاختا بار.
دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدا ئېگىز، ھەيۋەتلىك، كۆركەم سېرىق سىر بىلەن چىرايلىق سىرلانغان ئىككى مۇنار بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 19 مېتىر كېلىدۇ. بۇ مۇنارلار شەھەرگە كۆركەم، ھەيۋەتلىك تۈس بېرىدۇ. بۇ ئىككى مۇنارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان گەج ۋە پىششىق خىش بىلەن ئېتىلگەن چاتما تامنىڭ ئارىلىقى 28 مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئىچىدە ئايلانما پەلەمپەيلەر بۇلۇپ، مەزۇن، ئاخۇنۇملار شۇ پەلەمپەيلەر بىلەن ئۈستىگە چىقىپ مۇسۇلمانلارنى نامازغا چاقىرىدۇ. مۇنارنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر دەستلىك ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئاينىڭ شەكلى ئورنىتىلغان. ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ.
جامەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىش بىلەن گۈمبەز ئىچىگە كىرىسىز، گۈمبەزنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك ئايلانمىسى، ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە جامە سەيناسىغا كىرىدىغان مېھراب شەكىللىك ئىشىكى بار.
گۈمبەزنىڭ سىرتقى ئايلانمىسى 40 مېتىر، ئېگىزلىكى 12.5 مېتىر، ئۈستى ئېگىزلىكىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنار بېكىتىلگەن بۇلۇپ، بۇ مۇنارنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 17.5 مېتىر كېلىدۇ.بۇ گۈمبەز ئالەم گۈمبىزى بىلەن رىقابەتلەشكەندەك تىك تۇرىدۇ.دەرۋازىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە يۆلەپ سېلىنغان 46 ئېغىزلىق دۇكان بۇلۇپ، بۇ دۇكانلارنىڭ ئىجارىسى مەسچىت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدى- شەھەرنىڭ ئەڭ قۇيۇق ئېلىم- سېتىم، سودا بولىدىغان بازىرىدۇر.بۇ جامە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئېگىز ھەم ئازادە بىر پەشتاق ياسالغان، ھەر يىلى قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيت كۈنلىرىدە پەشتاقتا ناغرا، سۇناي ئاۋازى ياڭراپ، ھېيتگاھ مەيدانىغا توپلانغان تۈمەنلىگەن كىشىلەر بايرام خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇن- ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى قۇتلۇقلايدىغان مەيدانى بولغاچ ھېيتگاھ دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن مەسچىت سەينا (ھويلا) سىنىڭ كۆلىمى ئىككى مودىن ئارتۇق، ئىككى كۆل بار. بۇ جامەدە ھەر كۈنى 3- 4 مىڭ كىشى، جۈمە كۈنلىرى 5-10 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. ھېيت كۈنلىرىدە 40-50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. جامە ھويلىسى بىلەن كايۋاننى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ماشرەڭ سىرلانغان رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدۇ. رىشاتكىنىڭ ئېگىزلىكى 1.50 مېتىر، كايۋانغا كىرىش ئۈچۈن ئۈچ ئورۇنغا ئىشىك ئورنىتىلغان.
مەسچىت قىسمى ئىچكىرىكى مەسچىت (خانىقا) تاشقىرىقى مەسچىت (پىشايۋان)، كايىۋاندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئىچكىرىكى مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36.5 مېتىر، كەڭلىكى 10.5 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر كۆلىمى 456 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ.
جامەنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى تامغا چىقىرىلغان مېھرابتا خاتىپ ئاخۇنۇم خۇتبە ئوقۇيدۇ. تاشقىرىقى مەسچىت، كايۋانلارنى قوشۇپ ئۈستى يېپىلغان قىسمىنى ھېسابلىغاندا 2660 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. كايۋان تۇرۇسلىرىنى يەتتە مېتىر ئىگىزلىكتىكى 140 تال تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. دېمەك، جامە دەرۋازا، مۇنارلار، پەشتاقلار، گۈمبەز- رىشاتكىلار، ئاجايىپ نەقىشلەنگەن تۈرلۈك قۇرۇلمىلار بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇردۇر.
بۇ ماتېرىيال ئاپتۇرنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1989- يىلى نەشىر قىلغان،  «تارىختىن قىسقىچە بايانلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
ئىدىقۇتتا كالېندارچىلىق
ئىسمائىل تۆمۈرى
كالېندارچىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور ئىلگىرىلەش. ئىنسانلار تەبىئەت ۋە جەمئىيەت قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە خېلى مول چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ھاياتنىڭ قەدىر – قىممىتىگە ئېتىبار بىلەن قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئىلگىرىكى ئىشلارنى كېيىنكىلەرگە ئۆرنەك
ئۈچۈن قالدۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يەتتى. كۈن، ئاي، پەسىللەرنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرۇشى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنى مۇئەييەن تەرتىپكە سېلىش ئىستىكىنى قوزغىدى، نەتىجىدە پەسىللەرنى ئايرىش، كالېندار تۇرغۇزۇش، ئاي-يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش ئىشلىرى بارلىققا كەلدى. ئىنسانلارنىڭ تىنىمسىز پائالىيەتلىرى جەريانىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى خاتىرىگە ئېلىشى كالېندارچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كۆپ ئاسانلاشتى ۋە كونكىرېتلاشتى.
ھازىر مۆچەللىك كالېندارنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈن چىقىرىش تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن كالېندارچىلىق تېمىسىدا كۆپ ۋاقىت ئىزدەنگەن ۋە «قازاقنىڭ قەدىمكى كالېندارى» ناملىق كىتابنى يازغان مىڭباي ئىسقاقبايوفنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشىنى كۆرۈپ ئۆتۈش زۆرۈر. بۇ كىتابقا ئاساسلانغاندا «مۆچەلنى بۇنىڭدىن 3000 – 4000 يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان دېيىشكە بولىدۇ. مۆچەل ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، مىلادىيىنىڭ بېشىدا تۇراقلاشقان. تارىخىي تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، دەسلەپكى مۆچەلدە تۆتلا ھايۋان بولغان، ئۇلار ئۇلۇ، بۆدۈنە، بارس ۋە تاشپاقا ئىدى. بۇلار دۇنيانىڭ تۆت
تەرىپى بىلەن تۆت پەسىلنى ئىپادىلىگەن. ئۇلۇ شەرق بىلەن باھارنىڭ، بۆدىنە جەنۇب بىلەن يازنىڭ، بارس غەرب بىلەن كۈزنىڭ، تاشپاقا شىمال بىلەن قىشنىڭ بىشارىتى بولغان. كېيىنكى ۋاقىتتا بۇخىل مۆچەل ئستېمالدىن قېلىپ، ئالتە ھايۋاندىن تەركىب تاپقان مۆچەل مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭدا توڭگۇز، ئىت، كالا، توخۇ، قوي، ئات بار ئىدى. توڭگۇز بىلەن كالا شىمالنى، ئات بىلەن قوي جەنۇبنى، توخۇ شەرقنى، ئىت غەربنى ئىپادىلىگەن. بۇلارغا دەسلەپكى مۆچەلدىكى ئۇلۇ بىلەن بۆدۈنە (بەزىدە قىرغاۋۇل دەپ ئېلىنغان) قوشۇلۇپ سەككىز ھايۋانلىق مۆچەل شەكىللەنگەن. ئاخىرى يىلان، مىشىن، توشقان، چاشقان قوشۇلۇپ مۆچەل ھايۋانلىرىنىڭ سانى 12گە يەتكەن»①.ئۇنداقتا مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلىنى دۇنيادىكى قايسى خەلقلەر قوللانغان؟ مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى دۇنياغا ناھايىتى كەڭ تارقالغان، ئۇنى قوللانغان خەلقلەر تۆۋەندىكىچە:
1) تۈركىي تىللىق خەلقلەر يەنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، ئەزەربەيجان، تاتار، باشقىرت، چۇۋاش، چولۇملۇقلار، تۇۋالار، چورلار، ئالتايلىقلار، ئوسمان تۈركلىرى؛ 2) موڭغۇل خەلقلىرى يەنى قالماقلار، بورياتلار، تاڭغۇتلار، تورغاۋۇتلار؛ 3) سىبىرىيىدىكى توڭگۇس – مانجۇ خەلقلىرى يەنى ياقۇتلار، نېئولۇقلار، دولغانلار، ئەۋەنكلەر؛ 4) خەنزۇلار، تىبەتلىكلەر؛ 5) ياپونلار؛ 6) كۆرەيلەر؛ 7) شەرقىي- جەنۇبىي ئاسىيا خەلقلىرى يەنى كامبودژالىقلار، ۋيېتناملىقلار، بېرمىلىقلار، تايلاندلىقلار ۋە باشقىلار؛ ئاۋغانلار، پارىسلار؛ 9) كاپكازدىكى ئابازىنلار، نوغايلار؛ 10) بۇلغارلار②. مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلىنى يۇقىرىدىكىدەك نۇرغۇنلىغان خەلقلەرنىڭ قوللانغانلىقى بۇ ئۇسۇلنى كىم كەشىپ قىلغان دېگەن مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى يازما خاتىرە بار. بۇنىڭ بىرى، كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى. بىز بۇ مەڭگۈ تاشتىكى مۇنۇ خاتىرىلەرنى كۆرۈپ باقايلى:ئەسلىسى: «كۆلتېكىن قوني يىلقا يىتى يىگىرمەكە ئۇچدى. توقۇزىنچ ئاي يەتى ئوتۇزقا يۇغ ئەر تۈرتىمىز«.يەشمىسى: »كۆلتېكىن قوي يىلىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق». يەنە بىرى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا خاتىرىلەنگەن تۆۋەندىكى رىۋايەت: «… تۈركلەر ئون ئىككى خىل ھايۋاننىڭ ئىسمىنى ئېلىپ ئون ئىككى يىلغا ئات قويغان، ئۇلار بالىلارنىڭ ياشلىرىنى، جەڭ تارىخلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى مۇشۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى (دەۋر قىلىشى) بىلەن ھېسابلايدۇ». بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇنداق: «تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغان، بۇنىڭدا ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ئېنىقلاشتا خاتالاشقان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، قۇرۇلتايدا مۇنداق دېگەن:
‹بىز بۇ تارىخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق، بىزنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشىدۇ. شۇڭا بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ ئون ئىككى بۇرجىغا ئاساسلىنىپ ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى. بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن. بۇ، ئارىمىزدا مەڭگۈ بىر يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن›. خەلق خاقاننىڭ بۇ پىكرىنى ‹شۇنداق بولسۇن‹دەپ ماقۇللاپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىقىپتۇ ۋە ھەممە ياۋايى ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرۇپتۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر دەريا بولۇپ، خەلق بۇ ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يۈرۈپ ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدەپتۇ. بىرمۇنچە ھايۋان ئۆزلىرىنى سۇغا ئېتىپتۇ، ئۇلاردىن ئون ئىككى خىلى سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. ئەنە شۇ ئون ئىككى خىل ھايۋاننىڭ نامى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلۇپتۇ. سۇدىن ئەڭ ئاۋۋال چاشقان ئۆتۈپتۇ، شۇڭا يىل بېشى چاشقاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ چاشقان يىلى دېيىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللار چاشقاندىن كېيىن سۇدىن ئۆتكەن ھايۋانلارنىڭ تەرتىپى بويىچە ئۇد يىلى (كالا يىلى)، بارس يىلى (يولۋاس يىلى)، توشقان يىلى، لەھەڭ يىلى (تىمساق يىلى)، يىلان يىلى، يۇند يىلى(ئات يىلى)، قوي يىلى، بىچىن يىلى(مايمۇن يىلى)، تاقاغۇ يىلى (توخۇ يىلى)،ئىت يىلى، توڭگۇز يىلى دەپ ئاتىلىپتۇ. توڭگۇز يىلىغا كەلگەندىن كېيىن كىشىلەر يىلنى يەنە چاشقان يىلىدىن باشلاشقا ئادەتلىنىپتۇ③».يۇقىرىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسەن كۆپلىگەن ئالىملار مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن (مەلۇم بىر قەبىلە تەرىپىدىن) يارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخىي ئىزنالىرىدىن قارىغاندا، مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى خېلى قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا كۆرۈلگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى يەنىلا كەڭ قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. بۇنى تۆۋەندىكى مۆچەللىك كالېندارنىڭ ياكى باشقا رايون خەلقلىرىنىڭ كالېندارچىلىق ئۇسۇللىرىنى قوللانغانلىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 1. تۈرك – ئۇيغۇر تىلىدىكى مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئىزنالىرى ئىدىقۇت دەۋرىدىن قالغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئالاقە ھۆججەتلىرىدە: «كۈسكۈ يىل ئالتىنچ ئاي ئون ياڭىقا (چاشقان يىلى ئالتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى)»، «تاقىغۇ يىل ئىكىندى ئاي سەكىز يىگىرمىكە (توخۇ يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنى)»، «قويىن يىل ئۈچىنچ ئاي ئىكى ئوتۇزقا (قوي يىلى ئۈچىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنى)»، «لۇ يىل توقۇزۇنچ ئاي تۆرت ياڭىقا (ئەجدىھا يىلى توققۇزىنچى ئاينىڭ تۆتىنچى كۈنى)، »ئۇد يىل بىر يىگىرمىنچ ئاي توقۇز ياڭىقا(كالا يىلى ئون بىرىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى)» دېگەنگە ئوخشاش جۈملىلەرنى ئۇچرىتىمىز④.
بىز بۇنىڭدىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە ئوخشاشلا يىللارنى ئون ئىككى مۆچەلگە ئايرىپ ئاتىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئايلارنى ئۇيغۇر تىلىدا بىرىنچ ئاي، ئىكىندى ئاي، ئۈچىنچ ئاي، تۆرتىنچ ئاي، بىسىنچ ئاي، ئالتىنچ ئاي، يەتىنچى ئاي، سەكىزىنچ ئاي، توققۇزىنچ ئاي، ئونىنچ ئاي، بىر يىگىرمىنچ ئاي، ئىكى يىگىرمىنچ ئاي دەپ بىر يىلنى 12 ئايغا بۆلگەن. ھەپتە كۈنلىرىنى باش كۈن(دۈشەنبە)، بوش كۈن (سەيشەنبە)، سوڭ كۈن (چارشەنبە)، كىچاتناكۈن (پەيشەنبە)، ئاتناكۈن (جۈمە)، ئاتناراس كۈن (شەنبە)، پازار كۈن (يەكشەنبە) دەپ ئاتىغان.ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئايلارنى ساناق سان بويىچە ئاتاشتىن باشقا يەنە قوزى، ئۇد(كالا) ئاراندىز(جەۋزا)، قۇچىق (سەراتان)، ئارسلان ، سۇنبۇلە، ئۈلكۈ، چازان(چايان) ياي ئوقيا(، ئوغلاق، كۆنەك (دەلۋە)، بالىق (بېلىق) قاتارلىق 12 يۇلتۇزنىڭ نامى بىلەنمۇ ئاتىغان. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەينى دەۋردە نەۋرۇز ئېيىنى «ئاققوزا يۇلتۇزى باش كۆتۈرگەن ئاي» دېيىشى، تۆل ئېلىنىدىغان ئاينى «ئوغلاق» ئاي، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي دېيىشى دەل مۇشۇ خىل ئادەتنىڭ مەھسۇلى ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىمۇ «بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا» دېگەن مىسرالار بار. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مىسرالارنى 12 بۇرچ ۋە پەسىللەر تەسۋىرىدە يازغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئايلارنى مانا شۇ خىل ئاتاش يەنى يۇلتۇزلار نامى بىلەن ئاتاش مەيلى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن(قاراخانىيلاردا)، مەيلى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن (ئىدىقۇت خانلىقىدا) ئوخشاشلا قوللىنىلغان. بۇنىڭدىن بىز ئايلارنى مۇشۇ خىل ئاتاشنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. 2. ھىندىچە كالېندارچىلىق ئىزنالىرى
بۇددا دىنىنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا تەدرىجىي دۆلەت دىنى مەۋقەسىگە كۆتۈرۈلۈشى بىلەن بىللە سانسىكىرتچە نوملار (ھىندى تىلىدىكى بۇددا دىنى دەستۇرلىرى)، دىنىي ئەدەبىيات(يارالمىش ئەپسانىلىرى ۋە ساكيامۇنى
ھەققىدىكى رىۋايەتلەر)، گۈزەل سەنئەت ۋە ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى ئۇسلۇبى قاتارلىقلار ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. نەتىجىدە ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ باشقا ئامىللىرىمۇ، مەسىلەن: كالېندارچىلىق، تىبابەتكە ئائىت دورا – دەرمەكلەرمۇ بۇددىست ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كىردى. كالېندارچىلىقتا ئوتتۇرا ھىندىستان رايونىدا قوللىنىلغان ساپ ھىندىچە ئايلىق كالېندار ئىدىقۇت زېمىنىغا كىردى. بىر يىلدىكى 1 – ئايدىن 12 – ئايغىچە بولغان ئايلار تەرتىپى بويىچە چىترا، ۋايساكھا، شەشتىھا، ئاشادھا، سىرابانا، پادراپادا، ئاسۋابيۇچا، كەرتىكا، مارگاسرا، پاۋۇسھا، ماگھا، پاھالگىنا دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە دىنىي ساھەگە )بۇددا دىنى ساھەسىگە) ماسلاشتۇرۇلغان «ئەرەم» ئاي(بىرىنچى ئاي)، «چاخساپات» ئاي 12 – ئاي (يەنى پەرھىز تۇتۇلىدىغان ئاي) دېگەندەك ئاي ناملىرىنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئۇچرىتىمىز.
3. سوغدىچە كالېندار ئىزنالىرى سوغدىلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى ئۇزۇن مەزگىل سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار (سوغدىلار) ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىن تارتىپلا ئاسىيا زېمىنىدا كەڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا سوغدىلارنىڭ رولى بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئىگە ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىدىقۇت زېمىنىدا ھەپتە كۈنلەرنى سوغدىچە مىر، ماچ، ۋاچان، تىر، ئورمۇزە، ناچىت، كەۋەن دەپ ئاتايدىغان ئادەتلەر ئۇچرايدۇ. مىر كۈنى مانى دىنىدىكىلەرنىڭ ئىبادەت كۈنى ئىدى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە مانى دىندارلىرى بۇ كۈنگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئارخېئولوگلار ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى خارابىلىكىدىن تاپقان ئانچە تولۇق بولمىغان كالېندار پارچىلىرىدا سوغدىچە يەتتە كۈننىڭ نامى بېرىلىپ، ئاستىغا خەنزۇچە جيا (甲) يى(乙)، بىڭ (丙)دىڭ(丁)… دېگەن خەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ تاۋۇشى يېزىلغان. بۇ يەردىن يەنى سوغدى يېزىقىدا چاشقان، كالا، يولۋاس، توشقان… قاتارلىق 12 مۆچەل نامى يېزىلغان بىر ئەبجەش كالېندار بايقالغان⑤.
4. خەنزۇچە كالېندار ئىزنالىرى
خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپلا غەربىي يۇتتىكى خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئالاقە قىلغان. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىر بىرىگە ئەسكىرىي ياردەم بەرگىدەك مۇناسىۋەتكە قاراپ تەرەققىي قىلغان (ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆڭلۈك – سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنچىتىشقا ياردەملەشكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ). ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مانى دىنى تەرغىباتچىلىرىدىن 4 كىشىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ئېلىپ كەتكەن ھەم مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقان. ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت (سودا – سېتىق)، تىبابەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشلار(غەربىي يۇرتتىن دورا – دەرمەك سېتىۋېلىش)، دىن ساھەسىدىكى مۇناسىۋەت (ئۇيغۇر بۇددىستلىرى ئىلگىرى ئۇدۇن، كېيىنچە كۈسەندىن بۇددا نوملىرى ۋە دىنىي قوللانمىلارنى ئالغان بولسا، 11 – ئەسىردىن كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن قويۇق دىنىي ئالاقە قىلغان. «ئالتۇن يارۇق» ۋە «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنىڭ خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئەنە شۇ دىنىي مۇناسىۋەتنىڭ نامايەندىسىدۇر) ۋە باشقا ئالاقىلەردە بېرىش – كېلىشنى كۈچەيتكەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقىنىڭ غەربىي يۇرتتىن ئۆزلىرىگە مۇناسىپ دەپ بىلگەن ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇ خەلقىدىن ئۆزلىرىگە مۇناسىپ دەپ بىلگەن مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلغان. نەتىجىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى خەنزۇ يېزىقىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا بەلگىلىك ساھەلەردە ئىستېمال قىلغىنىدەك، كالېندارچىلىق ئىشلىرىدىمۇ خەنزۇلارنىڭ كالېندارچىلىق نەمۇنىلىرىدىن پايدىلانغان.بەزى ماتېرىياللاردا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى خەنزۇ كالېندارىدىكى يېشىل(甲)، يېشىلراق )乙، قىزىل(丙)، قىزغۇچ (丁)، سېرىق (戍)، ساغۇچ ( 已)، ئاق (庚)، ئاقۇش (辛)، قارا(壬)، قارامتۇل(葵) قاتارلىق ئون خىل رەڭنى ئىپادىلەشتىن كېلىپ چىققان ئون كۈنلۈك كالېندارنىمۇ ئىشلەتكەن ۋە ئۇلارنى ئۆز تىلىغا بويسۇندۇرۇپ قاپ، ئىر، پى، تى، بو، كى، قى، سىن، زىم، كۈي دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان⑥.
5. ئىسلامچە كالېندار ئىزنالىرى
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى تېررىتورىيىسىدە مانى، بۇددا، خىرىستىئان )خىرىستىئان دىنىنىڭ نېستۇرى مەزھىپى) دىنلىرى تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. دەسلەپتە ئۇرخۇن بويىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرى تەبىقىلىك كىشىلىرى مانى دىنىنى ئۇلۇغلىغان. چۈنكى بۇ دىن ئۇلارغا ئۇرخۇن بويىدىن تارتىپلا ھەمراھ ئىدى. كېيىنچە بۇددا دىنى تەدرىجىي دۆلەت دىنى مەۋقەسىگە كۆتۈرۈلگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا بىرقانچە دىننىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلغان. بۇ ھال ئىدىقۇت زېمىنىغا ئىسلام دىنىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگىمۇ شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. بۇنى تۆۋەندىكى بايان بىلەن ئىسپاتلاش مۇمكىن: ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خوراسان پادىشاھى ئابۇل خاسان ناسىر (مىلادىيە 913 -942- يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) نىڭ سەمەرقەندتە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان 500 مانى مۇخلىسىنى قەتلى قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى خانىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغانىكەن. ئىدىقۇت خانى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر ئۇ(خۇراسان پادىشاھىنى دېمەكچى) سەمەرقەندتە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان مانى مۇخلىسلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە پېتىنىدىكەن، ئىدىقۇت خانىمۇ ئۆز تەۋەلىكىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئىسلام دىنى مۇرتىنى قىرىپ تاشلايدۇ، دېگەن⑦.
دېمەك، بۇ باياندىن بىز 10 – ئەسىرلەردىلا ئىدىقۇت زېمىنىدا مۇئەييەن ساندا مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. دىن ئۆز ئەقىدىسى بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا قىسمەن مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تاڭىدۇ، دىننى قوبۇل قىلغۇچىلار ئىستىخىيىلىك ھالدا شۇ دىنغا باغلىق بەزى نەرسىلەرنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرۇۋالىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە ئىسلامچە كالېندارچىلىق ئەنئەنىسىنى قوللانغان.
ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى كېيىنچە ئەرەب شەمسىيە كالېندارى بويىچە ئايلارنى ھەمەل(1- ئاي)، سەۋر(2 – ئاي)، جەۋزا(3 – ئاي) سەرەتان( 4 – ئاي)، ئەسەد(5 – ئاي)، سۇنبۇلە(6 – ئاي)، مىزان(7 – ئاي)، ئەقرەپ(8 – ئاي)، قەۋس(9 – ئاي)، جەددى(10 – ئاي)، دەلۋە(11 – ئاي)، ھۇت(12- ئاي) دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان ھەمدە يەنە ئەرەب قەمەرىيە كالېندارى بويىچە مۇھەررەم، سەفەر، رەبئۇلئەۋۋەل، رەبىئۇلئاخىر، جىمادىلئەۋۋەل، جىمادىلئاخىر، رەجەپ، شەئىبان، رامىزان،شەۋۋال، زۇلقەئىدە، زۇلھەججە دەپ ئاتىغان ⑧.بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ھەربىر مۆچەلگە(12 يىلغا) يەنە توپۇ (تۇپراق)، ئالتۇن (ياكى تۆمۈر)، ئوت، سۇب (سۇ) قاتارلىق بەش ئېلېمېنتنى بەش قېتىم تەكرارلاپ يىللارنىڭ كەينىگە قوشۇپ (كۈسكۈ توپۇ، كۈسكۈ ئالتۇن، كۈسكۈ ئوت، كۈسكى سۇب، ئۇد توپۇ، ئۇد ئالتۇن … دېگەندەك )60 يىل ھېسابلاپ، 60 يىلنى بىر دەۋر دەپ ھېسابلىغان⑨. بۇلاردىن باشقا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان قىسمەن ھۆججەتلەردە يەنە ھازىرقى دۈشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتە(يەتتە كۈن) نى شاماش، سىن، نېرگال، نېبو، مەردۇك، ئىشتار، نىنىپ دەپ ئاتايدىغان ئادەتلەرنىڭ بولغانلىقىمۇ مەلۇم 10.خۇلاسىلىغاندا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ، خانلىق تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلار زور تۈركۈمدە غەربكە- ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ كۆچۈپ، بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ پاراللېل خانلىقنى قۇرۇپ، يېڭى ماكاندا قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشتى، بولۇپمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا بېكىنمىچىلىككە قارشى تۇرۇش خاھىشى ئالاھىدە بىرخىل ئىجتىمائىي كەيپىيات تۈسىنى ئالدى. ئىدىقۇت ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا پايدىلىق بولغان ھەممە ۋاسىتىنى، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە پايدىلىقلا بولغان بارلىق چارىلەرنى، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە مەنپەئەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشتىن باش تارتمىدى. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا 17 خىل يېزىقتا مەتبەئەچىلىك ئىشلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى، سودىگەرلەردىن چېگرا بېجى ئېلىشنىڭ يولغا قويۇلۇشى، كۆپ خىل ئالاقىگە مەنپەئەتلىك كۆپ خىل كالېندارنىڭ قوللىنىلىشى – بۇ خانلىقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈشكە رولى بولىدىغان ھەرقانداق ساھەگە قارىتا «كەڭ ئېچىۋېتىش»ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.
ئىزاھات:① نىغمەت ياقۇپنىڭ «مۆچەللىك كالېندار توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدا كەلتۈرۈلگەن نەقىل － شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، ئۇيغۇرچە، 3891 – يىل 1 – سان، 196 – بەت.
② يۇقىرىدىكى ژۇرنالنىڭ 60 -، 161 – بەتلىرى.③ «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 – توم، 449 -،450 -، 451 – بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980 – يىل نەشرى.
④ »قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما«، ئۇيغۇرچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981 – يىل نەشرى، 76-، 91 – بەتلەر. ⑤ «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۇيغۇرچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2891 – يىل نەشرى، 552 – بەت. ⑥ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق : »شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى«، ئۇيغۇرچە، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991 – يىل 11 – ئاي نەشرى، 683 – بەت.
⑦ »غەربىي شىمال تارىخ – جۇغراپىيىسى«، خەنزۇچە، 1984 – يىل 4 – سان 9 – بەت.
⑧ ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، ئۇيغۇرچە، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991 – يىل نەشرى، 836 – بەت. ⑨ ھەسەن ئەلى: «قەدىمكى تۈركلەردە يىللار،ئايلار ۋە كۈنلەر» دېگەن ئەسەرگە قاراڭ. 10 ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق : «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، ئۇيغۇرچە، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991 – يىل نەشرى، 638 – بەت.
مەنبەسى: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى
تەھرىرلىگۈچى : ئابدۇرۇپ ئېلى
كورلا“ نامى ھەققىدە مۇلاھىزە
غالىب بارات ئەرك
مۇقەددىمە
كورلا شەھىرى رايونىمىزدا تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنىڭ ئالاقىسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ۋە كېلىپ كېتەر كۆپ قەدىمىي شەھەر . ھەر بىر كېلىپ كېتەر زىيارەتچى شەكسىزكى بۇ قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ھېسابلىنىدۇ . ھالا بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ ئاۋات شەھەرنىڭ نامى ھەققىدە ھەر خىل ئەپسانە ۋە ئەپقاچتى گەپلەر بولۇپ ، ”يۈزگە سۈرتۈلگەن قارا“دەك كۆڭۈلنى غەش قىلماقتا . ئېيتماق كېرەككى، ” كورلا “دىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي ، تارىخىي يۇرتنىڭ نامىنى ئىلمىي يوسۇندا شەرھىيلەش ، مەدەنىي جەمئىيەتتىكى بىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر . ” كورلا “ نامى ئىلمىي ئاساسلار بىلەن يورۇتۇلسا ، تۈرلۈك ئەپسانە ، ئەپقاچتى سۆزلەرگە لايىقىدا رەددىيە بەرگىلى بولىدۇ . پاكىت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ، پاكىتلار ئىلمىي ئاساسلار بىلەن دەلىللىنىشى كېرەك. بۇ تارىخىي نامنىڭ ئېتمولوگىيىسى مەسىلىسى كۆپنىڭ مۇلاھىزە قىلىدىغان مەسىلىدۇر ، چۈنكى ‹‹ كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ ›› ، ‹‹ كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس ›› ئەمەسمۇ ! مەن تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمنى كۆپچىللىكنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنماقچىمەن ، كۆپچىللىكنىڭ بەس مۇنازىرە قىلىشىنى ھەمدە ” كورلا “ نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1.       ” كورلا “ نامىنىڭ تارىخىي يازمىلاردا كۆرۈلۈشى
[1.1] بەن گۇ ( مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 32 – يىلىدىن مىلادىيە 92 – يىلىغىچە ياشىغان ) يازغان ‹‹ خەننامە ››دە ‹‹ چېدىر ( 渠黎) . بىر نەپەر شەھەر كاھبېگى بار، ئاھالىسى 130 تۈتۈن ، نوپۇسى 1480 كىشى ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 150 نەپەر . شەرقى
ي شىمالى كۆنچى ( 尉犁) بىلەن ، شەرقىي جەنۇبى چەرچەن (且末)، جەنۇبى نىيە ( 精绝) بىلەن تۇتۇشىدۇ . غەربىدە دەريا بار . كۇچارغا 580 چاقىرىم كېلىدۇ ››[1] دېيىلگەن .
[1.2]‹‹يۈەن سۇلالىسى تارىخى ›› 134 – جىلىد ‹‹ شايباننىڭ تەرجىمھالى ››دا ‹‹ شايبان ، ئۇيغۇر ، ئاتىسى كۈلبەگ قۇچ ، بوي ئىگىزلىگى 8 چى ، ئاقىل كىشى . تەيزۇنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، چېرىكلىرىنى باشلاپ كېلىپ تەۋەلىك بىلدۈرگەن . يۈرۈشتىن (مۇسۇلمان )ئېلىگە قايتقاندا، كۆپ تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن چوڭ تارتۇقلار بىلەن تارتۇقلانغان ، مۇشۇ ئەلدىكى كورلا (坤闾) شەھىرىنىڭ دارۇغاچلىقىغا تەيىنلەنگەن. 200 ئائىلە تېرىقچى سۈيۈرغال قىلىنغان …. ›› [2] دېيىلگەن .
[1.3] شاھ مەھمۇد جوراس (17 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى يازغان )  ‹‹ سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ … مەنزىلمۇ مەنزىل مېڭىپ كورلىغا يېتىپ كەلدى … كورلىدىن ئۆتۈپ قوئالغە داۋانىغا يېتىپ كېلىشتى … ›› [3] دېيىلگەن.
[1.4] چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى فۇ خېڭ قاتارلىقلار پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن تۈزگەن، 1763 – يىلى كىتاب قىلىپ تۈزۈلۈپ بولغان ‹‹غەربىي دىياردىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى ›› ( ‹‹西域同文志›› ) دىگەن كىتابنىڭ 2 – جىلىدىدا كورلا نامى 库陇勒 دەپ يېزىلغان ۋە ‹‹ مۇسۇلمانلار ( ئۇيغۇر ) تىلىدا كۆرۈڭلار دىگەن مەنىدە ،  يەر شەكلى كەڭ ، كۆركەم بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان ›› دېيىلگەن. شۇ كىتابتا بۇ نام ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن چىرايلىق قىلىپ ‹‹ كورونك لەر –lär ηKørø ~lär ηKørü ›› دەپ يېزىلغان.
[1.5] ‹‹ غەربىي دىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى ››دە خەرىتە ۋە باشقا بايانلاردا ”كورلا “ نامىنىڭ ئەينى ۋاقىتىكى خاتىرىسى ئۇچرايدۇ ( بۇ كىتاب 1756 – يىلى تۈزۈشكە باشلانغان ، 1761 – يىلى دەستلەپكى نۇسخسى پۈتكەن، 1782 – يىلى بېكىتىلگەن )  : مۇشۇ كىتابتىكى ‹‹ غەربىي دىيارنىڭ ئومۇمىي خەرىتىسى››دە  库龙勒 دەپ ، تەڭراىتاغنىڭ جەنۇبىي قىسمى خەرىتىسىدە 库陇勒   ۋە 库陇勒塔克  ناملىرى خاتىرىلەنگەن . مۇشۇ كىتابنىڭ 7 – جىلىد ، 15– جىلىد، 30– جىلىد، 34– جىلىدلاردا كۆپ قېتىم 库陇勒 دېگەن نام خاتىرىلەنگەن[4] .
[1.6] چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارى شۈ سوڭ (1781- 1848) تەرىپىدىن 1817 – يىلى ئىلىدا دەستلەپكى نۇسخىسى تاماملانغان ‹‹ غەربىي يۇرتنىڭ دەريا ئېقىنلىرى خاتىرىسى ›› (‹‹ شىنجاڭ ھەققىدە ئومۇمىي بايان 新疆识略›نى كېڭەيتىپ يازغان )  دە  库尔勒 دەپ يېزىلغان ۋە ‹‹ ( تارىم ) دەرياسى 170 چاقىرىم شەرقتە ، كورلا  (庫爾勒) كەنتنىڭ شىمالىي ئارقىلىق ئېقىپ ئۆتىدۇ . كورلا نامى ئۇيغۇرچە ( مۇسۇلمانچە ) كۆرۈڭلار (观望) دېگەنلىكتۇر ، يېرى كەڭ ۋە ئازادە ، ئۇزاققا نەزەر سالماق دىگەن مەنىدە، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان . 庫隴勒 دەپمۇ يېزىلىدۇ . مەھەللە كورلا ھەربىي گازارمىسىنىڭ 3 چاقىرىم جەنۇبىدا … 1766 – يىلى 600 تۈتۈندىن كۆپ ئاھالە قۇمچاقما (噶札瑪)غا كۆچۈرۈلگەن ، بېگى يەنىلا كورلىدا تۇرۇپ باشقۇرغان … ››[5] دېيىلگەن.
[1.7] ‹‹ غەربىي يۇرتتا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمدىن خاتىرە ›› (1777- يىلى يېزىلغان ) ناملىق كىتابتا ‹‹ لوپنۇرلۇق مۇسۇلمانلار بېلىق ئىستىمال قىلىپ ھايات كەچۈرۈدۇ ، بەزىدە كورلىغا (庫爾勒) كېلىدۇ ، باشقا جايدىكىلەر بىلەن باردى – كەلدى قىلمايدۇ . كورلىنىڭ شەرقىي ھۇدۇدىدا تاغ بار ، 60 چاقىرىمدا قۇمچاقما، جەنۇبىدا لوپنۇر كۆلىدۇر ( مۇشۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن خەرىتىدە كورلا مەھەللىسى بىلەن كورلا ھەربىي گازارمىسى دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر بىرىگە يۈزلىنىپ تۇرىدۇ)››[6].
[1.8]موللا مىر سالىھ كاشغەرىي  كۆچۈرگەن 17 – ئەسىردىكى ‹‹ كاشغەر تارىخى ( چىڭگىزنامە) ›› دە مۇنداق جۈملە بار : ‹‹ شاھ ئادىلبەگ قاچىپ كورلە [غە] كەلدى ، مىرزا ھاشىم كورلەلىق ھەم ئەبەيدۇللاخان بىلەن مىرزا ئەبۇلھادىنى خاھىش قىلدى ›› [7]
[1.9] ئۇيغۇر ئالىمى موللا مۇسا سايرامى (1836-1917) 1908 – يىلى يېزىپ تاماملىغان ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› نىڭ   ئالىم ئۆز قەلىمى بىلەن كۆچۈرگەن قوليازمىسىدا  ‹‹كورلا›› دەپ يېزىلغان. موللا مۇسا سايرامى ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› دىگەن كىتابىدا ‹‹ ھالا بۇ گۈنلەردە كۆرگەنلەر بۇ تەرىقىدە نەقىل ۋە ھىكايە قىلادۇركىم ، لوفنىڭ مەشرىق ھەددى لەنجۇ سىڭ تابىئەسى سۇجۇ ۋە ساجۇ  دىگەن … شەھرىغە بارادۇر ، شىمال ھەددى قامۇل ۋە تۇرفان ، كورلادۇر… دېپ نەقل قىلادۇر: ھالا بۇ كۈنلەردە ئەھۋالنى بىلگەنلەر : لوپنىڭ شەرقىي ئۇچى لەنجۇ ئۆلكىسىگە تەۋە سۇجو ۋە ساجو دىگەن شەھەرلەرگە ئۇلىنىدۇ ، شىمال تەرىپى بولسا ، قۇمۇل ، تۇرپان ۋە كورلىغا تۇتۇشىدۇ … دەپ  تەسۋىرلەيدۇ ›› . ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ››نىڭ قوليازمىسىدىكى[9] ‹‹ كورلا ›› نامىنى، تارىخچى ئەنۋەر بايتور ئۆزى نەشرگە تەييارلىغان ‹‹ تارىخى ھەمىدىي››دە ‹‹ كورلا ›› [10] دەپ ترانسىكپىكسىيە قىلغان . چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇتىخەسىسى ، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› دىگەن كىتابىدا بۇ نامنى ‹‹ كورلا ›› دەپ ترانسىكرىفىسىيە قىلغان ۋە ھازىرقى زامان تىلىغا يەشكەندە ئوخشاش ئالغان[11] . بۇنىڭدىن باشقا ئاشۇراخۇن غەرىبىينىڭ ‹‹ ئەمىر ئالىي ›› داستانىدىمۇ ‹‹ كورلا›› دەپ يېزىلغان.  مەن بۇ ھەقتە ئۇستاز، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينى تېلىفۇندا زىيارەت قىلدىم . ئۇ ‹‹ تارىخى ھەمىدىي›دە كورلا دەپ يېزىلغان ، ئۇنىڭ باشقىچە ئوقۇلىشى يوق ›› دىگەن جاۋابىنى بەردى .
[2.0] مەھمۇد كاشغەرىي  ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››تە ‹‹ kævli  كويلا ، دەريا ئېغىزى . بۇ ئۈچ سۆز كەنچەكچىدۇر ››[12] دەپ يازغان.
مانا بۇلار مەن كۆرگەن ، كورلا نامىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان خاتىرىلەردىكى بايانلاردۇر.
2. ” كورلا “ نامى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار
[2.1] فېڭ چېڭجۈننىڭ ‹‹ غەربىي يۇرت  يەر ناملىرى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ ‹غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى›دە 库陇勒دەپ ، ‹ شىنجاڭ ھەققىدە ئومۇمىي بايان(新疆识略) ›دا 库尔勒دەپ  يېزىلغان . سىتەيىن خەن دەۋرىدىكى 危须国 دۇر دەپ قارىغان ، بۇ ھازىرقى شىنجاڭنىڭ كورلا ناھىيسى ››[13] دەپ يازغان .
[2.2] يۈ ۋېيچىڭ ‹‹ شىنجاڭ مەمۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ كورلا (korla ) ، بۇ جاي نامى تىل تەۋەلىگى بىلەن مەنىسى ھەققىدە ئاساسەن ئىككى خىل قاراش بار : بىرى موڭغۇلچە . لاما دىنى راھىبى نوم ئوقۇغاندا دائىم ئىشلىتىدىغان چۆرۈگۈچ ياغاچ چۆرۈلگەندە ئاۋاز چىقىرىدۇ ، بۇ موڭغۇل تىلىدا كوردى (kordi ) دەپ ئاتىلىدۇ . رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر لاما دەريا بويىدا ئۆرە تۇرۇپ كوردىنى چۆگىلىتىپ نوم ئۇقۇۋاتقاندا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن كوردىنى دەرياغا چۈشۈرۈۋېتىپتۇ . ئۇ يۇقۇرى ئاۋازدا ” كوردى “،   ” كوردى “ دەپ توۋلاپتۇ . كېيىنكىلەر دەريا نامى بىلەن يەر نامىنى ” كوردى “ دەپ ئاتاپتۇ . كورلا نامى ئەنە شۇ ” كوردى “ دىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەن ئىكەن . ئىككىنچى قاراش كورلا تۈركىي تىلدىكى Körünglar دىن korlaغا ئۆزگەرگەن . Körünglar  دىگەن سۆزنى تۈزلا تەرجىمە قىلسا كۆرۈڭلەر ياكى قاراڭلار دىگەنلىك بولىدۇ  ›› [14] دەپ قارىغان ھەمدە شۈ سوڭنىڭ بىز كۆرگەن بايانىنى قوشقان .
[2.3] مەھمۇدجان ئاسىم ‹‹ كورلا نامى ھەققىدە مۇلاھىزە ›› ناملىق ماقالىسىدە ”كورلا“ نامى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك قاراشلار بار دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ : ‹‹ (1) كىھلە ، كۆھلە (2) كورلا (3) كويلە (4) كىڭۈت ، كاۋلى . بۇ ماقالىدە ‹‹ كىھلە دىگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ كۆھلە دىگەن مەنىنى بىلدۈرۈدۇ . يەنە بىر مەنىسى سۈرمە دىگەندىن ئىبارەت . چۈنكى ، كورلا يېرى مۇنبەت ، گۈزەل ، ھاۋاسى يېقىملىق ، سۈيى سۈزۈك جاي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان . كىھلە دىگەن بۇ نام 1934 – يىلى كورلىدا ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما قۇرۇلغان چاغدا ئۇيۇشمىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا يەر نامىنى قانداق يېزىشنى مۇزاكىرە قىلغاندا ، ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى كەنجى ئېلىيوۋ قاتارلىق زىيالىلار ، مۆتىۋەر زاتلار ھەم ئامما تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ۋىۋىسكىغا ‹ كىھلە ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى › دەپ يېزىشنى بېكىتكەن . (2) قاراش كورلا دىگەن نام ‹ كۆللە › دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان ( ئاپتور بۇ قاراشتا باغراشتىن ئېقىپ چىققان سۇنىڭ كورلا رايونىدا ئۇششاق كۆلچەكلەرنى پەيدا قىلغانلىقتىن ‹‹ كۆللەر ›› شەھىرى دەپ ئاتالغان دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ) . (3) كويلا ( ئويمان يەر ) دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، 1947 – يىلى توختى ئەلەم ئاخۇنۇم قاتارلىق كىشىلەر ماڭا ‹”كورلا “ نىڭ ئەسلىي نامى ”كورلا “ بولماستىن بەلكى كويلا ئىكەن دېگەن ئىدى . ( ئاپتور بۇ قارىشىنى تەكىتلەپ كۆنچى دەرياسى سۈيى تۆت تۈپ تېرەك ، خەزىنە سايباغ ، ئاقتاش قاتارلىق جايلارنى كولاپ كەتكەنلىگىگە قاراپ ئەينى زاماندا خەلق كورلىنىڭ نامىنى ‹ كويلا › دېگەن . كېيىنكى ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، تاۋۇشلارنىڭ ئالمىشىشى بىلەن جانلىق تىلدا كورلا دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارىغان ھەمدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ››دا ‹‹ كويلا ، دەريا ئېغىزى ›› دەپ يازغانلىقىنى پاكىت قىلغان . (4) كىڭۈت – كاۋلى … ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا ‹‹ كالى – كويلا، دەريا ئېغىزى دەپ ئىزاھلىغان . ئەرەب گىرامماتىكىلىق قائىدىسى بويىچە ‹ موسى › موسا دەپ ، ‹ ئەيسى › ئەيسا دەپ ئوقۇلغىنىغا ئوخشاش ‹ كاۋلى سۆزىمۇ ‹ كاۋلا ›، ‹ كولا › دەپ ئوقۇلىشى مۈمكىن . شۇڭلاشقا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كورلا دەپ ئاتالغان بولىشى مۈمكىن ، ھازىرقى كۆنچى دەرياسىنىڭ جۇغراپىيىلىك كۆرۈنىشى خۇددىي تۈگمەننىڭ كويلىسىغا ئوخشاش تېز ھەم تار ئاقىدۇ . شۇڭا كورلا دىگەن نام مەھمۇد كاشغەرىي  ئىزاھلىغاندەك ‹ كاۋلى › كولا › دىگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ ‹ كويلا ›، ‹كورلا › دەپ ئاتالغانلىقى ئېنىق ›› [15] دەپ يازغان.
[2.4] غالىب بارات ‹‹ ” كورلا “ نامى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە ›› ( ‹‹ بايىنغولىن گېزىتى ›› 1993 – يىلى 2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ) ۋە ‹‹ ” كورلا “ نامىنىڭ ئېتمولوگىيسى ھەققىدە ›› (‹‹ بايىنغولىن گېزىتى ›› 1993 – يىلى 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ) ناملىق ماقالىلىرىدە  كورلا نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆرتلە (körtlä )دىن كەلگەن ، بۇ ‹‹ گۈزەل ، چىرايلىق ›› دىگەن مەنىدە دەپ يازغان ھەمدە تىلشۇناسلىق تەھلىلى يۈرگۈزۈپ körtlä دىكى t تاۋۇشى چۈشۈپ قالغانلىقتىن kōrlä  بولغان ( شۇڭا ئو سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) .  ئاپتۇر بۇ ئىككى ماقالىسىدىكى قاراشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ‹‹ بوستان ›› ژورنىلىنىڭ 1996 – يىللىق 1 – سانىدا ‹‹ ” كورلا “ نامى ئۈستىدە ئىزدىنىش ›› دىگەن تېمىدا ئېلان قىلغان .
[2.5] ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى مۇنداق دەپ يازغان : ‹‹ بۇ شەھەر كەم ھېسابلىغاندىمۇ ‹ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى› دەۋرىدە بىنا قىلىنغان . چۈنكى 13 – ئەسىردە ، خەنزۇچە مەنبەلەردە ‹ كۈن – لۈي › دەپ يېزىلغان . بۇ نام ئېھتىمال قەدىمكى ئۇيغۇرچە ‹ كۆرۈكلۈك › نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولسا كېرەك . ‹ تۈركىي تىللار دىۋانى › ۋە ‹ ئالتۇن يارۇق › قاتارلىق ھۆججەتلەردە يېزىلىشىچە، ‹ كۆرۈكلۈگ › سۆزى ‹ گۈزەل ، مەنزىرە ، چىرايلىق جاي ، كۆركەم  دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈدۇ › . ‹ كۆرۈكلۈگ› سۆزى بارا – بارا ‹ كۆرۈكلە › كورلا بولۇپ ئۆزگەرگەن . بۇ نام كورلىنىڭ تەبىئىي شارائىتىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ ›› [16]
[2.6] نيۇ رۇچېن ‹‹ شىنجاڭنىڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ ” كورلا “ نامى ، ‹ غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى ›دە ئۇيغۇرچە نەزەر سالماق ، قاراپ تۇرماق دىگەن مەنىدە . 库陇勒 دەپمۇ ئاتالغان ›› [17] دەپ مۇشۇ قاراشنى ياقلىغان .
[2.7] جې يۈ جوڭ ‹‹ يەر ناملىرىدىن شىنجاڭغا نەزەر ›› ناملىق كىتابىدا : ‹‹ كورلا ، ئۇيغۇرچە نام ، ئۇزاققا نەزەر سالماق دىگەن مەنىدە . ‹غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى ›دە ‹ مۇسۇلمانچە ( ئۇيغۇرچە) ، كۆرۈڭلەر دىگەن سۆز . يەر شەكلى كەڭ ، ئازادە ، شۇڭا ئەنەشۇنداق ئاتالغان › دەپ شەرھىيلەنگەن . … ‹غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى › دە库陇勒 دەپ ئاتالغان…. ‹ شىنجاڭ ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە›دە 库尔勒  دەپ يېزىلغان ، بۇ خەن دەۋرىدىكى 渠梨  ئېلىنىڭ يېرىدۇر ››  [18] دەپ يازغان.
[2.8] نىياز كېرىمى ‹‹ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ كورلا ئەسلى كويلادىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، كۆلچەك دېگەن مەنىدە … ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن” كويلا “ ئۆزگىرىپ ” كورلا “ بولۇپ قالغان›› [19] دەيدۇ.
[2.9] بۇ بىر ئەپسانىۋىي چۈشەندۈرۈش بولۇپ، ئېيتىلىشىچە ئاپاق خوجا كورلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەۋلىيالىقىنىڭ راست يالغانلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن ، كورلىلىقلار ئۇنىڭغا مۆشۈك ئۆلتۈرۈپ ، مۆشۈك گۆشىدە پولو ئېتىپ بەرگەن ئىكەن. ئەپسانىدا ئېيتىلىشىچە ، ئاپاق خوجا پولوغا بېسىلغان گۆشنى سىلاپ ”قوپ جانىۋېرىم “ دېگەن ئىكەن ، مۆشۈك تىرىلىپ قوپۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئاپاق خوجا بۇ يەرلىكلەرنى ” كورلار “ دەپ قارغاپتۇ ، شۇڭا بۇ يەر ” كورلا “ دەپ ئاتىلىپتۇ .
3. خەلق ئېغىز تىلىدىكى كورلا
‹‹ ھاجى دادام ئاغرىپ قالىپ كولىخان شەردە ياتتى ›› [20]
ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئەپەندى 1960 – يىلى تىل تەكشۈرۈش داۋامىدا لوپلۇقلارنىڭ ” كورلا  “ نامىنى kørlø   دەپ تەلەپپۇز قىلىىدىغانلىقىنى خاتىرىلىگەن .
گۇننار ياررىڭ ئەپەندى ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ كىتابلىرىدا خاتىرىلەنگەن ناملارنى تەتقىق قىلىپ يازغان كىتابىدا،   كورلا نامىنىڭ[21]  تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل خاتىرىسى بار :
(1) 1896 – يىلى سېۋىن ھېدىننىڭ خاتىرىسىدە korla، kurle، kurla
(2) ئاتاقلىق ئۆزبېك ئالىمى مۇرزايېۋ 1966- ، 1974 – يىللىرى بۇ نامنى kurlä  دەپ خاتىرىلىگەن .
(3) ئۇيغۇر تارىخچىلارنىڭ چاغاتاي ئۇيۇغر يېزىقىدىكى ئەسەرلىرى ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› ، ‹‹ ئەمىر ئالىي ›› ، ‹‹ كاشغەر تارىخى ـ چىڭگىزنامە››لەرنىڭ قوليازمىسىدا ‹‹ كورلا›› دەپ يېزىلغان.
مۇھاكىمىلەر :
بىز تارىخىي خاتىرە  [1.1] دە كۆرگەن چېدىر دىگەن بۇ كىچىك بەگلىكنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى سۈرۈشتۈرىدىغان بولساق،  شۇ كىتابنىڭ ئىزاھاتىدا مۇنداق دېيىلگەن ‹‹ چېدىر بەگلىگى  (渠梨国) خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى قەدىمكى بەگلىك . ئورنى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كورلا شەھىرى بىلەن لوپنۇر ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ ›› [22] . بەزى كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە 渠梨  نامى كورلا نامىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى شەكلى ئىكەن ، ئۇنداقتا بىز بۇ خەتلەرنىڭ ئەينى چاغدىكى تەلەپپۇزىغا نەزەر سېلىپ كۆرەيلى . سېن جوڭمىيەن ئەپەندى بۇ ھەقتە بۇرۇنلا تەتقىقات يۈرگۈزگەن، جۈملىدىن 渠梨 نىڭ ”كورلا “غا”تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىن كەلسىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇساپە جەھەتتىن ماس كەلمەيدۇ“ دەپ قاراپ بىر جاي ۋە بىر نام ئەمەسلىگىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئالىمنىڭ بۇ ئىككى خەت ئەينى ۋاقىتتا [ g‘iwoliei] دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ، بۇ نامنى ئېتمولوگىيە جەھەتتىن سۇغداق نامىدىن كەلگەن دەپ قارىغان . ئالىمنىڭ قارىشىچە渠梨  ئەسلىدە سوغداقلارنىڭ نامى Suguda دىن guda > gula   بولۇپ ئۆزگىرىشى بىلەن Su  قىسقىراپ gulaغا ئۆزگەرگەن . ئالىم بايانىدا ‹‹ خەننامە›› ئۇچرايدىغان ‹‹渠梨  غەربىي يۇرتتىكى غۇر ( 胡 ) مەملىكىتىنىڭ نامى ›› دىگەن باياننى شىپى كەلتۈرگەن ھەمدە غۇر ( 胡 )نى سوغداق دەپ قارىغان [23].  بىز 渠梨  نامىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەلەپپۇزى ئۈستىدە داۋاملىق  ئىزدىنىدىغان بولساق 渠 خېتى قەدىمكى  دەۋردە  [gĭа] ( ھېنرې ماسپېرونىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا بۇ خەت 7 – ، 8 – ئەسىرلەردە )gj’i∂]  ] دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان ، لېكىن ياپونچىغا تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلغاندا  kijo  (kyo) دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان. 梨 [liei] دەپ ئوقۇلىدۇ ، قوشۇپ  يازغاندا  渠梨   [gаliei] ياكى  kyoliei بولىدۇ ، بۇلارنى قوشۇپ ئاددىيلا تەلەپپۇز قىلساق ”كىيولە ياكى كولە “  بولىشى مۈمكىن . بۇ نامنى يۈ تەيشەن ئەپەندى 渠黎[ [gia-lek،渠梨  [ gia-lyei] دەپ ئوقۇغان. ئۇنداقتا بۇ جاي نامى بۈگۈنكى كۈندىكى ” كورلا “ نامىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋردىكى تەلەپپۇز خاتىرىسىمۇ ؟  بۇ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسلىدۇر.
بىز كۆرگەن تارىخىي خاتىرە [1.2] دە شايباننىڭ كورلىغا دارۇغاچلىققا تەيىنلەنگەنلىگى يېزىلغان ، ئۇنداقتا بۇ قانداق ئەمەل ؟ بۇنىڭغا ‹‹ جۇڭگونىڭ تارىختىكى ئەمەل مەنسەپلىرى لۇغىتى›› دە مۇنداق دېيىلگەن : ‹‹ دارۇغاچ . موڭغۇل تىلىدا مۆھۈردار دىگەن مەنىدە ، چىڭگىزخاننىڭ 18 – يىلىدىن باشلاپ تەئسىس قىلىنغان . يۈەن سۇلالىسى تۈزۈمىدە خەنزۇلارنى باش ئەمەلدارلىققا قويۇشقا بولمايتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەتلەر ، قەبىلىلەر بىلەن ئايماق، مەھكىمە ، ناھىيىلەرگىچە دارۇغاچلار قويۇلغان بولۇپ موڭغۇللار بىلەن رەڭدار كۆزلۈكلەر باشلىق بولغان ›› [24] . بىز مانا بۇ خاتىرىلەردىن دارۇغاچ مەنسىپى تەئسىس قىلىنغان ۋە موڭغۇللار تەرىپىدىن شايبان ئىسىملىك ھەربىي ئەمەلدار دارۇغاچ بولغان شەھەرنىڭ كىچىك ئەمەسلىگىنى پەرەز قىلالايمىز ، ناۋادا بىز شۇ شەھەردىكى ئاھالىنىڭ 10دىن بىرى شايبانغا سۈيۈرغال قىلىنغان دەپ قارىساق 2000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالە بارلىقىنى ، نوپۇسىنىڭ شۇ ۋاقىتتا 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. ئۇنىڭ 20000 كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىشى قاتارلىق ئىشلاردىن شايباننىڭ ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى دەۋرىدە كورلا رايونىنىڭ مەمۇرى ، ھەربىي ئەمەلدارى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈشى مۈمكىن ، شۇنداق بولغاندىلا بارچۇق ئارت تېگىن تەۋەلىك بىلدۈرگەندىن كېيىن، لەشكەرلىرىنى باشلاپ بېرىپ تەۋەلىك بىلدۈرۈشى ، شايباننىڭ كېيىنكى چاغلاردا يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن ماجرالارنى ھەل قىلشىقا ئارىلىشىشى قاتارلىقلار، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردە تەسىرى چوڭ ۋە ئابرويلۇق تارىخىي شەخس ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
ئۇنداقتا 13 – ئەسىردىكى坤闾  ، ” كورلا “ نامىنىڭ شۇ دەۋردىكى تەلەپپۇز خاتىرىسىمۇ ؟ بىز坤闾  نامىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەلەپپۇزىنى ئىزلەپ كۆرۈدىغان بولساق [lĭo k‘uæn] دەپ ئوقۇلىدۇ. ھېنرې ماسپېرونىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانساق 坤 خېتى  7 – ، 8 –  ئەسىرلەردە [ǎn k’u] دەپ ئوقۇلغان ، بۇ خەت ياپونچىغا ئۆز دەۋرىدە تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىنغاندا kon بولغان . بىز بۇنى ئاددىيلا تەلەپپۇز قىلساق  ”كۆنلۆ“ ياكى ”كۆنرۆ “ بولىشى مۈمكىن ( قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ك تاۋۇشىدىن كېيىن ئو تاۋۇشى كەلمىگىنى ئۈچۈن ئۆ تاۋۇشى دىيىلدى) ، بۇلار ” كۆرلۆ ~ كۆرلە“ نامى  بىلەن تامامەن يېقىن كېلىدۇ . بۇ يەردە 11 – ئەسىرگە تەئۇللۇق بولغان kævli  ئاتالغۇسىنى ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ . kævli  ئاتالغۇسى گەرچە كېيىنكى دەۋرلەردە ”كويلا“غا ئۆزگەرگەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولسىمۇ ”كويلا“ تىلشۇناسلىق نوقىسىدىن ”كورلا“غا ئۆزگىرەمدۇ؟ بۇنى تىلشۇنالىق نوقتىسدىن تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . بىز مۇشۇ مۇھاكىمىمىزدە ”كورلا“نىڭ مىلادىيە 13 – ئەسىردىن بۇرۇنقى بىر قەدىمىي ماكان ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ، ”كورلا“ نامىنىڭمۇ 13 – ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ نام ئىكەنگىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز.  ‹‹ كورلا شەھىرى تەزكىرىسى ›› گە قارىغاندا كۈلبەگ قۇچ 1223- يىلى كورلىنىڭ دارۇغاچلىقىغا تەيىنلەنگەن[25] . بەزى كىشىلەر يەنە مەھمۇد كاشغەرىي  ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››دىكى ‹‹kiŋŋüt ›› دىگەن جاي نامىنى ”كورلا“نى كۆرسىتەتتى دەپ قاراشقان ، لېكىن مەھمۇد كاشغەرىي  بۇ شەھەرنى ‹‹ ئۇيغۇر چېگرىسىدىكى بىر شەھەرچىنىڭ ئىسمى ›› [26] دەپ ئىزاھلىغان . ئالىمنىڭ مۇشۇ بايانىنىڭ ئۆزىلا، بۇ نامنىڭ كورلىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، چۈنكى كورلا 11 – ئەسىردە ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىنىڭ چېگرىسىدا ئەمەس بەلكى چېگرىسى ئىچىدىكى شەھەر ئىدى .
. ‹‹  يۈەن سۇلالىسى تارىخى . شايبان تەزكىرىسى››دىكى 坤闾 دىگەن جاينىڭ قەيەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ‹‹ جۇڭگو تارىخى ئاتلاسى ›› دە ناھايىتى ئېنىق ھالدا ھازىرقى كورلا شەھىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى يېزىلغان . تەتقىقاتچى لىۇ يىڭشېڭ ئەپەندىمۇ ‹‹ يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە جاي ناملىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشى ›› [27] ناملىق ماقالىسىدە بۇ قاراشنى قوللىغان .  شۇڭا بىز بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردىكى [2.2] ، [2.3] ، [2.9] چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ئاساسى يوقلىقىنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن ، موڭغۇل لاماسىنىڭ kordi دىگەن چۆرۈگۈچىنىڭ ئىشلىتىلىش ئىمكانىيىتى 13 – ئەسىردىن كېيىنكى دەۋردە بولىدۇ ، 13 – ئەسىردە موڭغۇل لاماسى كورلا رايونىغا كېلىپ ئىبادەتخانە سالدۇرمىغان ، بۇنداق ئىمكانىيەت بار دىگەندىمۇ 15 – ئەسىرلەردە ئاندىن ئىمكانىيەت بولغان . ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ بۇ يەرگە قەدەم بېسىشى 1771 – يىلىدىن كېيىنكى ئىش . شۇنداق بولغاندا kordiنىڭ ”كورلا“غا ئۆزگىرىشى دەۋرىيلىك جەھەتتىنلا ئەمەس تىلشۇناسلىق جەھەتتىنمۇ ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ . كىھلە دىگەن ئەرەبچە ئىبارىدىن كەلگەن دىگەن قاراشمۇ ئاساسى يوق پەرەزدىنلا ئىبارەت ، يۇقارقى قاراشقا ئوخشاش 13 – ئەسىردە ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى تېروتورىيىسىدىكى بۇ زېمىنغا، شۇ دەۋردە ئەرەبچە ئىبارىنىڭ نام بولىشى مۈمكىن ئەمەس ، چۈنكى 13 – ئەسىردە ھازىرقى كورلا رايونىغا ئىسلام دىنى تارقالمىغان ئىدى . مۆشۈك گۆشى ھەققىدىكى ئەپسانىمۇ ئوخشاش رىئالىققا ئۇيغۇن بولمىغان قاراشتۇر. ئاپاق خوجىنى مىسال قىلساقمۇ، ئۇ 17 – ئەسىردىكى تارىخىي شەخس ، بۇ ۋاقىتتا كورلا نامى پەيدا بولغىلى 6 – 7 ئەسىر بولغان ئىدى ، بۇ ئەپسانە قىسمەن كىشىلەرنىڭ  سوپىزىمنى كۆككە كۆتۈرۈش ئۈچۈن توقۇغان توقۇلمىسىدا،  كورلا نامىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ توقۇپ چىقىلغان . كورلا نامىنى ئۇشبۇ ئەپسانە بىلەن چۈشەندۈرۈش ئۆز – ئۆزىنى ھاقارەت قىلغانلىقتۇر.
كورلا نامىنىڭ ھازىرقى تەلەپپۇزى ”كورلا “ نىڭ  تەلەپپۇزىنىڭ مۇقىملىشىشى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ 20 – ئەسىردىكى ، توغرىراقىنى ئېيتقاندا 1950 – يىلىدىن كېيىنكى ئىش دىيىشكە بولىدۇ .
ئۇيغۇر ئالىمى مۇسا سايرامى (1836-1917) 1908 – يىلى يېزىپ تاماملىغان ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› نىڭ  ئالىم ئۆز قەلىمى بىلەن كۆچۈرگەن قوليازمىسىدا  ‹‹كورلا›› دەپ يېزىلغان (دوكتۇر ئاندۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 2004 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 589 – بەتتىكى فاكسىمىلنىڭ 1 – قۇرغا قاراڭ ) . ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ››نىڭ قوليازمىسىدىكى ‹‹ كورلا ›› نامىنى تارىخچى ئەنۋەر بايتور ئۆزى نەشرگە تەييارلىغان ‹‹ تارىخى ھەمىدىي››دە ‹‹ كورلا ››  دەپ ترانسىكرىفىسىيە قىلىدۇ . (مۇسا سايرامى : ‹‹ تارىخىي ھەمىدى ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 1986 – يىلى نەشرى 704 – بەتكە قاراڭ ) . چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇتىخەسىسى ، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› دىگەن كىتابىدا بۇ نامنى ‹‹ كورلا ›› دەپ ترانسىكرىفىسىيە قىلغان ۋە ھازىرقى زامان تىلىغا يەشكەندە ئوخشاش ئالغان  (‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 2004 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 443 – بەتكە قاراڭ ) .  مەن بۇ ھەقتە ئۇستاز دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينى تېلىفۇندا زىيارەت قىلدىم . ئۇ ‹‹ تارىخىي ھەمىدى›دە كورلا دەپ يېزىلغان ، ئۇنىڭ باشقىچە ئوقۇلىشى يوق ›› دىگەن جاۋاب بەردى . ئومۇمەن ئېيتقاندا  20 – ئەسىردە ئاندىن ”كورلا “ نامى مۇقىملاشقان ، لېكىن قىسمەن ئەھۋالدا يەنى kørlø،  kurlä، korla، kurle،kurla  ، kørlä دىگەندەك تەلەپپۇزلىرىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىش مۈمكىن .
قارۇشتى پۈتۈگىدە kroraina  نامىدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2 – ئەسىردىنمۇ بۇرۇن چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى لوپ كۆلىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان بىر شەھەرنىڭ ھەم بىر خاندانلىق  بولغان . بۇ ئاتالغۇ مىلادىيە 2 – ئەسىردە ھىندىستاندىن تارقىلىپ  تارىم ۋادىسىدىكى قىسمەن جايلاردا ئىككى ئەسىردەك قوللىنىلغان قارۇشتى يېزىقى ۋە شۇ يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن تىلدا ئىپادىلەنگەن جاي نامى .  بۇ جاي نامى شۇ دەۋردىكى توغرىراقى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋردىكى خەنزۇچە يازمىلادىكى楼兰   بىلەن بىر جاينىڭ ئىككى خىل يېزىق ۋە ئىككى خىل تىلدىكى خاتىرىسىدىن ئىبارەت . kroraina  بىلەن 楼兰  قىسمەن تاۋۇشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا يېقىن كېلىدۇ . بەزى كىشىلەر kroraina  ترانسىكفىكسىيىسىدىكى k تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ ، دەپ قارايدۇ . بۇ مەسىلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مەن قارۇشتى يېزىقىدىكى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان كىشى ئىسمى ۋە ئۇنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسىنى كۆردۈم . 340- ، 400- ، 427 – پۈتۈكلەردە كۆرۈلىدىغان مۇنۇ تەلەپپۇز خاتىرىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ :
340 – پۈتۈك :   krayana    克罗耶那
427 – پۈتۈك :      kreya      克列耶
قارۇشتىشۇناس لىن مېيسۇننىڭ نەقىل قىلىشىچە، مىلادىيە 2 – ئەسىردىكى گېرىك جۇغراپىيىچىسى پتولمېي يازغان khaurana  نامىمۇ كروران شەھىرىنى كۆرسىتىدىكەن . بۇ شەھەر نامى يەنە سوغداق يېزىقىدا Krw′n دەپ ، ئۇدۇنچە يادىكارلىقتا Raurana  دەپ يېزىلغان ئىكەن . لىن مېيسۇن يەنە ‹‹ قەدىمكى گېرىك، رۇم كىتابلىرىدا خاتىرىلەنگەن ئوتتۇرا ئاسىيا جاي ناملىرى كۆپۈنچە ساك ۋە سوغداق تىلى قاتارلىق ئوتتۇرا قەدىمكى ئىرانىي شەرق تىللىرىنىڭ  تەسىرىگە ئۇچرىغان ›› [28] دەپ يازغان . ئاتاقلىق ئېكىسپىدىتسىيىچى سىتەيىن  krora’imnaنى  krorainaنىڭ باشقىچە يېزىلىشى دەپ قارىغان. ‹‹ بۇ يەردە بايان قىلىنغان克罗来那  چوڭ شەھەرنىڭ جەنۇبىدا . بۇ جاي نامى ، مۇشۇ خارابىدىن تېپىلغان باشقا ئىككى پۈتۈكتىمۇ تىلغا ئېلىنغان، لېكىن يېزىلىشى ئازراق ئوخشىمايدۇ . بۇ ئىككى پۈتۈكتە ، مەن ئىشىنىمەنكى بىرىدىكى جاي نامىنى克罗来那  دەپ تونۇشقا بولىدۇ ›› [29].
ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان قارۇشتى يېزىقى ئېلىپبەسىنىڭ، ماتىرىياللاردىكى باسمىسى ئېنىق بولمىغىنى ئۈچۈنkr نىڭ بىر تاۋۇش ياكى ئەمەسلىگىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىدى ، لېكىن ئېلىمىزدىكى قارۇشتى يېزىقىنى چۈشۈنىدىغان مۇتىخەسىس لىن مېيسۇننىڭ k نى تەللەپپۇز قىلىشى بۇ مەسىلىنى ھازىرچە شۇنداق تونۇشقا بولىدۇ ، چۈنكى k تاۋۇشىنى تەلەپپۇز قىلمايدۇ دەپ قارىغۇچىلار قارۇشتى يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسىگە قاراپمۇ باقمىغان ، تەتقىق قىلمىغان كىشىلەردۇر ، مەن بۇرۇن خەنزۇچە 楼兰گە بەك ئېتىبار بىلەن قارىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ نامنىڭ ئەسلىيسى روران بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم ، لېكىن كېيىنكى ئەمەلىيەت k تاۋۇشىنى ھېسابقا ئېلىش زۈرۈلىگىنى كۆرسەتتى، سوغداق يېزىقىدا ۋە پتولمېينىڭ خاتىرىسىدە  بۇ تاۋۇشنىڭ چېلىقىشى بۇ قارىشىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈدۇ. ‹‹ كروراننىڭ يېڭى تارىخى ›› ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مېڭ فەنرېن ئەپەندىمۇ kroraina  نامىنى تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىپ 库罗来那  [30] دەپ يازغان.
بىز تۆۋەندىكى نام – ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ باقايلى :
krora’imna، krorayina   ،  calmadana،  calmatana  ، navaga avana ،  navaka
kustana ، khotamna ، khodana  argina ، bumniya ( bumni)
بىز مانا بۇلاردىن جاي ۋە مەنسەپ ناملىرىغا na  قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلانغانلىقىنى بايقىيالايمىز ،  na نىڭ تەۋەلىكنى بىلدۈرۈدىغان قوشۇمچە بولىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن . بۇ نۇقتىدا krora’imna  دىگەن ترانسىكفىكسىيىسى دىققەتكە تېخىمۇ سازاۋەر  . ئەگەر  بىز بۇ نامدىكى ئۇلانمىنى چىقىرىۋەتسەك krora  دىگەن شەكلى قالىدۇ . بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىدىكى krora نىڭ korla  بولۇپ قېلىشىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. گېرمانىيىلىك ئالىم ھېرمان ‹‹ كروران ›› ناملىق كىتابىدا كروران سۆزىنى شەھەر دېگەن مەنىدە دەپ قارايدۇ ، ناۋادا ‹‹كرورا›› ئىبارىسى شەھەر دېگەن مەنىنى ئاڭلاتسا ، ئۇ ھالدا ‹‹كورلا››نىڭمۇ قەدىمكى دەۋردە شەھەر دەپ ئاتىلىشى تامامەن مۈمكىن بولىدىغان ئىشتۇر ، بۇ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.
Kævli دىگەن كەنچەكچە ئاتالغۇنىڭ كويلا بولىشى تامامەن مۈمكىن ، چۈنكى ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ››دىكى كەنچەكچە ئىبارە ‹‹چەۋلى››نىڭ ھازىرقى تىلدا چويلا بولغانلىقى بۇنىڭ جانلىق پاكىتىدۇر .  Kævliنىڭ كويلا بولىشى مۈمكىن بولسىمۇ ، ”كويلا “نىڭ ” كورلا“ بولىشىنى تىلشۇناسلىق ئارقىلىق ئىسپاتلىشىمىز لازىم ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ نوپۇزلۇق ئالىمى بولغان گېرمانىيىلىك گۇبائىن خانىمنىڭ ‹‹ قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ›› ، پروفېسسور لى جىڭۋېي قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ قۇچۇ ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ، پروفېسسور لى زېڭشاڭ  قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنىڭ تىل تەزكىرىسى ›› ،  جاۋ مىڭمىڭنىڭ ‹‹ ‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ، دوكتۇر ياڭ فۇشۆ قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ غەربىي دىيار ۋە دۇخان قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات ››  ، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن مۇپەسسەل بايان ›› ، دوتسېنىت ئابلىمىت ئەھەد بۆگۆنىڭ ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ››  قاتارلىق كىتابلىرىنى كۆرۈپ تىل ئاساسى ئىزلىدىم . مۇشۇ كىتابلاردىكى بايانلارغا قارىغاندا ، ”ي“ تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ قالىدىغان ، ”ي“ تاۋۇشى بىلەن ” ر“ تاۋۇشى ئورۇن ئالماشتۇرىدىغان ئەھۋاللىرى بولسىمۇ  ”ي“ تاۋۇشىنىڭ ” ر“   تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدىغان ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ . خۇددى بۈگۈنكى كۈندە ”باي“نى ” بار “ دېگىلى بولمىغاندەك ، لېكىن ئەكىسىچە ” ر“  تاۋۇشى  ”ي“ غا ئايلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . مەسىلەن : بارىمەن ~ بايىمەن ، بىر نى ”بىي“ دېگەنگە ئوخشاش . مانا مۇشۇ خىل ئەھۋاللارغا ئاساسەن ”كويلا“ سۆزىنى ئۆزگىرىپ ”كورلا“  بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ . تىلشۇناسلىق ھەققىدە گەپ بولغاندا، مېنىڭ 1992 – يىلى ” كورلا “  نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ئۈستىدە ئىزلىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى körtlä  سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دىگەن قارىشىم ھەققىدە ئىككى ئېغىز راست گەپنى ئېيتسام ، خاتا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ . گەرچە تىلشۇناسلىق جەھەتتىن  körtlä  سۆزىدىكى t تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ körläگە ئايلىنىشى ، körläنىڭ ”كورلا“نىڭ ئىپتىدائى شەكلى بولىشى تامامەن مۈمكىن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ جايلارغا ئىسىم قويۇش ئالاھىدىلىگىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىگىمدىن بۇ سەھۋەنلىك يۈز بەرگەن . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جايلارغا ئىسىم قويۇش ئالاھىدىلىگىدىن قارىغاندا كۆركەم ، گۈزەل ، چىرايلىق مەنىسىدىكى körtlä  ۋە körklä دىن ئىبارەت ئابىستىراكىت سۆز ئىسىم بولالمايدۇ . ئۇيغۇرلاردا ئىسىم كۆپۈنچە جۇغراپىيىلىك ھالەتلەر ، بەزى تەساددىبى ھادىسىلەر ۋە باشقا جەھەتلەردىن پايدىلىنىپ ئىسىم قويۇلىدۇ .
ئەمدى بىز چاغاتاي ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى يادىكارلىقلار جۈملىدىن بىز يۇقۇرىدا كۆرگەن [1.3] ، [1.8] ، [1.9] مەنبەلەرنى مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، مىرزا شاھ مەھمۇد جوراس ( 17 – ئەسىر ) ، موللا مىر ھالىھ كاشغەرىي  كۆچۈرگەن ‹‹ كاشىغەر تارىخى ›› ( 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ) ، مۇسا سايرامى ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› ( 1908 – يىلى ) قاتارلىق ئۇيغۇرچە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئالساق ‹‹ تارىخى ھەمىدىي››ۋە ‹‹ ئەمىر ئالىي››دىن باشقا ئەسەرلەرنىڭ ئەسلىي قوليازمىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسمىز . ئىككىنچىدىن جاي ناملىرىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى بىلەن خاتىرىلىنىشى يېزىلمىغان ، بۇ جەھەتتىن قېيىنچىلىق ئېغىر . 18 – ئەسىردىكى ئەسەر نەشرگە تەييارلانغاندا، پۈتۈنلەي ھازىرقى تەلەپپۇزدىكى جاي ناملىرى قوللىنىلغان . 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ‹‹ كاشىغەر تارىخى››نى نەشرگە تەييارلاشتا ئەسلىي تەلەپپۇزىدا خاتىرىلەشكە تىرىشقان ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى مەتبۇئاتتا بەزى سوزۇق تاۋۇشلار پەرقلەندۈرۈلمىگەنلىگى ئۈچۈن، ئەسەردىكى ”كورلە “ نامىنى ئويلىنىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئەينى دەۋردە ” ئو“ ۋە  ”ئۆ “ تاۋۇشى پەرقلەندۈرۈلمىگەن . بىز ”كورلە “  نامىدىكى ”لە“ تاۋۇشىنى دىققەت مەركىزىگە قويىدىغان بولساق ، تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتى بويىچە بۇ ئاتالغۇنى ئەسلىدە ” كۆرلە“ ئىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ . ئەگەر بىز 18 – ئەسىردە بۇ ئاتالغۇنى ” كۆرلە“ ئىدى دەپ قارايدىغان بولساق ، ئۇندىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە بۇ نامنىڭ  ”كۆرلە “  ياكى ” كۆرلۆ ( kørlø ، بۇ يەردە پەقەت لوپلۇقلارنىڭ ئاتىشى كۆزدە تۇتۇلدى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆ بىلەن ئۆ  ئاھاڭداش بولۇپ كەلمەيدۇ) “ ئىدى دېيىشكە بولىدۇ ، لوپلۇقلار ئارىسىدا بۇ جاي نامىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى ”كۆرلۆ “ (kørlø) ساقلىنىپ قالغان .
بىز چىڭ سۇلالىسى دەۋرى يادىكارلىقلاردىكى خاتىرىلەر [1.4] ، [1.5] ، [1.6] ، [1.7] لەردە يېزىلغان 勒(龙) 库陇، كېيىنكى ۋاقىتتا مۇقىملاشتۇرۇلغان جاي نامى 库尔勒 نىڭ 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ياكى ئاخىرلىرىدىكى تەلەپپۇزىنى ئىزلەپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئەينى دەۋردىكى 库 خېتىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى كۇ ، كۈ ، كو ، كۆ بوغۇملىرىنىڭ خاتىرىسى دىيىشكە بولىدۇ ، بۇ خەت مىڭ ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە [k‘ u]  دەپ ئوقۇلغان . 陇 خېتى بولسا [lĭwoŋ] دەپ ئوقۇلغان  . دوكتۇر خامىلتون陇   خېتىنى تاڭ دەۋرىدە تۈركىي تىلدىكى rüŋ تاۋۇشىغا توغرا كېلىدۇ دەپ قارىغان. 尔 خېتى [r] دەپ ،勒   خېتى [le] دەپ ئوقۇلغان ، شۇنداق بولغاندا بۇ ئىككى خىل يېزىلىشى مۇنداق ئوقۇلىشى مۈمكىن :
勒(龙) 库陇[k‘ulwole ] ياكى [rüle k‘ u] دۇر ، ئۆز دەۋرىدە Körünglar   دېگەن سۆز ئىدى دېيىلگەن.
库尔勒   [k‘ u r le]
بىز يۇقارقى بايانلىرىمىزنى ئومۇملاشتۇرساق كورلا نامىنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەندىكىدەك يېزىشقا بولىدۇ :
渠梨       [gаliei]坤闾←   [lĭo k‘uæn ]~ kønlø~kønrø
krora’imna  ←krora← 坤闾[lĭo k‘uæn ]~ (kønrø)← kønlø~ kørlø← ← korla
坤闾 [lĭo  k‘uæn ]  ← ←kørlø ~ körlä     كۆرلە←    كورلا
بىز ئېتمولوگىيە ھەققىدىكى بايانلار بۇ يەرگە كەلگەندە ، 2000 يىللار بۇرۇنقى جاي ناملىرى ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىپ قالغانمۇ يوق دىگەن مەسىلە ھەققىدە ئازراق توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ . بىز مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا قارۇشتى پۈتۈگىدە يېزىلغان nina نىڭ نىيا سۈپىتىدە ساقلانغانلىقى ، خوتەن (huatana ) نامىنىڭ ساقلىنىشى ، 鄯善  نامىنىڭ چەرچەن بولۇپ ساقلانغانلىقى ،  تۈبۈتچە خاتىرىدە ئۇچرايدىغان  kadag ~ كاتاك ( كىتىك) نىڭ ساقلىنىشى ، لوپ ( nob) ناملىرىنىڭ ساقلىنىشى ، قەبىلە نامى ئابدالنىڭ يەر نامى سۈپۈتىدە ساقلىنىشى، بىزگە كروران نامىنىڭ ئۆزگەرگەن ھالدا تىلىمىزدا ساقلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئەسلىتىدۇ . كورلا نامى تەلەپپۇز جەھەتتىن كروران (توغرىراقى  krora ، 渠梨  ناملىرىغا يېقىن كېلىدۇ ، 坤闾  بولسا ئوتتۇرا ئەسىردىكى خاتىرىسى . ئۇنداقتا مۇندىن 2000 يىل بۇرۇنقى جاي نامى  krora’imna ( سانسىكىرىتچىلاشمىغان شەكلى krora؟ ) ياكى 渠梨  [ gаliei] (konle~konre) نىڭ قايسىسى كورلا نامىنىڭ ئېتمولوگىيە مەنبەسى بولىشى مۈمكىن ؟ تارىخىي يازمىلار ‹‹ خەننامە ›› ۋە كروران دائىرىسىدىن تېپىلغان خەنزۇچە پۈتۈكلەردە يەرلىك ئاھالە خور ~ غۇر (胡) دەپ يېزىلغان . مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىدىن تېپىلغان تۈبۈت يېزىقىدىكى يازمىلاردا بۇ جايدا يەرلىك ئاھالە خور (hor  (لارنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەن . ئالىملار تۈبۈتچە يازمىلادىكى خور (hor ( لارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلانغان . يازما پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا  كروران ۋە كورلىنىڭ قەدىمكى ئاھالىلىرى غۇر ~ خور(胡)لاردۇر.  ئومۇمەن ئالغاندا  ”كورلا“   2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەردۇر.  ئۇنىڭ نامى 2000 يىلدىن بۇيان تۈرلۈك فونىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىپ ”كورلا“ دىگەن تەلەپپۇز ساقلىنىپ قالغان .
ئىزاھاتلار:
[1] بەن گۇ ‹‹ خەننامە ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 917 – بەت
[2] ‹‹ يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ۋە قارلۇقلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن توپلام ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى خەنزۇچە نەشرى 175 – بەت
[3]شاھ مەھمۇد جوراس ‹‹ سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار ›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1989 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 68 – ، 71 – بەتلەر
[4] ‹‹ ‹غەربىي دىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى›نىڭ شەرھىيسى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 60 – ، 77- بەتلەرگە قاراڭ
[5] شۈ سوڭ ‹‹ غەربىي يۇرتنىڭ دەريا ئېقىنلىرى خاتىرىسى ›› جوڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 2005 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 102 – بەت
[6] شۈ سوڭ ‹‹ غەربىي يۇرتنىڭ دەريا ئېقىنلىرى خاتىرىسى ›› جوڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 2005 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 122 – بەت
[7]‹‹ چىڭگىزنامە ›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 147 – بەت
[8]دوكتۇر ئاندۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 2004 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 443 – ، 444- بەتلەر
[9] دوكتۇر ئاندۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 2004 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 589 – بەتتىكى فاكسىمىلنىڭ 1 – قۇرغاۋە 443 – بەتكە قاراڭ
[10] موللا مۇسا سايرامى : ‹‹ تارىخىي ھەمىدى ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 1986 – يىلى نەشرى 704 – بەتكە قاراڭ
⑿ مەھمۇد كاشغەرىي  ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 3 – توم 599 – بەت
⒀فېڭ چېڭجۈن ‹‹ غەربىي يۇرت يەر ناملىرى ››  خەنزۇچە نەشرى  54– بەت
⒁يۈ ۋېيچىڭ ‹‹ شىنجاڭ مەمۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986 – يىلى خەنزۇچە نەشرى  36 – بەت
⒂ ‹‹ بايىنغولىن تارىخ ماتىرىياللىرى ›› 3 – توپلام 1988 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 167- ، 168 – بەتلەر
⒃ ئىمىن تۇرسۇن ‹‹ بۇلاقتىن بىر ئوتلام ›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2000 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 100 – بەت
⒄نيۇ رۇچېن ‹‹ شىنجاڭنىڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ›› مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتى نەشرىياتى 1994 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 125 – بەت
⒅  جې يۈ جوڭ ‹‹ يەر ناملىرىدىن شىنجاڭغا نەزەر ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 135 – بەت
⒆ نىياز كېرىمى ‹‹ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 146 – بەت
⒇ ‹‹ لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى ›› 1992 – يىلى ئۇيغۇرچە باشمىسى 94 – بەت
[22] بەن گۇ ‹‹ خەننامە ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 66 – بەت
[23] سېن جوڭمىيەن ‹‹ خەننامە غەربىي دىيار تەزكىرىسىدىكى جۇغراپىيىلىك بايانلار ئۈستىدە سېلىشتۇرما شەرھىي  ››  جوڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1981 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 410 – بەت
[24]  ‹‹ جۇڭگونىڭ تارىختىكى ئەمەل مەنسەپلەر لۇغىتى ›› ئەنخۇي مائارىپ نەشرىياتى 1993 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 408 – بەت
[25] ‹‹ كورلا شەھىرى تەزكىرىسى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 11- بەت
[26] مەھمۇد كاشغەرىي  ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 3 – توم 495 – بەت
[27] ‹‹ غەربىي يۇرت تەتقىقاتى ›› 1992 – يىللىق 4 – سان خەنزۇچە  25 – بەت
[28] لىن مېيسۇن ‹‹ غەربىي دىيار مەدەنىيىتى ›› مەشرىق نەشرىياتى 1995 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 25 – بەت
[29] سىتەيىن ‹‹ كروراندىن ئۆتۈش ›› گۇاڭشى پىداگوگىكا ئۇنۋېستېتى نەشرىياتى 2000 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 122- بەت
[30] مېڭ فەنرېن ‹‹ كروراننىڭ يېڭى تارىخى ›› جۇڭگو نۇرلۇق گېزىتخانىسى نەشرىياتى بىلەن يېڭى زىللاندىيە ھوللاند نەشرىيات چەكلىك شېركىرى 1990 – يىلى خەنزۇچە نەشرى  19 – بەت
پايدىلانغان ماتىرىياللار :
1.                               郭锡良著《汉字古音手册》    北京大学出版社1986年汉文版
2.                               王力著《汉语语音史》  中国社会科学出版社1985年汉文版
3.                               马伯乐著《唐代长安方言考》中华书局2005年汉文版
4.                               林梅村著《沙海古卷》            文物出版社1988年汉文版
5.                               哈密顿著《五代回鹘史料》    新疆人民出版社1986年汉文版
ئاماننىساخاننىڭ ھاياتىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر
سۇلتان مامۇت ئىبراھىم
ب د ت پەن -مائارىپ -مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2005 -يىلى 11 -ئاينىڭ 25 -كۈنى «ئىنسانىيەت ئاغزاكىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلىشىگە مۇستەھكەم ئۇل سالغۇچىلارنىڭ بىرى بۈيۈك مۇقامشۇناس خانىش ئاماننىساخاندۇر. ئاماننىساخان 16 -ئەسىردىكى ياركەند سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن تالانتلىق مۇزىكاشۇناس، شائىرە. ئەپسۇسكى ئەينى دەۋرلەردىكى تۈرلۈك سەۋەبلەر، بولۇپمۇ سوفىزم تەرغىباتچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى ۋە زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ مۇبارەك نامى بىر مەزگىلگىچە ئاشكارا ئاتىلىشتىن مەھرۇم بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما سەنئەت سۆيەر ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ سۆيۈملۈك قىزىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدى. بەلكى ئاماننىساخان توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى. مەسىلەن، 1956 -1959 – يىللىرى سابىق جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە تارىخىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەكەن، قەشقەر، قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئاماننىسا بېگىم ناملىق بىر شائىرە توغرىسىدا ھېكايە -رىۋايەتلەرنى توپلىغانلىقى بۇنىڭ روشەن دەلىلى.كىشىلەر ئون ئىككى مۇقامنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما» دېگەن ھېكمەتلىك تەمسىلىنىڭ روھى بويىچە ئاشۇ مۇقاملارنىڭ ئەينى دەۋردىكى بۈيۈك پەرۋىشكارى، مۇقام ئۇستازى، خانىش ئاماننىساخاننى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ئەسلىمەي تۇرالمايمىز. مۇشۇنداق ئەسلەش ئارقىلىق ئاماننىساخاننىڭ ھايات پائالىيەتلىرىگە دائىر بەزى مەسىلىلەرنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قەيسەر، جۇشقۇن، غەيرەتلىك خاراكتېرى، بىلىم ئىگىلەش جەھەتتىكى ئۆزگىچە تالانتى، شائىرلىق، خەتتاتلىق ۋە مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدە ماھارىتى قاتارلىقلارنىڭ يېتىلىشىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن ئەينى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئائىلە مۇھىتى توغرىسىدىكى مۈجىمەللىكلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە توغرا ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئۆتۈش كېرەك، دەپ قارايمىز. بۇ ئەۋلادلارنى ۋەتەننى، خەلقنى، ئىلىم -پەننى ۋە ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قىزغىن سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيىلەشتە، شۇنداقلا ئۇلارنى تۆھپىكارلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈشتە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
بۇ يەردە ئالدى بىلەن شۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، گەرچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ80-يىللىرىدىن باشلاپ ئاماننىساخان توغرىسىدا بەزى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلارنىڭ خېلى بىر قىسمى قانداقتۇر ئايرىم كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىلمىيلىكتىن پۈتۈنلەي چەتنىگەن ھالدا خىيالنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي تارىخىي شەخس بولغان ئاماننىساخان بەزى كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ بەزى قېرىنداش مىللەت كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدە خىيالىي شەخسكە ئايلىنىپ قېلىپ، بۇ مەشھۇر مۇقام ئۇستازىنىڭ ھەقىقىي تارىخىي شەخس ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغان ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقتى. مەسىلەن، بىرقانچە يىل ئىلگىرى قېرىنداش مىللەتتىن بولغان ھەمدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرگە بىرقەدەر تونۇشلۇق بولغان بىر ئەپەندى كىشىلەر توپلاشقان بىر سورۇندا:«ئاماننىساخان تارىختا ئۆتكەن كىشىمۇ ئەمەسمۇ، بۇ تېخى بىر مەسىلە»دەپ ئوتتۇرىغا قويغاندا، گەرچە مەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئاماننىساخان توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات قالدۇرۇلغان «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»، «چىڭگىزنامە»قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەردىكى پاكىتلار ۋە خەلق ئىچىدە داۋاملىشىپ كەلگەن «ئاماننىسا بېگىم» توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ھېلىقىدەك ئورۇنسىز گۇمانلارغا قايىل قىلارلىق دەرىجىدە رەددىيە بەرگەن بولساممۇ، ئەمما كۆڭلۈمدە ئۇزۇنغىچە بىر خىل غەشلىك ساقلىنىپ قالغانىدى. چۈنكى، ئاماننىساخاننىڭ ھەقىقىي تارىخىي شەخس ئىكەنلىكىدىن ئايرىم كىشىلەرنىڭ گۇمانلىنىشىغا ھەقىقەتەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، بەزىلەرنىڭ تارىخى ئەسەرلەرنى ئوبدانراق ئۆگىنىپ، ئۇلارنى چوڭقۇرراق تەتقىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ خاھىشى بويىچە قىلچە ئىلمىيلىكى بولمىغان غەلىتە تۇترۇقسىز ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى سەۋەب بولغانىدى. بۇ خىلدىكى ھۆكۈملەرگە تۆۋەندىكىلەرنى يەنى ئاماننىساخاننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى دەپ ھۆكۈم قىلىنغان «قومۇش مەھەللە»نىڭ ئاماننىساخان تۇغۇلغان16 -ئەسىردە ئەمەس، بەلكى 20 -ئەسىرنىڭ 30 -يىللىرىدا پەيدا بولغان مەھەللە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دەرھال «غاز كۆلى»گە ئالماشتۇرۇلۇشى، ئاماننىساخاننىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن تارىخىي كىتابلاردا دېيىلمىگەن، ئەمما ھازىرقىلارنىڭ خىيالى بويىچە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامرات مەنىسىدىكى «كەمبەغەل» دېگەن سالاھىيەتكە ئىگە قىلىنىشى، تارىخچىلار ئېتىراپ قىلغان ئاماننىساخاندىكى مول بىلىملەرنىڭ ئاشۇ «تەكلىماكان بويىدا» گويا غايىبتىن پەيدا بولۇپ قالغاندەك تەسۋىرلىنىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
تارىخىي مەلۇماتلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پاكىتلىق ھۆكۈملىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاماننىساخان تەخمىنەن 1526 -يىلى قەدىمىي شەھەر ياركەنتتە تۇغۇلغان. 1560 -يىلى ۋاپات بولغان. تارىخىي مەلۇماتلار گەرچە يۇقىرىقىدەك بولسىمۇ، ئەمما بەزىلەر ئاماننىساخاننى قانداقتۇر 1520 -يىلى تۇغۇلغان، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، ئاماننىساخان 40 يېشىدا ۋاپات بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىز «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دىكى مەلۇمات بويىچە ئاماننىساخاننىڭ 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى «0251 -يىلى» دەپ بېكىتسەك، ئۇ ھالدا ئاماننىساخان 1554 -يىلى ۋاپات بولغان بولىدۇ. ئەمما «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دا ئاماننىساخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ قاتتىق ئازابلىنىپ، سەۋدايىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دەرۋەقە ئابدۇرەشىتخان 1533 -يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، 27 يىلدىن كېيىن يەنى 1560 -يىلى ۋاپات بولغان. مانا بۇ مەلۇماتلاردىن ئاماننىساخان بىلەن ئابدۇرەشىتخاننىڭ بىر يىل ئىچىدە، يەنى 0651 -يىلى ئىلگىرى -كېيىن ۋاپات بولغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. دېمەك، يۇقىرىقى ھېسابات بويىچە، ئاماننىساخان قانداقتۇر 1520 -يىلى ئەمەس، بەلكى 1526 -يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ. «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»نى ئەينى ۋاقىتتا نەشرگە تەييارلىغۇچىلارمۇ بۇ رىسالىدىكى ئاماننىساخان توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ:«بىرمۇنچە پاكىتلار مۆجىزىنىڭ ئاماننىساخان توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياركەنت سەئىدىيە خانلىقى مىلادىيە 1514 -يىلىدىن 1682 -يىلىغىچە، يەنى 1514 -يىلى 9 -ئاينىڭ 15 -كۈنى مىرزا ئابابەكرىنىڭ 48 يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى ۋە سەئىدخاننىڭ خان قىلىپ تىكلەنگەنلىكى جاكارلىنىپ، تاكى 1682 -يىلى ئافاق غوجا (ھىدايىتىللا ئىشان) جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ ھەربىي ياردىمىدە ئاخىرقى خان (11 -خان) ئىسمائىل خاننى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانغا قەدەر 168 يىل داۋاملاشقان. ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ شىمالدا يەتتە سۇ، پەرغانە ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆلگىچە، جەنۇبتا تىبەت -كەشمىرلەرگىچە، غەربتە بەدەخشانغىچە، شەرقتە قۇمۇلغىچە بولغان كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پەقەت ئۇيغۇر ئېلى رايونىدىلا پايتەخت ياركەنتتىن تارتىپ قەشقەر، يېڭىسار، خوتەن، كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، قارا شەھەر، قۇمۇل ۋە بۈگۈرلەر ئاساسىي شەھەرلەردىن ھېسابلانغان.«تارىخى رەشىدىي»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەئىدخان دەۋرىدە خەلققە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ۋە بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە قارىغاندىمۇ خېلىلا ئادىل ھېسابلىنىدىغان »پادىشاھلىقنىڭ 10 شەرتى« قاتارلىق بىر يۈرۈش قانۇن -تۈزۈملەر ئېلان قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغاندىن باشقا يەنە مەرىپەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن. ئاشۇ دەۋردە ياركەنت شەھرىدە قۇرۇلغان 2 -خانلىق مەدرىسە «ئالتۇن مەدرىسە»دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنى يەكەندىكى ھازىرقى ئالتۇن باشلانغۇچ مەكتەپ دائىرىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئابدۇرەشىتخان تەختكە چىققاندىن كېيىنمۇ سەئىدخاننىڭ ئىشلىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە بىرمۇنچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. شۇنداقلا ئۇمۇ مەرىپەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەدرىسە -مەكتەپلەرنى كۆپەيتكەن. ئابدۇرەشىتخاننىڭ «تارىخى رەشىدىي»نىڭ ئاپتورى مىرزا ھەيدەر كۆرەگاننىڭ نامىغا ئاتاپ بىنا قىلدۇرغان «مىرزا ھەيدەر مەدرىسە»سى ياركەنت شەھىرىدىكى 2 -خانلىق مەدرىسە بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنى ھازىرقى يەكەن بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى قورۇسىنىڭ شەرق تەرەپ دائىرىسىگە توغرا كېلىدۇ.
سەئىدخان بىلەن ئابدۇرەشىتخان دەۋرىدىكى (ئاماننىساخان ئۆسۈپ -يېتىلىۋاتقان چاغلاردىكى)ۋەزىيەت 1989 -يىلى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قىسقىچە تارىخىغا ئائىت مەجمۇئە -«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى يېزىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر كىتابتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ:«سەئىدخان بىلەن ئابدۇرەشىتخان دەۋرىدە ياركەنت خانلىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىگىلىك تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى»، «سەئىدخان بىلەن ئابدۇرەشىتخان بىرقەدەر يۇقىرى ئەدەبىي تالانتقا ئىگە، مېڭىسى سەگەك، خانلىقنىڭ ئامانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دانا خانلار ئىدى»، «ئابدۇرەشىتخان تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىنمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنىدى. شۇ دەۋردىمۇ جايلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولغان. بەزى جايلار تېخىمۇ گۈللەنگەنىدى» دەپ كۆرسىتىلگەن (مەزكۇر كىتاب، 325 -326 -بەتلەر).دېمەك، سەئىدخان تەختكە چىقىپ 12 يىلدىن كېيىن دۇنياغا كۆز ئاچقان ئاماننىساخان يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، ئەنە شۇنداق ياخشى بىر شارائىتتا ئۆسۈپ -يېتىلىپ، ئەتراپلىق تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئاماننىساخاندەك بۇنداق ياپياش بىر قىزدىكى شېئىر، مۇزىكا، خەتتاتلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدە بىلىم ۋە ماھارەتلەرنىڭ شۇ دەۋردىكى بىلىم ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان ياركەنت شەھىرىدىن يىراق بىر سەھرادا يېتىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسىگە ئايان، ئەلۋەتتە.
تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاماننىساخاننىڭ دادىسى ئەسلىدە بەزىلەر يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى ئوخشاش شەكىلدە تەكرارلاپ كەلگەندەك «كەمبەغەل ئوتۇنچى» بولماستىن، بەلكى شۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدە ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بىرى بولغانلىقى مەلۇم. شۇنداقلا بۇ كىشىنىڭ ئابدۇرەشىتخان تەختكە چىقىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بەزى ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، شەھەردىن يىراق بولغان تەكلىماكان بويىدىكى كونا تاتا (ھازىرقى قارا سۇ) يېزىسىنىڭ شاخ تاتا (ھازىرقى شاپتۇللۇق) كەنتىگە كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقانلىقىمۇ ئايدىڭلاشماقتا. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇنىڭدىن بىرقانچە ئەسىر ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، ھەتتا ھازىرمۇ بۇ يېزىلاردا ئاھالىنىڭ نىسبەتەن شالاڭ، دەل -دەرەخ ۋە يېقىلغۇ ماتېرىياللىرىنىڭ بىرقەدەر كۆپلۈكى سەۋەبىدىن ئوتۇن ئېلىم -سېتىمىنىڭ بولمايدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن مەخسۇس «ئوتۇنچى» كەسپىنىڭمۇ مەۋجۇد ئەمەسلىكى بىر پاكىت. شۇڭا «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دىكى «مەھمۇد ئاتلىق ئوتۇنچى» دېگەن باياندىكى «ئوتۇنچى» ئاتالغۇسىنىڭ شۇ چاغدا زادى قانداق مەنىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئوبدان ئويلىنىپ بېقىش كېرەك. «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دا كۆرسىتىلگەندەك، بۇ ئائىلىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 15 -ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىدىن تارتىپ فۇزۇلى قاتارلىق باشقا شائىرلارنىڭ قىممەت باھالىق ئەسەرلىرىگىچە، شۇ دەۋردە كەم تېپىلىدىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئايرىم ئوقۇمۇشلۇق ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى يار بېرىدىغان ئائىلىلەردىلا بولىدىغان قەغەزدىن تارتىپ، دۈۋەت، قەلەم قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە تەمبۇر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلارغىچە ساقلانغانلىقى يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ھەقىقەتەن بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئابدۇرەشىتخان تەكلىماكان بويىغا جايلاشقان ۋە «شاخ تاتا» (ئەسلىدە شاخ تارتار) دەپ ئاتىلىدىغان ئەنە شۇ خىلۋەت كەنتتە ئاماننىساخان بىلەن ئۇچراشقان. بۇ 1539 -يىللارغا توغرا كېلىدىغان ۋەقە بولۇپ، بۇ چاغدا ئاماننىساخان 13 -14 ياشلاردا، ئابدۇرەشىتخان 28 ياشتا ئىدى. بۇ ياش قىزنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدە تالانتى، چىرايلىق ھۆسنخەتلىرى، تەڭتۇشلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىلىمى ۋە شائىرلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس بولغان ھايالىق سۆز -ھەرىكەتلىرى ۋە گۈزەل رۇخسارى ئەسلىدە شائىر، مۇزىكانت ۋە ئىلىم ئەھلى بولغان بۇ ياش پادىشاھتا ئالاھىدە بىر خىل قىزىقىش ۋە زوقمەنلىك قوزغىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاماننىساخان سۇلتان ئابدۇرەشىتخانغا بېغىشلاپ يازغان:
سەڭا يۈز شۇكۇر يارەب بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ،
فەقىر -مىسكىنغە ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ.
نەفىسى كېچە -كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقدىسىغە،
كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىغ گۇناھ قىلدىڭ.
قاتارلىق شېئىرلىرىنى پەنجىگاھ مۇقامىغا سېلىپ، تەمبۇر بىلەن ئورۇنلىغاندا، ئابدۇرەشىتخاندىكى ھەيرانلىق ۋە زوقلىنىش چېكىگە يەتكەن. ئاخىردا «نەفىسى» تەخەللۇسلۇق شائىرەنىڭ دەل ئاشۇ ئاماننىساخان ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئابدۇرەشىتخان ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا نىكاھىغا ئالغان. بۇ ۋەقە تەخمىنەن 1540 -يىلىغا توغرا كېلىدۇ.بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاماننىساخاننىڭ يۇقىرىقى شېئىرى قانداقتۇر تارىختىكى بەزى ئوردا شائىرلىرىدەك خاننى زورمۇزور مەدھىيىلەپ يازغان سۈنئىي مەھسۇلات بولماستىن، بەلكى ئۇ ئۆزى بىۋاسىتە كۆرگەن، ئاڭلىغان، ھېس قىلغانلىرى بويىچە ئۇنىڭ قەلبىدە ئابدۇرەشىتخانغا نىسبەتەن پەيدا بولغان ھەقىقىي رازىمەنلىك ۋە ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىنىڭ تەبىئىي مەھسۇلى بولغاندىن باشقا يەنە ئۇ ئاۋام -پۇقرانىڭ ئابدۇرەشىتخانغا بولغان يۈرەك ساداسىنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى ئىپادىلىنىشى ئىدى. دېمەك، يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا، ئاماننىساخان بىلەن ئابدۇرەشىتخاننىڭ نىكاھ ئىشى قانداقتۇر مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان بولماستىن، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن ۋۇجۇتقا چىققان مۇھەببەتلىك نىكاھ بولغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىللە شېئىر ۋە مۇزىكىغا بولغان ئورتاق ھەۋەس كېيىنكى چاغلاردىمۇ بۇ ئىككىيلەننى بىر -بىرىگە مەھكەم باغلاپ تۇرغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاماننىساخان ئوردىغا كەلگەندىن كېيىن ئىككى خىل تەبىقىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ بىرى چوڭ خانىش -چۈچۈك خانىم باشچىلىقىدىكى يۇقىرى تەبىقە ئاياللىرى، يەنە بىرى تەركىدۇنياچى مۇتەئەسسىپ سوپى -ئىشانلار. «چىڭگىزنامە»دە كۆرسىتىلىشىچە، خاننىڭ ئاماننىساخاننى نىكاھىغا ئېلىشىغا ئالدى بىلەن چوڭ خانىش چۈچۈك خانىم قارشى چىققان. چۈچۈك خانىمنىڭ بۇنداق قىلىشىدا كۈندەشلىكنىڭ مۇھىم سەۋەب بولغانلىقى ئەلۋەتتە چۈشىنىشلىك. يەنە بىر تەرەپتىن سوپى -ئىشانلار، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇتەئەسسىپ تەركىدۇنياچى مەزھەپتىكىلەر خاننىڭ قوللىشى بىلەن بولۇۋاتقان مۇقاملارنى رەتلەش ئىشلىرىغا ئاشكارا قارشى چىقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما تىغ ئۇچىنى ئاماننىساخانغا قارىتىپ يوشۇرۇن پىتنە -پاسات تارقىتىپ تۇرغان. چوڭ خانىشنىڭ ئاماننىساخاننى ھاقارەتلەپ «لولى» دەپ ئاتىشى ئەمەلىيەتتە ئەينى دەۋرنىڭ يۇقىرى تەبىقە غەيۋەتچى ئاياللىرى بىلەن سوپى -ئىشانلارنىڭ تۈرلۈك سورۇنلاردا بىرلىكتە تارقىتىپ يۈرگەن پىتنە -پاساتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى، خالاس. «چىڭگىزنامە»دىكى باشقا مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئون ئىككى مۇقام»نى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنى ئوبدان بىلىدىغان، شۇنداقلا مۇزىكا ماھىرى بولغان ئابدۇرەشىتخان ئاماننىساخاننىڭ ئوردىدا سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشىگە ۋە مۇقاملارنى رەتلەش ئىشلىرىغا باشتىن -ئاياغ كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، ئون ئىككى مۇقامنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك رەتلىنىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.
ئاماننىساخان ئوردىدا خانىش بولۇپ 20 يىل تۇردى. ئۇ ۋاقتىنى تارىختا ئۆتكەن بەزى خانىشلاردەك ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلماستىن، بەلكى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بېغىشلىدى. ئاماننىساخان يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ئوردىغا كەلگەندىن كېيىن ئابدۇرەشىتخاننىڭ قوللىشى ۋە يەنە بىر مۇقام ئۇستازى، ماھىر مۇزىكانت، ھەشتار قاتارلىق بىرقانچە چالغۇ -ئەسۋابلارنىڭ ئىجادچىسى ۋە يېڭىلىغۇچىسى، شائىر ۋە مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، ئابدۇرەشىتخاننىڭ يېقىن دوستى، ئوردا ۋەزىرى قىدىرخان ياركەندىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى ئارقىسىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل -پاراسىتى ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ، مۇقامچىلارنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ، مۇقاملارنى رەتلەش ۋە تېكىستلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋە جاپالىق ئىلمىي ئەمگەكنى تەشكىللىگەن ۋە قانات يايدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆزىمۇ دائىملىق ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، «ئىشرەت ئەنگىز»(خۇشاللىق قوزغىغۇچى)ناملىق مۇقامنى ئىجاد قىلغان. «نەفىسى» تەخەللۇسى بىلەن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان ھەمدە «دىۋان نەفىسى» (نەفىسى شېئىرلار توپلىمى)نى تۈزگەن. شائىرلىق، خەتتاتلىق، نەغمىچىلىك توغرىسىدىكى «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلبلەر شەرھى)، خانىم -قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازغان. شۇنداق قىلىپ ئاماننىساخان ئۆزىنىڭ تەخەللۇسىدىن تارتىپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋە يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ئىسمى ۋە مەزمۇنىغىچە راستچىللىقنى، گۈزەللىكنى، خۇشاللىقنى تەرغىب قىلغان ھەمدە ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش، تېكىستلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى غەلىبىلىك تاماملاپ ۋە ئۇنى خەلق ئىچىگە تارقىتىش ئارقىلىق جاھالەتپەرەسلەرگە ھەقلىق يوسۇندا رەددىيە بەرگەن.بۈيۈك مۇقام ئۇستازى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ئاماننىساخان باشلىغان ۋە راۋاجلاندۇرغان. ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشى ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە يەنە بىر قېتىم باشقىچە قانات يېيىپ، نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. ئون ئىككى مۇقامنى مۇزىكا ۋە تېكىست جەھەتتە يەنە بىر قېتىم رەتلەش ئىشى غەلىبىلىك تاماملاندى. ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە 1989 -يىلى 5 -ئاينىڭ 18 -كۈنى ئۇيغۇر ئېلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى ھەمدە شۇ يىلى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىملىق مۇقام تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 1992 -يىلى 8 -ئاينىڭ 5 -كۈنى يەكەندە ئېچىلغان 2 -نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئېلى مۇقام تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەتقىقات مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى بىلەن ناھايىتى زور تەسىر قوزغىدى ھەمدە تاللانغان ماقالىلەر توپلىمى -»ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە« دېگەن كىتاب نەشر قىلىپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا ئاماننىساخان تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەدىمىي يۇرت يەكەندە ئۇنىڭ مەقبەرىسى قايتىدىن ياسالدى ۋە ھەيكىلى تۇرغۇزۇلدى. بۇ، تارىختا مۇشۇ يۇرتتا بىر مەدەنىيەت -سەنئەت ئەربابىغا، شۇنداقلا بىر ئالىمغا ئاتاپ تىكلەنگەن تۇنجى ئابىدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۇيغۇر ئېلى مۇقام ئانسامبىلى بىرقانچە يىلدىن بېرى ياۋروپا، ئاسىيا قىتئەلىرىدىكى بىرمۇنچە ئەللەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاش ئارقىلىق ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا، چد، دۋد، ۋچد پلاستىنكىلىرى ئىشلىنىپ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. 2004 -يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدە ئۈچ ئىلمىي جەمئىيەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، »ئۇيغۇر ئېلى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى« قۇرۇلدى. جۈملىدىن ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى يەكەندىمۇ 2003 -يىلىدىن باشلاپ خەلق ئارىسىدىكى مۇقامچىلارنىڭ ئون ئىككى مۇقامنى ئورۇنلىشى بويىچە مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، باھالاش ئارقىلىق تاللانغان خەلق مۇقامچىلىرى گۇرۇپپىسى، قەشقەر، بېيجىڭ، سۇجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئون ئىككى مۇقامنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرقى ھېسابتا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ دۇنيا بويىچە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسى ئىكەنلىكى جاكارلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى دۇنيا بويىچە تەنتەنىلىك نامايان قىلىندى. شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ 16 -ئەسىردىكى بۈيۈك پەرۋىشكارى، قەيسەر ئۇيغۇر قىزى، مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخاننىڭ مۇبارەك نامى ئاشۇ مۇقاملارنىڭ ئاجايىپ جەلپ قىلارلىق كۈيلىرى بىلەن بىللە پۈتۈن دۇنيادا مەڭگۈ جەۋلان قىلغۇسى!
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مىرزا ھەيدەر كۆرەگان يازغان «تارىخى رەشىدىي»نىڭ بابلىرى ئۇلاپ ئېلان قىلىنىۋاتقان »بۇلاق« زھۇرنىلىنىڭ 2002 -يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان سانلىرى.
شاھ مەھمۇد جوراس:«سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1989 -يىل نەشرى.
موللامېرسالىھ كاشغەرى:«چىڭگىزنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى. 1986 -يىلى نەشرى.
موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللانېمەتۇللا مۆجىزى:«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982 -يىلى نەشرى.«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۇيغۇر ئېلى خەلق نەشرىياتى، 1989 -يىلى نەشرى. ئىبراھىم نىياز:«تارىختىن قىسقىچە بايانلار« قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988 -يىل نەشرى.
ھاجى نۇر ھاجى:«يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ئۇيغۇر ئېلى خەلق نەشرىياتى، 1993 -يىلى نەشرى.
سۇلتان مامۇت ئىبراھىم:«ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر ئېلى سەنئىتى» زھۇرنىلى 1994 -يىللىق 5 -سان. ئابدۇقادىر داۋۇت:«ئاماننىساخاننىڭ سەھرادىكى يۇرتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر ئېلى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» زھۇرنىلى، 1996 -يىللىق 3 -سان بىلەن «ئۇيغۇر ئېلى ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1997 -يىللىق 1 –سانى.